logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇشمۇ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت سانالماقتا

image (1)خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ۋە تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ چىقارغان دىنىي سىياسەتلىرىگىمۇ خىلاپ چارە-تەدبىر ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلىمەكتە. ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى چوڭ-كىچىك مەسچىتلەرگە، كوچا تاملىرىغا «رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بولىدۇ» دېگەن تۈزۈملەر چاپلىنىپ، ئۆز مەھەللىسىدىن باشقا مەھەللىدىكى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇغانلارمۇ تەقىپلىنىۋاتقان ئىكەن. جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كىملىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئېگىلگەن مەلۇماتلار دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىمىز دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھۇجۇملىرى ۋە قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە تارتقان ئىدى،6-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىن سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىردى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلاردىن بىرى، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلدى، مارالبېشىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن بىر دېھقان بۇ جۈمە نامىزىدا دائىرىلەرنىڭ جۈمەگە كىرگەن جامائەتنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى:
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشىنىڭ كۈپ خىل شەكىل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان بولۇپ، دىلشات رىشىت يېقىنقى ۋەقەلەردىن بۇيان بولۇپمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان باشقا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بار كۈچىنى سېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەنە ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ قارشىلىقنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئۇسۇلى ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، ئۇيغۇرلاردا ئېتىقاد تېخىمۇ چىڭىشىغا، خىتايغا بولغان نارازىلىق ھەم قارشىلىقلارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەرۋەقە بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىدىكى ئىنكاسلاردىنمۇ «رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇشقا يول قويماسلىق» چارىسى، دىنىي باستۇرۇش كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن يېڭى گەپ بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار جىق ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان جامائەتكە قارىتىلغان باشقۇرۇش باشقا ۋاقىتلاردىن بەكرەك كۈچەيگەنلىكى، بولۇپمۇ ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئۆز ئالدىغا توپلىشىپ ناماز ئوقۇشىنى، تەبلىخ قىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا، رايون ئاتلاپ ھەتتا ئۆز مەھەللىدىن باشقا جايلاردىكى مەسچىتلەردە نامازغا قاتناشقانلارغا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقان ھېسابلاپ، جەرىمانە ۋە باشقا تۈرلۈك زازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز دائىرىلەرنىڭ رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇغان مۇسۇلمانلارغا قانداق جازا چارىلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساقمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى زىيارەتلىرىمىزنى رەت قىلماقتا، قەشقەر يەكەن ناھىيىسى ياقائېرىق ساقچىخانىدىن بىر ساقچى بۇ مەسىلىگە قارىتا «مەخپىيەتلىك» قاتارىدا ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە تۇتتى.

تۈركىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىنىڭ بارغانچە يولسىزلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ «ئېتىقادچى ئاممىنىڭ خالىغان مەسچىتتە نامازغا قېتىلىش ئەركىنلىكىمۇ بولمىسا، قانداقمۇ دىنىي ئەركىنلىكتىن سۈز ئېچىش مۇمكىن؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ خىل چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا مەجبۇرلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-02102014162924.html

Share
2471 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.