logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا «قوش تىل» مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ، يەسلى بالىلىرى 3 مىليونغا يېقىنلاشقان

indir
دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «قوش تىل» مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانىنى 2 مىليوندىن ئاشۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 2014-يىل ئاخىرىغىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە «قوش تىل» سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 830 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.98 ئاشقان.

دائىرىلەر بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، قوش تىل سىنىپلىرىنى كېڭەيتىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشنى مۇقىملىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىماقتا. بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qosh-til-02122015154045.html

Share
2493 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.