logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە يولۇچىلارنىڭ كىملىكى كىرگۈزۈلگەن بېلەت سېتىلماقچى

 

 مېھرىبان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2014-يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىمۇ يولۇچىلارنىڭ كىملىكى كىرگۈزۈلگەن ئېلېكترونلۇق بېلەت سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بېلەت تەكشۈرگەندە يولۇچىلارنىڭ بېلەتتىكى ئىسمى بىلەن كىملىكتىكى ئىسمى سېلىشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن 21-ئىيۇل تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە قاراشلىق يولۇچىلار قاتناش بېكەتلىرىدە بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلمايدىغانلىقى، پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق بولغان 119 ئۇزۇن يوللۇق قاتناشنىڭ 101 ئىدە كىملىكى بويىچە ئېلېكترونلۇق ئاپتوبۇس بېلىتى سېتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئەمەلىيەتتە 2012-يىلىلا كىملىككە قاراپ بېلەت سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ھازىرغا قەدەر رايوندا يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندا كىملىكىنى كۆرسىتىپ بېلەت سېتىۋالىدىغان، تەكشۈرگۈچىلەر يولۇچىلاردىن كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە شۇ كىشىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىۋالىدىغان ئېلېكترونلۇق بېلەت سېتىش تۈزۈمى بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-07222014165446.html

Share
1587 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.