logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلەنگەن، ئەمما سەددىچىننىڭ ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن رامىزان سىياسىتى

dua3

قۇتلان

بۇ يىللىق رامىزان كىرىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمىلىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلمەكتە

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىللىق رامىزانغا ئېغىر سىياسىي بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە كىرىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، رامىزان ئېيى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قىسىم ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن

بەزى ناھىيەلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆز تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان كادىرلىرىنى يەپ-ئىچىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم

بورتالا ئوبلاستلىق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى ئۆز تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى «رامىزانلىق كاپالەتنامە» يېزىپ، روزا تۇتماسلىق ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

تۇرپان ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىمۇ ئۆز تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئىدارە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان مەمۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. قاراقاش ناھىيەلىك ھاۋارايى ئىدارىسىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىدارە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «رامىزانلىق كاپالەتنامە» يېزىپ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بورتالا ئوبلاستلىق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىغا چىقارغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى يىغىن ۋە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، مەكتىپىمىزدىكى ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ روزا تۇتۇشىغا ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەردە مەكتىپىمىزدە بۇنداق ئەھۋال بايقالسا، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئورنى ۋە سالاھىيىتى بىردەك بىكار قىلىنىدۇ.»

dua

ھالبۇكى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردە روزا تۇتۇشقا دائىر ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتە يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا روزا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ ئاشخانىسى كۈندە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق غىزا تەييارلاپ بەرگەن. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا روزا تۇتقۇچىلارنى مەكتەپ ئاشخانىسى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ، زىيارىتىمىز جەريانىدا شاڭخەي ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردا روزا تۇتىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ يىل قانداق بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە، غەربىي شىمالدىكى لەنجو قاتارلىق شەھەرلەردە ئەھۋالنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشتەك بىر قىسىم دىنىي پائالىيەتلىرىگە مەلۇم چەكلىمىلەر پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسۇلمانلار ئاساسىي سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشى، ئەمما سەددىچىننىڭ ئىچىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئىبادەتلىرىگە نىسبەتەن چەكلىمە بولماسلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايونلار ئارا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىكى پەرقلەرنى ئاشكارا قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/ramizan-07032014144919.html

Share
2569 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.