logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار قانداق يېزىق ئىشلەتكىنى مۇۋاپىق

Uyghurche (1)

ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ،تۈرۈكلوگلارنىڭ،چەتئەللەردىكى تىلشۇنازلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە ئېگە ئونۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسنت دوكتۇر خادىچە شىرىن ئۇسەر خانىم يازغان <<باشلانغۇچتىن ھازىرغىچە تۈرك يېزىق سېستىمىلىرى >> ناملىق كىتاپتا ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى بۇ كىتاپنىڭ مۇھىم مەزمونلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلغان. بايان قىلىنىشىچە ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كۆكتۈرك يېزىقى،سوغدى يېزىقى،مانى يېزىقى،ئۇيغۇر يېزىقى،سۈريانى يېزىقى،بىراخما يېزىقى،تىبەت يېزىقى،ئەرەپ يېزىقى،سىلاۋىيان يېزىقى،لاتىن يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق كۆپ خىل يېزىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىدە ئىقتىسادى،دىنى ۋە سىياسى سەۋەپلەر مۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن؛ سوغدى يېزىقى ئىقتىسادى سەۋەپلەر بىلەن، مانى سۈريانى، بىراخنى،تىبەت ۋە ئەرەپ يېىزىقلىرى دىنى سەۋەپلەر بىلەن، سىلاۋىيان،لاتىن يېزىقلىرى بولسا سىياسى سەۋەپلەر بىلەن قوبۇل قىلىنغان. دوكتۇر خادىچە خانىمنىڭ قارىشىچە،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرىشىدىكى ئاساسى سەۋەپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە بۇنداق قارايدۇ؛ بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا ھېچ قايسى خەلقتە كۆرۈلمىگەن كەڭ قۇرساقلىق ۋە ئەپۇچان خىسلەتكە ئىگە بولغانلىقى،پەرىقلىق دىن ۋە ئېتىقاتلارغا ھۆرمەت بىلەن قارىغانلىقىدىندۇر. بۇنىڭغا مىسال ئۈچۈن ئالساق؛ ئەينى دەۋىردە پارس زىمىنىدە زۇلۇمغا ئۇچىرىغان مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئۇيغۇر دۆلىتىدىن پانالىق تىلىمەك ئۈچۈن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ يىپەك يولى بويىدىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن پانالىق تاپقان.
   ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيەت تارىخىدىن قارىغاندا،ئۇيغۇرلار قوش يېزىق يېزىش ئەنئەنىسىگە ئىگە.ئۇيغۇلارنىڭ موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كۆكتۈرك يېزىقى بىلەن بىرگە سوغدى يېزىقى،مانى يېزىقى ۋە كېيىن مانى يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بولسا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرگە يەنە سۈرىيانە يېزىقى،بىراخما يېزىقى ۋە تىبەت يېزىقىنىمۇ ئىشلەتكەن.ئىسلام مەدەنىيىتىدىن بېرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەپ يېزىقى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە بىللە پارالىل ھالدا ئىشلىتىلگەن. بەزى ئەسەرلەر ئۇيغۇر يېزىقىدا،بەزى ئەسەرلەر ئەرەپ يېزىقىدا يەنە بەزى ئەسەرلەر ئۇيغۇر-ئەرەپ يېزىقىدا يېزىلغان. ‹‹قۇتادقۇ بىلىك››،‹‹ئەتەبەتۇل ھەققايىق›› قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ  ئۇيغۇرچە ئەرەپچە يېزىلغان نۇسخىلىرى بۇنى كۆرسۈتۈپ بەرمەكتە. چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئەرەپ يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى خېلا ئۇزۇن بىر مەزگىللەرگىچە ئىشلىتىلگەن.
دوتسنت خادىچە خانىمنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر يېزىقى شىنجاڭ رايونى،خارازىم ۋە ئالتۇن ئوردىلار رايونىدىن ئىستامبولغىچە بولغان كەڭ زىمىندە 17-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل قوش يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسى مەدەنىيەت تەرەقىياتىدا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولسىمۇ، لېكىن مىللى بىرلىكنى بەرپا قىلىشتا سەلبى تەسىرىمۇ يوق ئەمەس.
  قوش يېزىق ئىشلىتىش،يېڭى يېزىقنى بىلمىگەن ئۈگىنەلمىگەن كىشى ياكى گۇرپىلارنىڭ يازما ئەسەرلەردىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ياكى مەدەنىيەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.ئورتاق ئېلىپبەنىڭ مىللى بىرلىكنى شەكىللەندۈرۈش ياكى قوغداش رولىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، قوش يېزىق ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى مىللى بىرلىكنى بۇزۇش زىيىنى بولغانلىقىدۇر.
    1930-يىللىرى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى باشقا تۈركى خەلقلىرىگە ئوخشاش لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىمۇ لاتىن يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. لېكىن بۇ يېزىقلار ئوموملىشىپ كېتەلمىگەن. يەنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار چاغاتاي يېزىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسمەن بولسىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 1956-يىلى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،تاتار ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ سىلاۋىيان يېزىقى ئىشلىتىشى ھەققىدە قارار چىقىرىلىپ ئۈچ يىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1958-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1959-يىلى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىلغان.بۇ يېزىق 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1965-يىلى 1-ئايدا پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئومومى يۈزلۈك يولغا قويۇلغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بۇ يېزىق تەسىرگە ئۇچىراپ چوڭلار كونا يېزىق،ياشلار يېڭى يېزىق ئىشلىتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 1983-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ 44-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى بىلەن لاتىن يېزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، 1984-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار قايتىدىن كونا يېزىقنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ھازىر ئۇيغۇرلار كونا يېزىق بىلەن بىرگە لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتمىكتە. ئەگەر كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار قوش يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ بىرلا يېزىقنى ئىشلىتىشنى تاللاشقا دۇچ كەلسە، قايسى يېزىقنى تاللىغىنى مۇۋاپىق؟ دوتسنت خادىچە خانىم بۇنداق قارايدۇ: مېنىڭ شەخسى قارىشىمچە لاتىن يېزىقىنى تاللىغان ياخشىراق. بۇنىڭ سەۋەبى شۇدۇركى،ھازىر نۇرغۇن دۆۋلەت ۋە رايوندىكى تۈركى توپلىرى لاتىن يېزىقىنى ئۆلچەم قىلغان. شۇڭا ئورتاق ئۇچۇر ئالاقىنى بەرپا قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق يېزىق لاتىن يېزىقىدۇر. 1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقى پارچىلىنىپ، جۇمھۇريەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت بىرلىكى مەسىلىسى كۈنتەرپىتكە كەلگەن ئىدى. ئېلىپبە بىرلىكى مەدەنىيەت بىرلىكىنى بەرپا قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىپ، 1991-يىلى ئىستامبولدىكى مارمارا ئونۋېرستىتىدا ئېچىلغان «خەلىقارالىق ھازىرقى زامان تۈرك ئېلىپبەلىرى جەمىيەت مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى»دا تۈرك دۇنياسى پۈتۈن تۈرك دىيالىكتىكى ئۈچۈن 34 ھەرىپلىك ئورتاق ئېلىپبەنى ئىشلىتىش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ قاراردىن كېيىن ئەزەربىجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان سىلاۋىيان يېزىقىنى تاشلاپ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گاگاۋۇزلار.قارا قالپاقلار،قېرىم ۋە قازان تاتارلىرىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشنى قارارلاشتۇردى. ئۇنداق بولسا 34 ھەرىپلىك تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە دوتسنت خادىچە خانىمنىڭ قارىشى: ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن مۇۋاپىق، چۈنكى ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بار، شۇڭا مۇۋاپىق كېلىدۇ
http://bbs.bagdax.cn/thread-29332-1-1.html
Share
2522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.