logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنى كىملىك بىلەن ئېلىش شەرت قىلىنىدىكەن

140820220146_xinjiang_624x351_reuters
جۈمە

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنى كىملىك بىلەن ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يولۇچىنىڭ كىملىكتىكى ئىسمى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىگە بېسىپ چىقىرىلغاندىن باشقا، يولۇچىنىڭ بارلىق سەپەر ئۇچۇرلىرى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا يوللىنىلىدىكەن

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى «30 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئادەم بومبا ھۇجۇمى» ۋە «22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە سۇ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى ئېلىپ چىقىشىنى چەكلىگەن ئىدى

ئىلگىرى بۇ خىل تەلەپ ئايروپىلان ۋە پويىز يولۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس يولۇچىلىرىغىمۇ كىملىك بىلەن بىلەت ئېلىش تەلەپ قىلىنىشى خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىدە بەكمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uzun-yol-08202014182347.html

Share
1604 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.