logo

trugen jacn

«ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كېيىنكى ئىنكاسلار

21-فېۋرال كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى «ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن بىلەن «ئانا تىلىمنى يوقاتما» ماۋزۇلۇق بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور فېرناند دە ۋارېنېس ئەپەندى «خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ياكى باشقا جايلارنىڭ تىل سىياسىتىدىكى تەتبىقلىنىشى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى، لىتۋالىق ئاز سانلىقلار ۋە تىل ھوقۇقى مۇتەخەسسىسى در. ئەلزبىئەتا كۇزبورسكا «تىل ھوقۇقى ۋە مىللىي توقۇنۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى، دەئۇستو ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئەدۇئاردو ج رۇئىز ۋىئېيتېز ئەپەندى «ياۋروپادىكى ئاز سانلىقلار ئانا تىلىنىڭ ھوقۇقلىرى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە رىقابەتلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا قۇرۇلتىيى ھازىرلىغان «ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپ ھەرىكىتى» ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ پائالىيەت ئەزەربەيجاننىڭ بۇتوۋ تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. يىغىن چەت ‘ئەلدە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ۋە دۇنيادىكى بەزى تىللارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر يىغىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى يىغىن ئەھلىگە ئۇزاتتۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقى توغرىسىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يىغىن بولغانلىقىنى، يىغىندا ئۇيغۇر تىل ھوقۇقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ana-til-02262014143238.html

Share
1722 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.