logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا 16 دوختۇرخانا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى داۋالاش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن

خەلقئارادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-يانۋار كۈنى خىتايدا بۇ ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 26 نەپەرگە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 887 نەپەرگە يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىرۇس مەسىلىسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ زادى قانچىلىك دائىرىدە كېڭەيگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمان ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرمۇ رايوندا ئىككى كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ كارانتىنغا ئېلىنغانىقىنى ئېلان قىلغان. بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىلارنى داۋالاش بويىچە 16 دوختۇرخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇندىن باشقا يەنە دىياگنوز قويۇش نۇقتىسى ۋە 212 داۋالاش ئاپپاراتىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېرىكتارى چېن چۈەنگونىڭ يېتەكچىلىكىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. چېن چۈەنگو سۆزىدە سىياسىي يۈكسەكلىكتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىدىن تەۋرەپ كەتمەسلىكنى، مۇقىملىققا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان بۇ تەدبىرلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ جىددىيلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن ئادرىيان زېنز ۋە جەيمىس مىلۋارد قاتارلىقلار ئەگەر بۇ ۋىرۇس ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامىلىپ ياتقان لاگېرلارغا تارقالغان تەقدىردە يۈز بەرگۈسى پاجىئە ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/wuxen-virus-01242020181641.html

Share
10053 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.