logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش» جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان 11 دېلونىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

41c24b6d-0a5c-469e-860f-01d2074957fe

تەڭرىتاغ تورى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش» جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان 11 دېلونىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خەۋەردىن قارىغاندا، قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللار، ئۈن-سىن پلاستىنكىلىرى، كىتاب-نەشر بۇيۇملىرىنى كۆچۈرۈش، تارقىتىش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەر خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، ئاقسۇ، خوتەن ئىلچى ناھىيىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە پۇل جازاسى بىلەن جازالانغان

مەزكۇر تىزىملىك خىتاي دۆلەتلىك «سېرىق ۋە قانۇنسىز مەزمۇنلارنى تازىلاش ئىشخانىسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ 11 دېلونىڭ جەمئىيەتكە سالغان زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

بىراق، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ماتېرىيال، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۈجمەل ئاتالغۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاساسىي دىنىي ئەركىنلىككە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-din-09252014165915.html

Share
1965 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.