logo

trugen jacn
09 فېۋرال 2014

ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر يىلنامىسى

 

ئۇيغۇرلار تارىخى
ئۇيغۇرلار تارىخنى بىر قانچە بۆلەككە بۇلۇشكە بۇلىدۇ، ئەپسانە دەۋرى، قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھاكىمىيەت دەۋرى، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى، يېقىنقى زامان دەۋرى، ھازىرقى زامان دەۋرى. تۆۋەندە مۇشۇلارغا ئاساسەن قىسقىچە يىلنامىلەر، ۋەقەلەر ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك شەخىس ، قىسقىچە تەپسىلاتى بىرىلدى.ھىچبىرنەرسە نۇقسانسىز بولمىغاچ خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس، مۇشۇ ئاساستا ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى قۇشۇپ، توغرىلاپ قۇيسىڭىز تولىمۇ خۇرسەنمىز. لىكىن ئىسڭىزدە بولسۇنكى ئاڭلىغان گەپلەرنى مەنبەسىز قۇشماڭ، يىزىق پاكىتى، تارىخىي يازمىلار، كىتابلارنى ئاساس قىلىڭ، ھەرگىزمۇ بۇلۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە خاراكتىر بەلگىلەشكە ئۇرۇنماڭ. مۇجمەل بايانلارنى قوشماڭچى بولسىڭىز ئېنىقسىزلىقىنى ئەسكەرتىڭ، لىكىن مۇشۇنداق ۋەقە، شەخسلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۇقۇم جەزم قىلغان ئاساستا قۇشۇڭ. ۋاقىت، ئادەم، ۋەقە مۇشۇلارنىلا بايان قىلىشقا تىرىشىڭ، باھانى ئۇقۇرمەن ئۆز كۆڭلىدە ئايان قىلغۇسى.
ئەڭ دەسلەپكى ۋەقەلەر شەخسلەر رىۋايەت تۈسىدە، خەلق ئېغىزدا ئېيتىلىپ كەلگەن، ئېنىق ۋاقىتنى بىكىتىش قىيىن. ئەڭ دەسلكى بۇ رىۋايەتلەر كۆپ مەنبەرلەردە ئەسكەرتىلگەن، شەرقتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىخچىلىرى، غەرپتە ئېران تارىخچىلىرى بىر قىسىم مەلۇمات قالدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا مەلۇماتلارمۇ بار ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى: ئەپسانە ۋە ھىكايىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى: ئەپسانە
مىلادىدىن بۇرۇنقى 20 ئەسىرلەردىن مىلادى كىيىنگىچە
”ئۇغۇزنامە“ ئىپوسىدا ئوغۇزخان قەبىلىلەرگە باش بۇلۇپ دۇنيانى بۇيسۇندۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەپسانىدە ”ئۇيغۇر“نامى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئەپسانىۋىي بايانى دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇنىڭ ۋاقتىدىنى بىكىتشىكە ئامالسىز، لىكىن بىر قىسىم قاراشلاردا ئوغۇزخان مىلادىدىن 2 ئەسىر بۇرۇنقى ھون خانى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ قارايدۇ. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئۇغۇزخان ئەپسانىسى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق بايانى.
”ھون تەڭرىقۇتىنىڭ قىزىنىڭ بۆرە بىلەن جۈپلىشىشى“. ھون تەڭرىقۇتى ئايدىن گۈزەل قىزىنى تەڭرىگە ئاتاپ مۇستەھكەم قورغانغا بەنت قىلىدۇ. بىر ئەركەك بۆرە قىلىپ توختىماي قەلئەلنى ئايلىنىپ ھۇۋلايدۇ. تەڭرىقۇتنىڭ قىزى تەڭرى بۆرىنى ئەۋەتتى دەپ بىلىپ قەلئەدىن چۈشۇپ بۆرە بىلەن ئۆي تۇتىدۇ، بالىلىق بۇلۇپ كۆپىيىدۇ.
”ئۇيغۇرلار“ جەڭدە دۈشمەنگە يېڭىلىپ قىرغىن بۇلىدۇ، 10 ياشلىق ئوغۇل پۇت-قۇلى كىسىلىپ تاشلىۋىتىلىدۇ، چىشى بۆرە كىلىپ بالىنى ئېلىپ بىر ئۆڭكۈرگەكىرىپ كىتىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپى تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان تۈزلەڭ يايلاق بۇلۇپ، ئىككىسىنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ سانى كۆپ بىر خەلققە ئايلىنىدۇ. (بۇ كىلىپ چىقىشىنى چۈشەندۇرىشى ناتايىن ، لىكىن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە بولغاچ قۇشۇپ قۇيۇلدى)
”ئەرگىنەقۇن“ ئەپسانىسى. تۆت ئەتراپى پىچاق بىسىدەك ئۆتكۈر ئىگىز تاغلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان خەلق بارغانسىرى بۇ زىمىنغا پاتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوت يېقىپ تاغدىكى تۆمۈرنى ئىرىتىپ، قورال-سايمان بىلەن تۆشۇك ئېچىپ كەڭرى دۇنياغا چىقىدۇ، ئەتراپقا يېيىلىپ ياشايدۇ. (بۇ بەكراق تۈركلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى چۈشەندۇرىغان ھىكايە دەپ قارايمەن، لىكىن بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر، تۈرك دەپ ئېنىق ئايرىلغان ھادىسە يوق، شۇڭا قۇشۇپ قۇيۇلدى)
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى: ھىكايىلەر
مىلادىدىن 23 يىللار بۇرۇن: ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇران زىمىنلىرىغا يېقىنلاشقاندا ئۇيغۇر خانى 5000 ئاتلىق قۇشۇننى ئالدىغا ئەۋەتىدۇ. ئىسكەندەر بۇلارنىڭ ئوق ئېتىشى ۋە ئات مىنىشىنى كۆرۇپ ”ئۆز ئۇزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر“ دىگەن مەنىدە سۆزلەرنى قىلغانلىقى ”تۈركىي تىللار دىۋانى“دا قەيت قىلىنغان.
ئېراننىڭ ”شاھنامە“ داستانىدا تۇران-ئېران ئېرالار (.ئېرا مىڭ يىلنى كۆرسىتىدۇ) قانلىق جەڭ قىلىشىدۇ.بۇنىڭدىكى مەلۇماتلارمۇ مەزكۈر ئەسەرنىڭ ئەپسانە قىسمىدا بىرىلگەن، ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 مىللاردىن مىلادى 5-ئەسىرلەرگىچە.
مىلادىنىڭ 2 – ئەسرىدە ياشىغان يۇنان ئالىمى پ. تۇلۇمى ئۆزىنىڭ ئون توملۇق «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىكى «سىرىسلار دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) بابىدا ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پىلە بېقىپ، يىپەكتىن نەپىس شايى – ئەتلەسلەرنى توقۇيدىغانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئى شارائىتلىرى (تاغلىرى، دەريالىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
مىلادىنىڭ 90 – يىللىرى ئۆز ئارا داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشلار، دۈشمەن ئەللەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھۇنلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە قاراپ كۆچۈپ، غەربىي ئاسىيا تەرەپكە كەتكەن. شۇ چاغدا ھازىرقى كۇچارنىڭ شىمالىدىكى (توققۇز تارا، تىكەس ئەتراپلىرى) جايلاردا، غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئولتۇراقلىشىپ قالغان، مانا شۇ ھۇنلار مىلادىنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ئەسىردە زابىندىرلار دۆلىتى دەپ ئاتالغان بىر كىچىك دۆلەت قۇرغان. شىمالىي سۇلالىلار (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇششاق ھاكىمىيەت دەۋرى) تارىخىنىڭ «غەرب ئەللىرى ھەققىدە قىسسە» بابىدا «بۇ دۆلەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش ئىدى» دېيىلگەن.
يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇت مىلادىدىن بەش ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ساياھىتىدە ئۇ يەردە كۆرگەن بىر ئىرقىنى «تۈرك» دەپ يازغان . كېيىنكى تارىخ ئالىملىرى ھىرادۇتنىڭ شۇ سۆزىنى توغرا دەپ ھېساپلىغان. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان روما تارىخچىسى ئاتتالاتا «سىفىكلەر بىلەن تۈركلەر بىر ئىرقىدۇر» دېگەن.
مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يۇنان تارىخچىلىرى غەربتە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن تارتىپ شەرقتە ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان چەكسىز تېررىتورىيەدە ياشىغان خەلقلەرنى «سىفىكلەر» دەپ ئاتىغان. «تارىخنامە: خەن سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى غەرب ئەللىرىگە بېرىلگەن مەلۇماتتىمۇ، ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار (كاسپى دېڭىزنىڭ شىمالىدا) نىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئېيتىلغان.
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھاكىمىيەت دەۋرى
مىلادىدىن 3 ئەسىرلەر بۇرۇن: ئۇيغۇرلار قەبىلىلىرى مىلادىدىن بۇرۇن تۇرلار دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىتابلىرىدا مىلادىدىن 3 ئەسىرلەر بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار شەرقەت بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىيدىن تارتىپ غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىپ بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا (بۇگۇنكى ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆرسىتىدۇ، دائىرىسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ۋە بەش ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى، سىياسىي ئاتالغۇ . بايا سۆزلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دىڭىزدىن يىراق ئاسىيانىڭ تىلغا ئالغان رايۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ، جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ) لاردا ياشاپ چارۋېچىلىك، ئوۋچىلىق، دىھقانچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.
مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كىيىن: تۇغلۇقلار (كىتابلاردا ھەرخىل ناملاردا دىيىلگەن، شۇنىسى شۈبھىسىز، بۇلارئۇيغۇرلانىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ناملىرى) شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمغا بۆلۇنگەن بۇلۇپ،ئالتۇن تاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇزىمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
تارىخىي خاتىرىلەردە تۇنجى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مىلادى 323-يىللىرى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن،200 يىللار مەۋجۇت بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق ھاكىمىيەت مىلادى 523-يىللىرى قۇرۇلۇپ 80 يىللار مەۋجۇد بولغان، 603-يىللىرى كۆك تۈركلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. 3-قېتىملىق ھاكىمىيەت 743-يىللىرى كۆك تۈركلەرنىڭ خارابىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان، بۇگۇنكى مۇڭغۇلىيە ۋادىسىنى مەركىزىي رايۇن قىلغان. مىلادى 5-ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە يىزىق دەرىگە قەدەم قويغان، يىزىق سوغدى يىزىقىدىن ئۆزلەشتۇرۇلگەن.
4 – ئەسىر: ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 4 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا، ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۇنگۇس نەسلىدىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن، ياۋرۇپالىقلار «ئاۋارلار» دەپ ئاتىغان، جۇرجانلار باش كۆتۈردى. مانا شۇ جۇرجان تۈركلىرىنىڭ قاغانى شىرون (مىلادىنىڭ 400 – يىلدىن 411- يىلغىچە قاغان بولغان) مىلادىنىڭ 400 – يىللىرى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن خېلى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار جۇرجان قاغانلىقنىڭ قوشۇنلىرىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا ئالتايدىكى تۈركلەر جۇرجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە قىلىنغان. چۈنكى، ئالتاي تۈركلىرى مىتال ئېرىتىپ تۈرلۈك قوراللارنى ياساشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.
مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى. شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا، غەربى تۇغلۇقلار تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋەغەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپمۇئاتالدى. ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى. بىرقىسىمى قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى.
مىلادىنىڭ 487- يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى (يۇقىرىدا تىلغا ئالغان شەرقىي تۇغلۇقلار) بۇركلى(تۇماغلىق) قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇرجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىغا (ھازىرقى جۇڭغار دالىسىغا) كۆچكەن. شۇ قېتىم ئالتاي ئارقىلىق كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 600 مىڭ بولۇپ، 120 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئىدى. جۇرجان قاغانى تۇلۇن (487- 492 ـ يىللارى) نۇرغۇن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خانى ئاي ئوجرو جۇرجان قاغانى تۇلۇن قوشۇنلىرىنى تار – مار قىلدى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەن تۇلۇن قاغاننى جۇرجان ھۆكۈمرانلىرى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا ناغاينى قاغان قىلدى. ئۇيغۇرلار 487 – يىلى جۇرجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان غەربىي تۇغلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. 60 يىل ھۆكۈم سۈرگەن (مىلادىنىڭ 487 – يىلدىن 546 – يىلغىچە) بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ماناس ئەتراپلىرىدا بولۇپ، تېررىتورىيىسى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە سايرام كۆلى بويىغىچە، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا جۇرجانلار بىلەن، قاراشەھەر ئەتراپلىرىدا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتراپلىرىدا تۇيغۇنلار (تىبەت خانلىقى) بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان.
551-يىلى ئالتاي ئەتراپىدىكى كۆك تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقىنىڭ خانى ئاشنا تۈمەن كۆك تۈرك خانلىقىنى قۇرغان.گۈللەنگەن مەزگىلىدە شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە كاسپى دىڭىزىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىدىن جەنۇپتا سەددىچىن سېپىلىنى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي رايۇنلىرىنى بويسۇندۇرغان. (تارىم ئويمانلىقى مىلادىدىن بۇرۇن ھونلار دەۋرىدە بۇيسۇندۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈركلىشىش دەۋرىنى باشلىغان، مۇشۇ دەۋردە ئاخىرقى مەزگىلىگە كىرگەن دەپ قارايمەن.)
مىلادىيە 605- يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى قارا قاغان تىگرىك قەبىلىلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى پاك-پاكىز تارتىۋالدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تىگرىكلەرنىڭ بىر قانچە يۈز قەبىلە ئاقساقىلىنى تىرىك كۆمۈۋەتتى. «شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بۆگۈ، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تۈركلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنى ئېركىن دەپ ئاتىدى. باشقىلار ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى.
مىلادى 583-يىلى كۆكتۈرك خانلىقى تەبىئى ئاپەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى نىزا تۈپەيلىدىن ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا ئىشبارا قاغان باشچىلىقىدىكى ئۇرخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان شەرقى تۈرك خانلىقى(634-يىلى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان) ۋە تاردۇش قاغان باشچىلىقىدىكى يۇلتۇز ۋادىسىنى مەركەز قىلغان غەربى تۈرك خانلىقى(657-يىلى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان )غا بۆلۈنۈپ كەتكەن.
627- يىلى تاڭ سۇلالىسى جەنۇبتىن تۈرك خانلىقىغا ھۇجۇم قوزغىغاندا، بوساد پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالدىن تۈرك خانلىقىغا تېگىش قىلدى. ئەللىگ قاغان دەرغەزەپ بولۇپ ئوغلى يوقۇق شادنى يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىبەرتتى. بوساد بەش مىڭ كىشىلىك يېنىك چەۋەندازلار قوشۇنى بىلەن «مالىشەن تېغى باغرىدا تۈركلەرنى تارمار كەلتۈردى، ياۋ قاچقاندا تەڭرىتاغ ۋادىسىغىچە قوغلاپ بېرىپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىر ئالدى، شۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى شىمالنى لەرزىگە كەلتۈردى». مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇش – تۈرك خانلىقىنىڭ ھالاك بۇلىشىدا ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شۆھرەت قازىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرۇيىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان ۋە سىڭىشكەن قەبىلىلەرنىڭ سانى ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تەدرىجىي قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى بوسادتىن باشلانغان» دېيىلىدۇ .
شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، شىمالىي يايلاق ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سۈپىتىدە 628- يىلى سىر-تاردۇشلار خانلىقى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ مەزگىلدە قۇدرەت جەھەتتە سىر-تاردۇشلاردىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. پائالىيەت دائىرىسىمۇ سېلىنگا بويلىرىدىن تۇغلا دەرياسى ۋادىسىغىچە كېڭەيدى، پائالىيەت مەركىزىمۇ مۇناسىپ ھالدا شەرقىي جەنۇبقا سۈرۈلدى. سىر-تاردۇشلا خانلىقى 628- يىلىدىن 646- يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئاتاقتا سىر-تاردۇشلارنىڭ بېقىندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خانلىق تىروتىرىيىسىدە ياشاپ كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ جەڭ قىلمىدى.
مىلادىيە 646- يىلىغا كەلگەندە شىمالىي دالىدىكى ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. سىرتاردۇشلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ مەغلۇپ بۇلىشى، ئىچكى ئىستىراتىگىيەدە ئىتپاقداش قەبىلىلەرنى چەتكە قېقىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان ھەرقايسى قەبىلىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە سىر-تاردۇشلا خانلىقىغا قارشى سەپكە ئاتلاندى. مانا مۇشۇ ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئاقساقىلى تۈمىد (ياغلاقار جەمەتىدىن دىيىلىدۇ) سىر-تاردۇشلارنىڭ تۈربەگ قاغانىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قاراشلىق بارچە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى ھەمدە سىر-تاردۇشلارنىڭ ئەسلى ماكانىنى ئىگىلىدى. (بەزى قاراشلاردا مۇشۇ ئورخۇن –ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى دىيىلىدۇ، ئىزچىل 744-يىلىغىچە مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرغان.)
مىلادى 679-يىلى شەرقى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خان ئەۋلادىدىن بولغان قۇتلۇق قاغان چوغاي تېغى ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ئۇرخۇن ۋە ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىنى ئىگەللىگەن ۋە ئىلتەرىش قاغان دەپ ئاتىغان. 682-يىلى شىمالدىكى ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ كونا تۈرك خاقانلىقى زىمىنىدىكى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان. قۇتلۇق قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئىنىسى مۇيۇنچۇر خاقان مەزگىلىدە خانلىق تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بىلگە قاغان دەۋرىگە كەلگەندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاڭجۇن باشچىلىقىدىكى 300مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تارمار قىلىنىپ خانلىق مىسىلىسىز كۈچلۈك ھالەتكە كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 744- يىلىغىچە بولغان ئەللىك يىلدا، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا تۇرۇپ كەلدى.
مىلادى 745-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى قۇتلۇق بىلگەكۆل قاغان قارلۇق ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى پەيمەن قاغاننى ئۆلتۈرۈپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان . كۆكتۈرك خانلىقى شۇنىڭ بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان.
كۆك تۈركلەر ۋە تاڭ سۇلالىسى (كىيىنكى مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچ قەيت قىلىندى)
مىلادى 617-يىلى سۇي سۇلالىسى تەييۈەن ئايمىقىنىڭ ئامبىلى لى يۈەن (سىيانپىي نەسلىدىن دىيىشىدۇ) نامە يىزىپ، شەرقىي كۆتۈرك خانى ئىشبارا قاغانغا سوۋغا-سالام ئەۋەتىپ ، سۈي سۇلالىسىغا بىرلىكتە ھۈجۈم قىلىشىنى، ئولجا قىز-يىگىت ، مال-دۇنيانى ئىشبارا قاغانغا ھەدىيە قىلىشنى ئۆتۈنۇپ تەكلىپ بىرىدۇ. ئىشبارا قاغان لى يۈەننى يۆلەپ ھاكىمىيەتكە چىقىرشىنى قارار قىلىپ، لى يۈەن ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلار (سۇي سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا يىغىلىق دەۋرىگە كىرىپ قالغانىدى) ھەربىي ياردەم بىرىدۇ. لى يۈەن 30 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن بىلەن 618-يىلى 5-ئايدا چاڭئەننى ئىشغال قىلىدۇ ۋە تاڭ سۇلالىسىنى جاكارلايدۇ. لى يۈەن زامانىلېرىدا تاڭ سۇلالىسى باشتىن-ئاخىر شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىدۇ، لى يۈەن سىيانپىلارنىڭ توقبات نەسلىدىن بولغاچقا،تاڭ سۇلالىسى تۈركلەر تەرىپىدىن<<تاۋغاچ خانلىقى>>دەپ ئاتىلىدۇ. 619-يىلى ئىشبارا قاغان ۋاپات بولىدۇ،ئورنىغا ئىنىسى ئېلتەبىر شاد تەختكە چىقىپ،چۇرلۇق قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ئىشبارا قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،ئوردىدا ئۈچ كۈن خىزمەت توختۇتۇپ ماتەم بىلدۈرۈدۇ.
كۆتۈركلەر سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۈركلەرگە قېچىپ كېلىۋالغان ئون مىڭغا يېقىن قەۋمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،شۇ ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنى چەكلەپ تۇرۇش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى.لېكىن كېيىنچە بۇ ئايماقنىڭ بىر مۇنچە سانغۇنلېرى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىغىدىن غەزەپلەنگەن ئېلىك قاغان621-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىدۇ،621-يىلىدىن626-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك قوشۇنلېرى سەددىچىن سېپىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەمئىي33ئايمىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ. نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان تاڭ سۇلالىسى،622-يىلى4-ئايدا تۈركلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ،ئېلىك قاغانغا سوۋغا بېرىدۇ ۋە مەلىكە ياتلىق قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىدۇ .626-يىلى8-ئايدا تۈرك قوشۇنلېرى ھازىرقى شەنشىنىڭ ۋۇگۇڭ ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەن تۈركلەرنىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەنلا قولغا كېلىش گىردابىغا كېلىپ قالىدۇ، لى شىمىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ،ئۇ ئۆز سەلتەنەتىنىڭ مانا مۇشۇنداق گۇمران بولۇپ كېتىش پەيتىدە،شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسى بويىغا كېلىپ كۆۋرۈك بېشىدا بوز ئات ئۆلتۈرۈپ،تۈركلەر بىلەن ئۆزئارا دوستلۇق ئەھدىنامىىسى تۈزەپ يارىشىدۇ ،شۇندىن كېيىن تۈركلەرمۇ چىكىنىپ كىتىدۇ. ( بۇ ۋەقە تاڭ سۇلالىسى تارىخىدا باشقىچە يىزىلغان بۇلىشى مۇمكىن، خۇددى، 1840-يىلى ئەپيۇن ئۇرۇشىمۇ ئاجايىپ بىر خىل رەۋىشتە يىزىلغاندەك.)
يايلاقتىكى بىر قسىم قەبىلىلەر ئۇرۇش جەريانىدا جەنۇپقا كۆچۇپ بىر قىسىم سەددىچىننىڭ ئىچىگە كىرىپ ماكانلاشتى، تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنى چىگراغا ئۇرۇنلاشتۇرپ مەنسەپ بىرىپ چىگرادا شىمالدىن مۇداپىئەلەندى. تاڭ سۇلالىسى تۈرك ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئارلاشما قۇشۇن تەشكىللەپ كىڭەيمىچىلىك قىلدى. 640-يىلى لىشىمىن زور كۈچ بىلەن قۇجۇنى ۋە بۇغدا شەھىرىنى بېسىۋالدى. 644-يىلى ئاسىنا شەن (ئىشبارا قاغاننىڭ قېرىندىشى چۇرلۇق قاغاننىڭ ئوغلى، تاڭغا 636-يىلى تاڭغا تەسلىم بولغان) 100 مىڭ كىشىلىك ئارلاشما قۇشۇن بىلەن كۈسەن، قەشقەر، خوتەننى بېسىۋالدى. قاراشەھەر 648-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان قىلدى، ئارقىدىنلا كۈسەن خانى ئولپان تۆلەشنى رەت قىلىپ ئىسيانغا قۇشۇلدى. . ئاسىنا شەن قۇشۇن باشلاپ ئىسياننى تىنجىتىپ 11 مىڭ كىشىنىڭ كاللىسىنى ئالدى.
679-يىلىدىن 691-يىلىغىچە كىيىنكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ (يۇقىرىدا بايانى بىرىلگەن) جەنۇبقا ئەسكەر تارتىپ سەددىچىن ئەتراپىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىرىنى تازلىدى.
699-يىلىدىن 715-يىلىغىچە مۇيۇنچۇر قاغان جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ھازىرقى جىمسارغىچە بولغان رايۇنلارنى قايتۇرۇۋالدى.
742-يىلى قاغانلىقتا ئىچكى نىزا ئەۋج ئالغان، باسمىل قەبىلىسى ئىسيان قىلىپ تەختنى تارتىۋالغان. 745-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىسى قورال بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئورخۇن-ئۇيغۇر خانلىقى ھەقىقىي قۇرۇلدى دە قارىلىدۇ. ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندا زىمىنى ئەرەبلەر، تۈبەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراۋاتاتتى.
663-يىلى تىبەتلەر چىڭخەينى بېسىۋالغان (ئەسلى تۈركلەرنىڭ قۇلىدا ئىدى).
667-يىلى ئەرەبلەر ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ غەربىي زىمىنلىرىنى بېسىۋالغان.
674-يىلى ئەرەبلەر ھازىرقى ئۆزبىكىستان تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەن.
750-يىلىغىچە ئەرەبلەر بىلەن (بۇ ئاشۇ رايۇنلاردىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئورخۇن ۋە جۇڭغار، تارىم ،ئېلى ئېرتىش دەريا ۋادىلىرىدا ) تۈركلەر بىر قاتار ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋالغان.
751-يىلى ئەرەبلەر تاڭ سۇلالىسى بىلەن تالاستا قاتتىق جەڭ قىلدى، تاڭ قۇشۇنى تارمار بولدى، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن جۇڭغار، قۇجۇدىن پۇتۇنلەي تەسىر كۈچى سىقىپ چىقىرىلدى.
755-يىلى تۈرك قېنىدىن بولغان تاڭ قوماندانى ئوڭلۈك ۋە سۆيگۇن 150 مىك كىشىلىك تۈرك، سىيانپى ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن (يۇقىرىدا سەددىچىن ئىچىدە ئۇرۇنلاشقان نۇرغۇن خەقلەر بارلىقىنى قەيت قىلدۇق) قۇشۇننى باشلاپ ئىسيان قىلدى. ئۈچ ئاي ئىچىدە لوياڭ قولدىن كەتتى، ئاقىدىنلا 200 مىڭ كىشىلىك تاڭ قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ چاڭئەننى بېسىۋالدى. 756-يىلى تاڭ خانى سىچۈەنگە قاراپ قاچتى.
756-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم قىلىشنى ئۆتۇندى،
757-يىلى قاغاننىڭ ئىنىسى يابغۇ تېكىن 4 مىڭ ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ يادەمگە كىلىپ چاڭئەننى ، ئارقىدىنلا لوياڭنى قايتۇرىۋالدى. سۆيگۇن تەسلىم بولدى.
757-يىلى يوڭ ۋاڭ لى شىې (762-يىلى تەختكە چىققان تاڭ دىزۇڭ) لوياڭ قايتۇرۋېلىنىش ھارپىسىدا قول ئستىدىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانىغا كۆرۇنۇش قىلغىلى بارىدۇ. قاغان يۇڭ ۋاڭنى بىللە ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئەمما يۇڭ ۋاڭ نىمىشقىدۇر ئۇسسۇلغا چۈشمەي تۇرۋالىدۇ. قاغان بۇ ئىشقا خاپا بولغاندا،يۆزىئاڭ ئۇسۇل ئوينىسا رەسىم-قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ دېگەندە،ئۇيغۇرلارنىڭ سانغۇنى چۈبە ئۇسۇل ئوينىشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالغان،بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان،چۈبە يۆزىئاڭ قاتارلىق تۆت ئادەمنىڭ ھەر بىرىنى يۈز قامچىدىن ساۋاپ چىققان،ۋېي جۇ بىلەن ۋېي شياۋخۇانىڭ جاراھىتى ئېغىر بولغاچقا،بىر كېچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن؛يوڭ ۋاڭ بېگى لى شى قوغلاپ چىقىرىلغان
مىلادى 951-يىلى
قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى، يۇڭ،تېرە، دورا-دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .
مىلادىنىڭ 956-يىلى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم) خانلىققا ۋارىسلىق قىلىدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان»دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى .سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2- ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مىلادىنىڭ 960-يىلى
200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرۈك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى
مىلادىنىڭ 981-يىلى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 982-يىلى
ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى. ئىدقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983- يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر
ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى.
مىلادىنىڭ 990-يىلى
قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەرتارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى.
مىلادىنىڭ 992-يىلى
بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى.
مىلادىنىڭ 999-يىلى
قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى. <
مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى
بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى.
مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى
قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى »نى يېزىپ چىقتى.
مىلادىنىڭ 1141-يىلى
غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى. ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قارخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلۇپ
مىلادىنىڭ 1211-يىلى.
نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى.
غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
مىلادىنىڭ 1212-يىلى
خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى. غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى.
مىلادىنىڭ 1219-يىلى
چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى .
مىلادىنىڭ 1225-يىلى
چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا قەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتاينغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زىمىننى بەردى . قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى. شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى .
مىلادىنىڭ 1251-يىلى
مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى.
مىلادىنىڭ 1274-يىلى
يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى.
مىلادىنىڭ 1275-يىلى
چاغاتاينىڭ نەۋىرسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە
مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى.
مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى
ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مىلادىنىڭ 1346-يىلى
مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى( ئاقسۇدا).
مىلادىنىڭ 1370-يىلى
چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .
مىلادىنىڭ 1383-يىلى
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى.
مىلادىنىڭ 1680-يىلى
17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق» « ئاق تاقىيە» « قارا تاقىيە» دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى .
17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى. شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى.
مىلادىنىڭ 1696-يىلى
جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى.
مىلادىنىڭ 1700-يىلى
چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساققىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى.
مىلادىنىڭ 1755-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ،ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
مىلادىنىڭ 1759-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى.
مىلادىنىڭ 1762-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭ نىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى.
جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ،
ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى.
ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزىمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى.
مىلادىنىڭ 1765-يىلى
ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى .
مىلادىنىڭ 1815-يىلى
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھپەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىگە قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈردى ، بۇۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا «زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى.
مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى
بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى.
1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى .
1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى.
مىلادىنىڭ 1848-يىلى
جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن (كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خەلق بۇلاڭ-تالاڭ غا ئۇچرىدى.
مىلادىنىڭ 1857-يىلى
ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ، بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
مىلادىنىڭ 1864–يىلى
كۇچاردىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك
قوزغۇلاڭ كۆتۈردى. قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ،شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغۇلۇڭى بۇلۇپ شەكىلەندى .
مىلادىنىڭ 1865-يىلى
قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى. ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى.
قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى. قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەند نىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى
مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى
ياقۇپ بەگ قەشقەر، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى .
مىلادىنىڭ 1870-يىلى
ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
مىلادىنىڭ 1875-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى .
مىلادىنىڭ1876-يىلى
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى. فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .
مىلادىنىڭ1877-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .
چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ 14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 – يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى.
مىلادىنىڭ 1884-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 – يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىچىگە ئولتۇردى
مىلادىنىڭ 1911-يىلى
جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى . قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي» جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
مىلادىنىڭ 1912-يىلى
ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى. ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى .
شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى.
شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .
مىلادىنىڭ 1928-يىلى
بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 – ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى. سىياسىي تېزلابېشىق تۇرۇلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى.
مىلادىنىڭ1931-يىلى
قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي
بۇ قوزغۇلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى.
مىلادىنىڭ1933-يىلى
4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ،ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا «شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى
مىلادىنىڭ 1935-يىلى
مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ،تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى.
شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ،«جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش’» ،« سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش »،« مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش»، «تىنىچلىقنى ساقلاش »،« شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش» دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى.
مىلادىنىڭ 1937-يىلى
9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى
مىلادىنىڭ 1391-يىلى
قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامەيوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى .
مىلادىنىڭ1403-يىلى
قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى. مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى. تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .
مىلادىنىڭ 1404-يىلى
مىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى.
ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى
مىلادىنىڭ 1942-يىلى
شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى .
مىلادىنىڭ1943-يىلى
چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى .
مىلادىنىڭ 1942-يىلى
شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا
تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى. شۇ يىلى 9 – ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت قۇردى . قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە « ئۈچ ۋىلايەت ئنقىلابىي » دەپ ئالدى .
مىلادىنىڭ1946-يىلى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالىنىپ ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلدى . مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى .
مىلادىنىڭ 1947-يىلى
مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال » ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى،ۋە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى .
مىلادىنىڭ 1949-يىلى
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزگەر تىپ تەشكىل قىلىندى . بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8- ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلارجۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناسماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلار سوۋېت ئىتپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ مىللەتنىڭ ئازاتلىقى خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابى ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.
شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 – كۈنلىرى ئاۋسىيۆ ، بۇرھان شەھىدىلەر تېرگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايتتى . …… 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ شىنجاڭغا يۈرۈشقىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋالايەت ئىنقلابى مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى ، ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى .
مىلادىنىڭ 1955-يىلى
10 -ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى . دوڭبىۋو جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتىتىغا ، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

http://www.oyghaq.com/?p=2091

Share
2625 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.