logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلەر ئازىيىپ، قېچىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

6fd021d4-f61a-4c76-b5db-16c0cd15ced6

 مېھرىبان 

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كۆپەيگەن خىتاي ساقچىخانىلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 29 – ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ۋەقەسى، 22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى ۋە 28 – ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرى بولغان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە قېچىشى، تىجارەت ۋە بېيىش پۇرسىتى ئىزدەپ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ ئازىيىشى، ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن جۇڭ فامىلىلىك خىتاي تىجارەتچىسى 28 – ئاۋغۇست رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «شىنجاڭغا ئەمدى ئادەم كەلمەيدۇ. ئارقا – ئارقىدىن بۇنداق كۆپ ۋەقەلەر چىقتى. بۇ يىلقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نىسپەتەن كەڭ دائىرىلىك بولدى. قەشقەردىكى ئۆيلەر سېتىلمايۋاتىدۇ، قەشقەرگە باشقا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر كېتىۋېتىپتۇ. خىتاي بولسىلا بۇ يەردىن كېتىۋېتىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، ھۆكۈمەت تەرەپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كېتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرمەيۋېتىپتۇ، ئەمما رەسمىيەت بېجىرىپ بەرمىسىمۇ ئۇلار يەنىلا كېتىۋېتىپتۇ» دېگەن. جۇڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي سودىگەر يەنە، خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى ئەنسىزلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ،«كېچىدە قاراڭغۇ جايلارغا بېرىشقا پېتىنالمايمىز. بەك يوچۇن جايلارغىمۇ بارالمايمىز، ئەسلى بىز جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىمەكچى ئىدۇق، ھازىر بېرىشقا پېتىنالمىدۇق» دېگەن

22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت ئىدارىسى «شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەرگە 500 سوم مۇكاپات بېرىلدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەمما رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەن فامىلىلىك ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«ساياھەتچىلىك ئىشلىرى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ يىلقى ساياھەتچىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 90% ئازىيىپ كەتتى. بۇلتۇر بىرئاز ياخشى ئىدى. بۇ يىلقى ۋەقەلەر ساياھەتچىلىككە قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۈرۈمچى ئىلگىرى كېچە بولماس شەھەر ئىدى. ھازىر كەچلىك بازارلار تاقالدى. سىرتتىن كەلگەن تىجارەتچىلەر دۇكىنىنى تاقاپ كېتىپ قالدى، ھەتتا بۇ يەرلىك خىتاي پۇقرالىرىدىنمۇ دۇكانلىرىنى تاقىغانلار ئاز ئەمەس. قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ساياھەتچىلىكى پۈتۈنلەي بەربات بولدى» دەپ جاۋاب بەرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-kochmen-08282014233843.html

Share
1768 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.