logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار قىزىل ناخشا ئېيتىش، نان يەپ خىتاي خەرىتىسى ياساشتەك پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلاندى

image (1)

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى مەدھىيىلەيدىغان، قىزىل ناخشا ئېيتىش، ئالما ئۇسۇلى ئويناش، مەشرەپ نامىدىكى نەچچە مىڭ كىشىلىك ئۇسۇل ئويناش، ھەتتا «نان يېيىش ئارقىلىق جۇڭگو خەرىتىسىنى ھاسىل قىلىش» قاتارلىق ھەل خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش»، «ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش» دەپ تەرىپلىمەكتە. ئەمما بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشى باشقىچە. بەزىلەر «قىزىل ناخشا ئېيتىش» پۈتۈن خىتايدا ئومۇملىشىۋاتقان كەيپىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە 60-70-يىللاردىكى «كومپارتىيىنى ئىلاھلاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە قايتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسە،يەنە بەزىلەر بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئاللىقاچان ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى دەۋردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان «قىزىل تەشۋىقات بىلەن مېڭە يۇيۇش» مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا نىسبەتەن بىزارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

665f030b-2ceb-4856-a25f-1662c3ce0278

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-سېنتەبىردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى كۆپلىگەن ناھىيە، يېزىلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش نامىدا ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن، دېھقان-چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن نەچچە مىڭ كىشىلىك مەشرەپ، ساما قاتارلىق مەيدان ئۇسۇلى ئويناش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەتتا يەسلى بالىلىرىنىڭ يۈزلىرىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى چاپلانغان. قوللىرىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايراقچىسى تۇتقۇزۇلغان. «كۇچار كاكچىسى» غا ئوخشايدىغان نېپىز ناننى چىشلەش ئارقىلىق، خىتاي خەرىتىسى شەكلىگە كەلتۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تىۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىقلاردا ئۆكتەبىر ئايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كومپارتىيىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى مەدھىيىلەش» پائالىيەتلىرىگە قارىتا تورداشلارنىڭ ھەر خىل تەنە ۋە مەسخىرە ئىنكاسلىرىمۇ كۆپەيدى.

مەسىلەن، «نان چىشلەپ خىتاي خەرىتىسى ياساش مۇسابىقىسى» ھەققىدە 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ فەيسبوك، تىۋىتىر تورلىرىدا تورىدا يېزىلغان ئىنكاسلار 5-ئۆكتەبىرگىچە نەچچە يۈز ئادەم قېتىمىغا يەتتى. بولۇپمۇ خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل «قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى»گە ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى.تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر نان يېيىش مۇسابىقىسى ھەققىدىكى فوتو سۈرەتكە، «جۇڭگو خەرىتىسىنى كىشىلەرنىڭ يۈزىگىلا چەكتۈرسە بوپتىكەن» دېگەن تەنە ئىنكاسنى يازدى.چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رەسىم ھەققىدە يازغان ئىنكاسىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەجەبا بۇنداق ھاماقەتلەرچە مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىگىلىيەلەرمۇ؟ ھۆكۈمەت ھاماقەتلىشىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىپتۇ دېسەك بولغۇدەك» دەپ يازغان. ئۇ، ناننى چىشلەپ خەرىتە ياساش دەل جايىغا كەلگەن قارا يۇمۇر بوپتۇ، قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتى نان ئارقىلىق ئىپادىلىنىپتۇ، ئەپسۇس ئىككى قاتار ئەر-ئايال چىشلەپ ھاسىل قىلغان خىتاي خەرىتىسىنى يەپلاۋەتسە ئاتالمىش ‹جۇڭگو› كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىپ كەتكۈدەك!» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل ناملار بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ 60-70-يىللىرىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ۋەزىيەتنى ئەسلىتىدىغان تەشۋىقات بولۇپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت، ئۇچۇر كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بۈگۈنكى دەۋردە بۇ خىل «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» نىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك «خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى ھىمايە قىلىش» مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا خىتايدىكى مەزگىلىدە بېشىدىن كەچۈرگەن ئەھۋالنى نەقىل ئېلىپ، خۇددى 60-70-يىللاردىكى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىدىغان مۇنداق كەڭ كۆلەملىك «ۋەتەنگە مەدھىيە» نامىدىكى «قىزىل ناخشا ئېيتىش» مۇسابىقىلىرى،سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ،بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى «قىزىل تەشۋىقات بىلەن كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش» مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، فېيسبوك تورىدا ئۆزىنىڭ «نان چىشلەپ خىتاي خەرىتىسى ياساش مۇسابىقىسى» ھەققىدە يازغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسى ئەركىنلىكى ھەتتا ئىدىيىسىنىمۇ قامال قىلىشقا ئۇرۇنغان بۇ خىل بىمەنە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/nan-xerite-10052015154825.html

Share
1808 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.