logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا غايەت زور تىپتىكى كان ياتمىسى بايقالغان

 

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كانچىلىق ئىدارىسى «358» گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، جەمئىي 96 ئورۇندا غايەت زور تىپتىكى كان ياتمىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭىدىن بايقالغان بۇ زور كان ياتمىسىدا ئاساسلىقى كۆمۈر ۋە تۆمۈر بايلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ زاپىسى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا بايقالغان كان بايلىقلىرى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن 10 ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلى خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستېرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «358» نومۇرلۇق كان بايلىقى ئىزدەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «3 يىلدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش»، «5 يىلدا بۆسۈش يارىتىش»، «8 يىلدا زور ئۈنۈم يارىتىش» تىن ئىبارەت نىشان بەلگىلەنگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا خەلقئارالىشىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قەدىمىنىڭ پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kan-bayliqi-yatmisi-11282016160823.html

Share
1081 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.