logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ۋە جاسۇسلۇق مۇكاپاتى

Maşel

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتى،ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم ئارقىلىق؛ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش،ئۇيغۇرنىڭ تىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنى پاش قىلىش،ئابۇرويىنى چۈشۈرۈش،بەتنام چاپلاش،ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش،قىيناش،تۇرمىغا قاماش، بىشىنى كىسىشتىن ئىبارەت “ئۆز يەغى بىلەن ئۆز گۇشىنى قورۇش” تاكتىكىسىنى 60 يىل ئىشلەتتى.ئۇيغۇرلار ئويغانغانسىرى،خىتاينىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇر مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىدى.خىتاي بۇ يىڭى ئەھۋالغا قارىتا يىڭى سىياسەت تۈزۈپ چىقتى. “22.ماي ئۈرۈمچى پارتلاش ۋەقەسى”دىن كىيىن “تىرور پائالىيەتچىلىرى”نى  ئالدىدىن پاش قىلىپ قويغانلارغا 5 مىڭ يۈۋەن (820 دوللار)دىن 500 مىڭ يۈۋەن( 82 مىڭ دولار) گىچە نەخ پۇل مۇكاپاتى بىرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ماددىي پايدىسى بولمىغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىتىم قىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان چەقىمچىلىق (جاسۇسلۇق) پائالىيىتىدىن سوغۇپ قالغان جاسۇسلار بۇ مۇكاپات گىپىنى ئاڭلاپ يەنە كوچىمۇ-كوچا تىمىسقاشقا باشلىدى

خىتاينىڭ بۇ “مەرت”لىكى بەزى نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.5.ئاينىڭ 25.كۈنى مارالبىشى ناھىيەسىدە ئەتىزلىقتا ناماز ئۇقۇۋاتقان دىھقانلار “ئاللاھۇەكبەر”دەپ ناماز تەكبىرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئۇزاقتىن   ئاڭلاپ  قالغان بىر نادان جاسۇس “ئاللاھۇەكبەر دەپ ۋاقىراشتى” دەپ خىتاي ساقچى ئىدارىسىغا تەلىپۇن قىلىپ چەقىپ قويۇپ، 3 نەپەر ئۇيغۇر قەرىندىشىنىڭ ئەتىزلىقتا ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلۈپ كىتىشىگە شاھىت بولدى ۋە مۇكاپاتنى ئالدى.بىراق خىتاي مەتبۇئاتى جاسۇسقا مۇكاپات بەرگەن پۇلنىڭ سانىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى. 18.ماي تەڭرىتاغ خىتايچە تورى ، 6.ئاينىڭ 15.كۈنى خوتەن شەھرىدە بىر قىمارخانىغا پىچاقلىق بەسىپ كىرگەن 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش توغرۇلۇق ئالدىن خەۋەر بەرگەن جاسۇسقا 300 مىڭ يۈۋەن (49000 دوللار)،5.ئاينىڭ ئاخىرىدا گۇما ناھىيەسىدە 3 ئۇيغۇر ياش توغرۇلۇق   ئالدىن مەلۇمات بىرىپ قويغان جاسۇسقا 200 مىڭ يۈۋەن (32 مىڭ 800 دوللار) نەخ پۇل مۇكاپات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.بۇ مۇكاپاتنى نۇر بەكرى بىۋاستە “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتى” نامىدىن ئەۋەتكەن (50 مىڭ يۈۋەن پۇل تەستىقلاش ھۇقۇقى بولمىغان نۇر بەكرى بۇ 500  مىڭ يۈۋەننى قانداق تەستىقلاپ ئالغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئايرىم بىر مەسىلە) ئەلبەتتە

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ،مەخسۇس “تىرورغا قارشى ئالاھىدە قىسىم”لارنىڭ،ساقچى ئەتىرەتلىرىنىڭ،مائاشلىق جاسۇسلارنىڭ، “ۋىيۋىندۈي-مۇقىملىقنى ساقلاش ئەتىرىتى” دەپ ئاتالغان قارا قوساق بىكار تەلەپلەرنىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىڭى شەكىللىنىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ھەركىتىنى توسۇشتا يىتەرسىز قالغانلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنى  قاتتىق ساراسىمغا سەلىپ قويغانلىقى ئىنىق.شۇڭا بۇ زور مىقتاردىكى پۇل مۇكاپاتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى جاسۇسلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ئەچىلىشىغا تۆرتكە بولىشى،يىڭىدىن جاسۇسلۇققا ئىنتىلگەنلەرگە ئىلھام بولىشى مۇمكىن

خىتاي ھاكىمىيىتى 60 يىلدىن بىرى،ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن خائىن،جاسۇس يىتىشتۈرۈشتە شۇنچىلىك قەبىھ،شەرمەندە ۋاستىلارنى ئىشلەتتىكى،ئۆز مىللىتىنى يۇقۇتىشتا خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەقىل،جاسارەت،پىلان،تەكلىپ سۇنۇپ زىرىكمەيدىغان،خىتاي خۇجايىنى ئالدىدا ئاچ مۈشۈكتەك تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان،ئامما ئۆز خەلقىگە غالجىر ئىتتەك ئەتىلىپ تۇرىدىغان خائىن،جاسۇسلارنى تەربىيلىدى
Barin Kahramanlari
ئۇيغۇرلار خائىن،جاسۇسلار ئارىسىدا ئۆز مىللىتىگە بولغان خىيانەتتە دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلار بولدى.قوي پادىلىرىدەك ھەيدەپ تۇرمىلارغا تولدۇرغانغا،توپ-توپ ئەتىپ تاشلىغانغا سىياسى ھەركەتلەر ئارقىلىق  داۋاملىق مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنگە ئۇيغۇر خەلقى تۈگەپ كەتتىمۇ؟ پىداكار ئۇيغۇر ئانىلىرى ،قۇزىلاردەك مۇلايىم تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن قۇزا پادىلىرىنىڭمۇ،قارشىلىق كۆرسىتىپ شەھىت بولغان قەھرىمان ئەۋلاتلارنىڭمۇ ئورنىنى تولدۇرىدىغان ساندا بالىلارنى توغدى،يىتىشتۈردى

ۋەھىمە،تەھدىت ئىچىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرى ۋەھىمە،تەھدىت ئىچىدە چوڭ بولدى.كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىسى،دادىسىنىڭ قانداق يوقسۇللۇق ئىچىدە ھاشاردا ئىشلەپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى،ئاكىسىنىڭ خىتاي تۇرمىسىدا قانداق تەن جازاسىغا ئۇچىراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەدىسىنىڭ قورسىغىنى يەرىپ بۇۋاقنى ئالىمىز دەپ يەزا دوختۇرلۇق پونكىتىدا قانداق جان ئۈزگەنلىگىنى… ئۈگىنىپ چوڭ بولدى.ئۇلار ئاىلىسىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بەشىغا كەلگەن بۇ پاجىيەلەرنىڭ سەۋەپچىلىرىنىڭ كىملەر بولغانلىغىنى تونۇپ يەتتى

21204_410914725683388_1223079073_n
خۇددى ئۇيغۇر ناۋايلار سەھەردىن ئاخشامغىچە قىززىق تونۇردا نان يىقىپ قولى كۆيمەس، ئۆتنىڭ تەپتىنى ھىس قىلماس بولۇپ قالغاندەك، يۇقىرى بەسىملىق تەھدىت ۋە قورقۇتۇش سىياسى ھاۋاسى ئىچىدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرىگى پىشىپ قالدى.شۇنداق قىلىپ قورقۇشنى ھىس قىلمايدىغان يۈرەككە ئىگە بولغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەكلىرى ۋەتىنى،مىللىتى،دىنى ئۈچۈن جۇش ئۇرۇپ سوقۇپ تۇرىدىغان قەھرىمان بىر ئەۋلات ئۇيغۇر نەسلى يىتىشىپ چىقتى

ۋەتەن،مىللىەت،دىن ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن جەنىنى تەقدىم قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى ئىسسىق قانلىرى بىلەن قەھرىمانلىق داستانى يەزىشتا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران-ھەس قالدۇرىۋاتىدۇ. 21.ئەسىردىكى ئەركىنلىك كۈرۈشىدە قەھرىمانلىق رىكورتىنى ئۇيغۇرلار بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئوق يامغۇرى ياغدۇرىۋاتقان تانكا،ئاپتومات،پىلۇمۇتلارغا قارشى پىچاق بىلەن ئەتىلىپ بەرىپ دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن ئەلىشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن باشقا بىر مىللەت بارمۇ؟ يوق
مىللىي شەرىپىنى،ئىنسانى ئىززەت-نەپسىنى قوغداش يولىدا پىلىمۇت،ئاپتۇماتلار بىلەن بەسىپ كەلگەن دۇشمەننىڭ مۇنتىزىم ئارمىيسىگە ئۆيىدە تاماق ئىتىشكە ئىشلىتىدىغان پىچاق بىلەن قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قالغان ۋە بۇ پىچاق بىلەن دۈشمەن ئەسكىرىنى بۇغۇزلاپ ئۆلۈمگە ئىۋەتىپ ئاندىن ئۆزىمۇ شەھىتلىك مەرتىۋىسىگە يۈكسەلگەنلەر پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا بار.مۇشۇنداق قەھرىمانلىرى بولغان مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش بىز ئۈچۈن ئەڭ زور ئىپتىخارلىق،ئەڭ مۇكەممەل بەخىتتۇر

ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى خۇددى كىچىك بالا يىقىلىپ قوپۇپ مەڭىشنى ئۈگەنگەندەك ئاستا-ئاستا ئۇرۇش تەجىربىلىرىنى ئۈگىنىۋاتىدۇ.بۇگۈن ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىدا پىچاق، پالتا،توخماق  بار.پارتلىتىش ئۈچۈن بىنزىن،گاز  توڭى،خىمىيەۋى ئۇغۇتتىن ياسىغان پارتلاتقۇچلار… ھەممىسى ئۇرۇش قۇراللىرى ئەمەس،تۇرمۇش قۇراللىرى.ئامما،خىتاي ھاكىمىيىتى ئىنتايىن ئالاقىزادە.ئوتنى كىچىك دائىرىدىكى ۋاقىتتا ئۈچۈرۈۋەلىش ئۈچۈن بارلىق ھەربىي،ئۇچۇر،ئىختىسادى،تەشكىلى،تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى كەڭ كۈلەمدە ئىشقا سەلىۋاتىدۇ.ئامما خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يىرىنى قۇرۇق ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ قويغان ئورمان ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغان.بىر تال سەرەڭگە يىتەرلىك.ئوت ئۆچمەيدۇ،بەلكى خىتاي زىمىنىنىڭ ھەممە يىرىگە تۇتۇشىدۇ، يەيىلىدۇ

images

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيەدىن مەھرۇم قالغانلىقى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز ئەھۋال.خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگى تور بەتىگە قاراپ باقتتىم،ئۇيغۇرلاردىن گىنىرال بارمۇ دەپ گىنىراللار تىزىملىكىگە كۆز يۈگۈرتتۈم.گىنىراللار ئارىسىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى چىقتى؛كەرىم ئابدۇگۇل

kerim Abdugül

بەجىڭ ھەربىي ئۈمەكنىڭ ئارتىسى،گىنىراللىق ئۇنۋانى ئاپتۇ.خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇمرىدە تاپانچا تۇتۇپ باقمىغان،ئامما ھەربىي كىيىم كىيىپ ناخشا ئەيتقان بىر ئۇيغۇرنى “ئۇيغۇرنىڭ گىنىرالى”دەپ كۆرسىتىشى،ئۇيغۇرلارنى ئەمەس،ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش بولىدۇ،خالاس

ماۋ زەدۇڭنىڭ “ئۇرۇشنى ئۇرۇشتىن ئۈگىنىش” دەيدىغان بىر سۆزى بار.ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئاستا-ئاستا قۇرالمۇ چىقىشقا باشلايدۇ.خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قولىدا بار قوراللار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا چىققۇچە بولغان ئارلىقتا ئويغۇرلارنىڭ قۇماندانلىرى،گىنىراللىرىمۇ يىتىشىدۇ
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پۇل ئۈچۈن خىتايلارغا جاسۇسلۇق قىلغۇچىلاردىن،ھىچقانداق  ماددىي مەنپەت كۈتمەستىن ئاللانىڭ جەننىتى ئۈچۈن جەنىنى تەقدىم قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ.خائىنلار،جاسۇسلار ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.مۇجاھىتلار ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ.خائىنلار خەلق تەرىپىدىن جازالاندۇرۇلغىلى باشلىغاندا،خائىن،جاسۇسلار ئازالغىلى باشلايدۇ.ئامما قەھرىمانلار ئازالمايدۇ.چۇنكى،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات چەمبىرى تارايغانسىرى ئۇيغۇر ئانىلىرى تەخىمۇ كۆپ قەھرىمان پەرزەنت توغۇشقا باشلايدۇ

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدىن خائىنلىقتا رىكورت يارىتىدىغان ساتقۇنلار چىقمىغان بولسا ئىدى،قەھرىمانلىقتا دۇنيا رىكورتىنى ياراتقان ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىنىڭ چقىشىمۇ كىچىككەن بولار ئىدى
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىنى،ئىمانىنى پۇل بىلەن سەتىۋەلىش ھىلىسىمۇ،خۇددى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقا ھىلىلىرىغا ئوخشاش ئويغانغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالدىدا ئىشقا يارىمايدۇ

ئانا تىل كۇرىسى ئاچماقچى بولغان زىيالى ئابدۇۋەلى ئايۇپنى، مەۋجۇت ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنى “بۆلگۈنچى” دەپ تۇتۇپ سۇلاپ قويغان كومىنىست   پارتىيەسىدىن ئۈمىت كۈتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى نەپەر ئاق كۈڭۈل زىيالىنىڭ ئاقىۋىتىدىن دەرىس ئەلىشى لازىم

1257c46a-c868-4cf9-9b5c-2121dea8f4b7

Abduveli Ayup

خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنى تەل-تۈكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىماي تۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس .خىتاي كۇمپارتىيىسىسنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ،خەنزۇلارنىڭمۇ،تىنىچلىقپەرۋەر غەرىپ دۇنياسىنىڭمۇ ئورتاق مەنپەتىگە ئۇيغۇندۇر

ئۆلۈۋاتقان خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسىگە جاسۇسلۇق قىلىپ ئۆز مىللىتىگە زىيان سەلىۋاتقان ئاسىلار،يەقىن كىلەچەكتە زالىملار بىلەن بىرلىكتە دارغا ئەسىلىش ئىھتىمالىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىغى لازىم

suicide_death

 

Share
4180 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.