logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتىن « ئاسسمىلياتسىيە » قىلىش

 

 

تارىم توغراق

1949- يىلدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتەر ئىگەللىگەن. خىتايلار بۇ يەردىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەت %5 ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، 200 مىڭ ئەتراپىدە خىتاي بار ئىدى. ھازىر بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسملار ۋە « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى » نىڭ نوپۇسىنى ھىساپلىمىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى % 45  دىن  ئېشىپ كەتتى.

« 1941 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 187  مىڭ خىتاي نوپۇسى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5.0 نى ئىگەللەتتى. ( چاڭ چىن يى : << شىنجاڭدىكى يەرلەردىن پايىدىلىنىش  ۋە كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى>> »)، « شەرقىي تۈركىستاندا 1953-  يىلى خىتاي نوپۇسى 299000  گە يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6.1 ئىگەللىدى، 1964 يىلى 2445400 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %32.9     ئىگەللىدى،1982-  يىلى 5284000 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40.4 ئىگەللىدى. 1990-  يىلى 5695400 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 37.6 ئىگەللىدى. 2000- يىلغا كەلگەندە 7497700 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40.6 ئىگەللىدى. » ( ئامېرىكا، س. فرېدېرىك ستار( مۇھەررىر) : « شىنجاڭ »، 2004 , America,  s . Frederick Starr (editor) XINJIANG   دىكى   مەلۇماتلار).

تەبىئىي جۇغراپىيە جەھەتتىن قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان كىلىماتى ئومۇمەن قۇرغاق، ھۈل- يېغىن كەمچىل، سۇ مەنبەلىرى مول ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بىر رايون.  يەرلىك ئاھالىلار ئاساسەن سۇ مەنبەلىرىغا يېقىن بولغان بوستانلىق ۋادىلار ۋە يامغۇر- يېشىن كۆپ بولغان تاغلاردا ئولتۇراقلاشقان. يېزا ئىگىلىكىك ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بولسا ئۇيغۇر، شىبە، ئۆزبېك، سالار ۋە داغۇر دېھقانلىرى ئاساسەن ئۆلكە يەرلەرنى ئىگەللىگەن؛ قازاق، مۇڭغۇل، قىرغىز ۋە تاجك چارۋىچىلىرى تاغلار ۋە تۈزلەڭ يايلاقلارنى ئىگەللىگەن؛«  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى »  يېڭى ئېچىلغان بوز يەرلەرنى ئىگەللىگەن ھەمدە سۇ مەنبەلىرىنىڭ يوقىرى ئېقىنلىرىنى كونترول قىلغان . سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بار  بولغان بوز يەرلەر ئاساسەن ئېچىپ تۈگۈتىلگەن ئەھۋالدا. بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كېيىنكى چېگرا رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرماسلىق سىياسىتى، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋە ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىلىرىدىكى جايلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ كاساپىتىدىن زامانىۋى سانائەت ئانچە تەرەققى قىلمىغان، يېزا ئىگىلىكىك ئاساسەن ئادەم ئەمگەك كۆچى ۋە ئات – ئۇلاغقا كۆچىگە تايىنىدىغان ئەھۋالدا.  « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى » نىڭ يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆچىگە تايىنىپ ئانچە — مۇنچە ماشىنىلاشقان.

مۇشۇنداق بىر تەبىئىي شارائىت ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى مىلليونلاپ يۆتكەپ، بۇ يەرنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن (« خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇياۋباڭ غەربىي شىمالنىڭ جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 200  مىليونىنى ئازادە سىغدۇرالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، 20- ئەسىرنىڭ ئاغىرغىچە يەنە شىنجاڭغا بەش مىليون كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنى ئىشەنچىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. »، « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى » دىكى مەلۇمات )  شۇ دەۋرلەردە پەقەت يەرلىك مىللەتلەرنى كۆپىيىشنى كونترول قىلشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-  يىللىرىدىن باشلاپ، مىللىيلار ئۈچۈن پىلانلىق توغۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا بىر پەرزەتلىك، قازاقلارغا ئىككى پەرزەتلىك بولۇش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي مىللىيلارغا قاراتقان پىلانلىق توغۇش تەدبىرىنىڭ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلشىنىڭ ئۇنۇملىك چارىسى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى، چۇنكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى يەنىلا كۆپەيدى. يەنە كېلىپ « شىنجاڭ » دا تىرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەنبەسى شۇنچىلىكلا، ھەممىسى ئىشلىتىمەكتە. مۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك مىللەتلەرنى بىر تەرەپ قىلمىسا، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۆزلىرىگە بېسىم بولىۋاتقان مىليونلىغان خىتايلارنى بۇ يەرگە يوتكەپ ئەكىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە كۆزى يەتتى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز مىلليونلغان ئۇشۇقچە نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ رايوندا تۇرالغۇ جاي، تېرىلغۇ يەر ۋە  سۇ مەنبەسى قاتارلىق مەسىللىلەرنى ھەل قىلىشتا زور قېيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە.  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « جەنۇبنىڭ سۇينى شىمالغا يۇتكەش پىلانى »  تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇ ئىنشائاتىنىڭ ئىككىسى تاماملانغاندىن كېيىن ( بۇ سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ ئىككىسى چاڭجىياڭ دەرياسنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن شىمالغا– بېيجىڭ ۋە تىيەنجىڭ رايونلىرى، يەنە بىرسى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى سۇ مەنبەلىرىدىن سېرىق دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قويۇلىدىغان سۇ ئىنشائاتى،  بۇ سۇ ئىنشائاتىنىڭ قۇرۇلۇشى قېيىن، مۇرەككەپ ۋە تەننەرقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا تېخى باشلانمىدى. ) خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا  يۇتكەيدىغان سۇ مەنبەلىرى ئاساسەن قالمىدى. خەلقئارالىق قانونلارنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ۋاقىتىنچە ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئىچكى دەريالارنى پۆتۈنلەي بوغالماي تۇرغان ئەھۋالدا، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش ئۈچۈن زىمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە، غەرەزلىك ھالدا « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش »، « بۆلگۈنچىلىك »،« دىنىي ئاشقۇنلۇق »،« دىنىي ئەسەبىيىلىك » ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دېگەندەك سىياسىي سەپسەتەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئەينى زامانىسىدىمۇ  شەرقىي تۈركىستاندا ھىچ بىر ئاساس سالالمىغان « پان تۈركسىزم » ۋە « پان ئىسلامىزم » دېگەندەك تارىخىي ئارخىپقا كېرىپ كەتكەن سىياسىي سەپسەتەلەرنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق  ۋە  قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى، مۇسۇلمان تۇڭگان ۋە تاجىك مىللەتلىرى قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى  بۇ زىمىندىن يوقىتىشتىن ئىبارەت شۇم نىيەتكە كەلدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرنى يوق قىلىشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك رەزىل پىلانى شۇندىن ئىبارەتكى، بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىنى زور دەرىجىدە قۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارچە بۇ مىللەتلەرنى بىر رەتتىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ تۈتقۈن قىلىش ئارقىلىق بۇ گۇناھسىز تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىمىنى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈش، بىر قىسمىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يوتكەپ ئۆلتۈرۈش، بىر قىسىم « ئىپادىسى ياخشى » بولغانلارنى لاگېردەك زاۋۇت- كارخانىلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش  ۋە بىر قىسمىنى خامۇش قىلىپ جەمئىيەتكە قويۇپ بىرىش بۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن  جەمئىيەتتە تۇتقۇن قىلىنمىغان كىشلەر ئۇچۇن مەخسۇس ئارخىپ ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۇشنى تەكشۇرۇپ، « مەسىلە بار» ياكى « ھۆكۈمەتكە نارازلىقى بار ئىكەن » دەپ تونۇغانلارنى داۋاملىق جازا لاگېرلىرىغا يوللاش بىلەن بىرگە ئېشىپ قالغان ئۆزلىرى « مەسىلىسى يوق » ۋە « يۇمشاق قولاق » دەپ تونۇغان كىشلەرنى« پروگراممالاشتۇرۇلغان « ماشىنا ئادەم » لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقچى.

بۇندىن سىرت  خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كەسكىن رەۋىشتە ئازايتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مىليونلاپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇلتۇراقلاشتۇرۇشقا جاي تەييارلاشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرمە ۋەجازا لاگېرى سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۈرۈش بىلەن بىرگە  يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ياش ئەر- ئاياللارنى  بولۇپمۇ بويىغا يەتكەن ياش قىزلارنى « ئېشىنچا » ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش « پەتىۋا » سى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يوتكىمەكتە.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى  قازاقىستان ھۆكۈمتى بىلەن كېلىشىپ، لاگېرلاردا تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم قازاقلارنىڭ قازاقىستاننىڭ دۆلەت تەۋەلىگىگە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلدى. « بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 9 – يانۋار ئالمۇتا شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق مەھبۇسلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتقان. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ << بۇ ئىككى مىڭ كىشى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتاي ۋەتەنداشلىقى بىكار قىلىنىپ، قازاقىستان ۋەتەنداشلىقى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ > >  دېگەن. ».

خىتاي ھۆكۈمىتى  شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرىنى ئازايتىش  ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش زىمنىنى تەييارلاش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىق بىر تۈركۈم قازاقلارنى قازاقىستانغا ھايدىۋېتىشىنى ئاللاقاچان خېلى يىلللار ئىلگىرى ئاستىرتىن پىلانلىغان ئىدى. ئەينى زامانىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى جياڭ زېمىن قازاقىستان ھۆكۈمتىدىن « شىنجاڭ » نىڭ قازاقىستانغا چېگراداش جايلاردا ياشايدىغان قازاقلاردىن كۆپرەك ئادەمنى قوبۇل قىلشىنى ئۆتۈنگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق بىر تۈركۈم قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈشى ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرىن پىلانلىغان قازاق تۈركلىرىنى « شىنجاڭ » دىن ھايداپ چېقىرىشتىن ئىبارەت بولغان پىلانىنىڭ ئەمىلىيلىشىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت، خالاس.

Share
2937 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.