logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دىيارىدا تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇق كۈچەيمەكتە

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەرقايسى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يەرلىكتىكى ئالاقىدار شەخسلەر بولسا بۇ تەدبىرنىڭ ھازىر جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن تونۇشلۇق زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ تولىمۇ چېكىدىن ئاشقان «تەدبىر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل باش تېما بولۇپ كېلىۋاتقان «مۇقىملىق» مەسىلىسى ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەرقاچان يېڭى تەدبىرلەرنى ئىجاد قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇق بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەرلىك دائىرىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسىدە تىغلىق ئەسۋابلارغا ئۆي ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرىنى بېسىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ھەمدە بۇنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنرەك بولسا ھەرقايسى جايلاردىكى دائىرىلەر ئاممىۋى سورۇنلاردىكى پىچاقلارنى، جۈملىدىن قاسساپلارنىڭ گۆش سېتىشتا ئىشلىتىدىغان پىچاقلىرىنى زەنجىرلەپ قويۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە بولسا قاراشەھەر تەۋەسىدىكى بىرنەچچە دۇكاندارغا ئاممىۋى سورۇندىكى پىچاقلىرىنى زەنجىرلىمىگەنلىكى ئۈچۈن چارە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدا پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ رايون مىقياسىدا ئىجرا بولۇشقا باشلىغانلىقى دىققەت قوزغىدى. مەكىت ناھىيىسىدىكى 45-پولكقا تەۋە ئاھالىلەر رايونىدا 5-ئۆكتەبىر كۈنى تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشتا ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكىلەر تىغلىق ئەسۋابلارغا، جۈملىدىن چاپقۇ (چەيدو)، پالتا، گۈرجەك، بەكە قاتارلىقلارغا كىملىك نومۇرىنى ئۇردۇرۇشى لازىم ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ بۇ خىلدىكى كىملىك نومۇرى ئۇرۇشنى 5-ئۆكتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە تاماملاش لازىم، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق ئاھالىلەر رايونىدا بۇ تەدبىرنىڭ تېخىمۇ ئىلغار شەكىلدە ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. شەھەر ئىچىدىكى مىڭجۇ ئاھالىلەر رايونى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا تىغلىق ئەسۋابلاردىن ئون سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە بىردەك ئىككىلىك كود (QR code) بېسىش تەلەپ قىلىنغان.

بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاقسۇ شەھەر ئىچىگە جايلاشقان شىنشىڭ («يېڭى يۇلتۇز») ئولتۇراق رايونىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم بۇ ئىشلارنىڭ تېخى يېقىندا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز! ئىككىلىك كودنى باسىدىغان ئۇقتۇرۇش ھازىرمۇ ئىناۋەتلىكمۇ؟
خىزمەتچى خادىم: ئەلۋەتتە. بۇنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان. ئەمما بىزنىڭ رايونغا كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى ھەققىدە تېخى ئېنىق ئۇقتۇرۇش ئالمىدۇق. بىزنىڭ رايونغا كەلگەندە چوقۇم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇغۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ بۇ رايوندا تېخى باشلىمىغان ئوخشىمامسىلەر؟
خىزمەتچى خادىم: شۇنداق، بىز تېخى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇنى ئالدى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتىدىن باشلايدۇ. ئاندىن بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىدۇ. بىزنىڭ تەۋەلىككە يېتىپ كەلگەندە بىز خەۋەر قىلايلى. بولامدۇ؟

ئاندىن كېيىن بىز ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق «جىنشى» («ئالتۇن تاش») ئاھالىلەر رايونىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خىزمەتچى خادىم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئەمما بۇ يېڭى تەدبىرنى ئىجرا قىلىشتىكى مەقسەت ھەققىدە سورىغىنىمىزدا باشقا بىراۋ تېلېفوننى بېسىۋەتتى.

مۇخبىر: ھېلىقى پىچاقلارغا ئىككىلىك كود باسىدىغان ئىش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان. شۇنى باشلىدىڭلارمۇ؟
خىزمەتچى خادىم: بىز ئۇنى بۈگۈن باشلىدۇق


مۇخبىر: ھە، بۈگۈن دەڭ. ئۇنداقتا بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاساسىي مۇددىئا نېمە؟
خىزمەتچى خادىم: بۇنىڭ مەقسىتى دەمسىز؟ بۇنى سىزگە قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ بۇ ھېلىقى…

تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود ئۇرۇش ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش جەريانىدا ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق «ئايبۇلاق» ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى ھازىر بۇ تەدبىرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك كود بېسىلمىغان پىچاقلارنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

خىزمەتچى خادىم: بۇنى ھازىر ھەممە يەردە ئۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ رايونغا كەلگەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا ھازىر ھەق ئالماي قىلىۋاتىدۇ. ھەر بىر بىنادىكى ھەر بىر ئائىلە شۇنداق قىلىشى لازىم.
مۇخبىر: بۇ كودنى قانداق ئۇرىدۇ؟
خىزمەتچى خادىم: ھازىر مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى بېجىرىدىغان كەسپىي شىركەتلەر ۋە ئورگانلار بار. ئۇ ھېلىقى تۆت چاسا تامغىدەك بىر نەرسە. ئۇنى مەنمۇ بەك ئۇقۇپ كەتمەيمەن.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ بۇ رايونغا قايسى شىركەت مەسئۇل؟
خىزمەتچى خادىم: ئۇنىڭغا ھېلىقى كابېي يولى بويىدىكى مەخسۇس شىركەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنىڭ تەۋەلىككە كەلمەكچى. ئەسلىدە بۇ ھەقسىز ئىدى. تەپسىلىي ئەھۋالنى شۇلارغا تېلېفون قىلسىڭىز دەپ بېرىدۇ.

مۇخبىر: مەھەللىدە بۇ ئىش قاچانراق باشلىنىدۇ؟
خىزمەتچى خادىم: بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە. ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر ئۆيلىرىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنى ئەكېلىپ كود ئۇردۇرۇۋاتىدۇ. ئىشلەتمەيدىغان پالتا-پىچاقلىرىنىمۇ ئەكېلىپ تاپشۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنى يىغىۋالغانلار بۇ پالتا-پىچاقلارنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن، دەيدۇ. بەزىلەر بۇ خىلدىكى لازىم قىلمايدىغان پىچاقلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› غا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرى بار. شۇلارغا تېلېفون قىلىپ سوراپ باقسىمۇ بولىدۇ.

بىز ساقچىخانىلاردىن بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، يېڭىشەھەر ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىم بۇ ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سوراش لازىملىقىنى ئېيتتى: «ئۇنداق ئىشلار بولسا ئالدى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى بىر ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. بىنا مەسئۇلى بۇ ئىشلارغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئادەتتە ھەر بىرىگە ئۈچ سوم ئالىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەتنى مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. بىلمەكچى بولسىڭىز ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ شۇلاردىن سوراڭ. مەن بۇنى دەپ بېرەلمەيمەن.»

بىز تىغلىق ئەسۋابلار ھەققىدىكى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق باشقا جايلارغا بارغان-بارمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئونسۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق «بەخت» ئولتۇراق رايونىغا تېلېفون قىلدۇق. خىزمەتچى خادىم ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇنلا بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: پىچاقلارغا ئىككىلىك كود ئۇرىدىغان بۇ ئۇقتۇرۇشنى سىلەرمۇ تاپشۇرۇۋالدىڭلارمۇ؟
خىزمەتچى خادىم: توغرا. بۇ ئۇقتۇرۇشنى بىز تاپشۇرۇۋالدۇق.

مۇخبىر: قاچان تاپشۇرۇۋالدىڭلار؟
خىزمەتچى خادىم: ئىككى ئايچە بولۇپ قالدىغۇ، دەيمەن. بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغىلى ئىككى ئاي بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل يەرلىك تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن پىكىر قىلىپ، «بۇ خىل رادىكال تەدبىرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى. ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، بۇ خىل تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىشتىن باشقا يەنە ۋەزىيەت قىلدىن ئىنچىكە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بالا-قازاغا ئىتتىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەيۋەندىن چىقىدىغان «ئەركىنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 19-قۇرۇلتىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. مۇشۇ «مۇقىملىق ۋەزىيىتى» ئۈچۈن بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، ھەتتا تىبەت رايونلىرىغا چاپقۇ، جۈملىدىن ھەرقانداق تىغلىق ئەسۋابنى ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-pichaq-10092017124901.html

Share
1284 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.