logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن خىتاي كادىرلارنىڭ كونكرېت ۋەزىپىلىرى ئاشكارىلانماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە، رادىيومىزغا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بىر قىسىم سۈرەت ۋە ۋىدېئولۇق ئۇچۇرلار، دائىرىلەرنىڭ يېڭى مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرغان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن نام بەرگەن بۇ سىياسىتىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ تەسىرلىرىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ كۆرسەتتى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە نۆۋەتتە بۇ ئۇچۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا بۇلتۇردىن بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرنى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى بايان قىلىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ كادىرلار ئۆزلىرى تۇرغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن نام ئاستىدا پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت سىياسىتىنى 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويماقتا. چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارلىقىغا قويۇلغاندىن بۇيان مەزكۇر سىياسەت خىتاي كادىرلىرىنىڭ تۇققانلىشىش نامىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىپ، يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلاملاردا «ھەر بىر ئائىلىدە چوقۇم ئائىلىدە تۇرىدىغان كادىر بولۇش، ھەر قانداق كادىر ئائىلىدە تۇرۇشتەك» تەلەپ بويىچە كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.

ھالبۇكى خىتاي كادىرلارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى تۇرغان ئائىلىدىكىلەر بىلەن، تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق «بەشتە بىرگە بولۇشى» نى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغىچە ئارىلىشىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھەم ئىدىيىۋى ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلى، ئۇيغۇرلار بولۇپ ئۇيغۇر ئەرلەر ئاساسەن قايتا تەربىيىلەش نامىدا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر پەيتتە يۈز بەرمەكتە.

گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كۆچۈرۈپ كىرگۈزگەن كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ ئۇ كادىرلارنىڭ ئۆزى تۇرغان ۋە ھۆددىگە ئالغان ئائىلىلەردە قانداق كونكرېت ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئېنىق ھۆججەتلەر تولىمۇ چەكلىك ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن «ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، يېتىش خىزمىتىدىكى سەككىز قاپلاش، سەككىز يوق بولۇش» دېگەن نامدا خوتەن شەھىرى، ئىلچى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر ھۆججىتىنىڭ سۈرەتلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى رادىيومىزغا يەتكۈزۈلدى.

بۇ ھۆججەت ئائىلىلەرگە كۆچۈپ كىرىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كادىرلارغا ئائىت خىزمەت دوكلاتىنىڭ جەدۋىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا كادىرنىڭ ئۆزى ھۆددىگە ئالغان ئائىلىدە يېتىشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىسى، ئىش ھەرىكىتىنى تولۇق ۋە پۈتۈنلەي نازارەت قىلىشى، سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشى، ئاتا-ئانىسى ئىككىلا تەرەپ تەربىيەلەشتىكى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تەربىيىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە بۇ خىزمەتلەرنى 100% گە يەتكۈزۈپ ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدا جەدۋەل تارقىتىپ ھەر بىر ئائىلىنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالى، دىنى ئەھۋالى، پارتىيە ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرۈش، پارتىيە ھۆكۈمەتكە مايىل بولۇش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇشمۇ تەلەپ قىلغان.

رادىيومىزغا كەلگەن بۇ خىل ئۇچۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر ۋىدېئولۇق ئۇچۇرمۇ بار بولۇپ، بۇ ۋىدېئونىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان بىر خىتاي كادىرنىڭ قول تېلېفونىدا تارتىلغاندىن كېيىن ئۈندىداردا تارقالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتكۈچى تەرىپىدىن تەكىتلەندى.

ۋىدېئودا بىر ياشانغان ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۇنىڭ 30 ياشلار ئەتراپىدىكى قىزى گەۋدىلىنىدۇ، ياشانغان موماي، ۋىدېئو تارتقۇچى خىتاي كېلىشى بىلەن قىزىنى ئۆزىگە يېقىن تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ۋىدېئونى ئالغۇچى خىتاي ئۇيغۇرچە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيگە بۇ ئىككى ئايالنى ئارقىسىغا سېلىپ ئالدى بىلەن ئۆزى كىرىدۇ، موماي ئارقىدىن ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا قالايمىقان سېلىپ قويغان ئايىغىنى رەتلەپ تىزىپ قويغاندىن كېيىن كىرىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە بۇ يات خىتاي ئەر ئالدىدا شۇنچە قورۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى گەۋدىلىنىدۇ.

بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكۈچى تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى شۇنداقلا ۋىدېئودىكى موماينىڭ يۈزىدىكى قورقۇنچتىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋىدېئو تارتىلغان جاي، قەشقەر ۋىلايەت كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى بېكەتنىڭ ئورنىغا سالغان ئائىلە قورۇسى. بۇ ئاساسەن ناھىيە ئىچىدە پېنسىيىگە چىققانلار ئورۇنلاشقان بىر بىنا بار، ھەممىسى 70 كۋادىراتلىق ئۆيلەر، ئادەم زىچ بىر قورۇ. بۇ قورۇدا ئادەم قالمىغانلىقى، خىتايلارنىڭ مۇشۇ قورۇلاردىكى ئائىلىلەرگىچە ئورۇنلىشىپ بۇنداق مەسخىرىلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن، زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يۈرىكىم ئېزىلدى، كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم».

كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە كادىرلارنىڭ «ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، يېتىش خىزمىتىدىكى سەككىز قاپلاش، سەككىز يوق بولۇش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ھۆججەتنى دەلىللەش ئۈچۈن بىز خوتەن ئىلچى يېزىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفونلار ئۇلانمىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىكەن. ¡¡چېن چۈەنگو ئىلگىرى 2017-يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت دوكلات يىغىنىدا، بۇ سىياسەتنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى»، دەپ كۆرسىتىپ، كەنتتە تۇرۇۋاتقان بارلىق كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر قانچە مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە، رادىيومىزغا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھۆججەتنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ۋىدېئولۇق ئۇچۇرلارنى، دائىرىلەر تەرىپىدىن قايتا دەلىللەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇچۇرلار ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رېئاللىقىغا يېقىندۇر. بۇ ئۇچۇردىن «ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، يېتىش خىزمىتىدىكى سەككىز قاپلاش، سەككىز يوق بولۇش» دېگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ خوتەن ئىلچىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە تەتقىقاتى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگىچە، جۈملىدىن تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىياسەت قاتارلىق ھەر ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورمال ئىنسانلار قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ خىل كەمسىتىش، خورلاش سىياسەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك زىيارەت» پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان بۇ خىل دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-oyliridiki-xitay-kadirlar-07232018221200.html

Share
1532 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.