logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ياقىسىغا يېپىشىۋالغان پەتۇللاھچىلارغا دىققەت

 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ياقىسىغا يېپىشىۋالغان پەتۇللاھچىلارغا دىققەت

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

پەتۇللاھچى “ تۈرك – چىن دوستلۇق ۋەخپى” تاقالغانلغى نىمىدىن ئىشارەت بېرىدۇ؟

تۈركىيەنىڭ رەسمىي گىزىتىسىنىڭ 23.ئىيۇل. 2016. سانىدا “پەتۇللاھ تېرور تەشكىلاتى” غا مەنسۇپ 1125 جەمئىيەت، 104 ۋەخپە ئېلان قىلىندى. (ئەكەرتىش:تۈركىيە رەسمى گىزىتسى، خىتاي مەركىزى كومىتىتنىڭ قىزىل باشلىقلىق رەسمى ھۆججىتى بىلەن ئوخشاش. مەخسۇس مەركەزنىڭ ھۆججىتىنى ئېلان قىلىدىغان گىزىتتۇر.) مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، پائالىيەت قىلىشى چەكلەنگەن ۋە قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنغان “تۈرك- چىن دوستلۇق ۋەخپى” رەسمى گېزىتنىڭ 31. بېتىدە، تىزىملىكنىڭ 90. قاتارىدا يەر ئالغان

plain-blue-background-wallpaper-3
تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، تۈرك دۆلىتىگە خىيانەت ۋە ئاسىلىق يولىدا خىزمەت قىلىش، جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تاقالغان “تۈرك- چىن دوستلۇق ۋەخپى” قانداق ۋەخپە؟
بۇ ۋەخپە، 2009.يىلى 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىيامىدىن كېيىن ئەنقەرەدە قۇرۇلغان. بۇ ۋەقىپنىڭ تور بېتىدە “ ۋەقپىمىز 2009.يىلى. 12. ئاينىڭ 24. كۈنى قۇرۇلغان” دەپ يېزىلغان. تۈركىيە ۋەقىپلەر مۈدىرلىگىنىڭ تىزىملىگىدە 2014. يىلى 9.ئاينىڭ 9. كۈنى ئەنگە ئېلىنغانلىقى رەسمى گېزىتىدە يېزىلغان. “تۈرك –چىن دوستلۇق ۋەخپى”نىڭ تۈركىيەدە تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزچە تىللاردا خىتاينى تەشۋىق قىلىدىغان تورى بار. قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئىشى، تۈركيەدە خىتاينى تەشۋىق قىلىش. تۈركىيەدە خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن لوبىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت
ۋەقىپنىڭ باشلىقى ھاسان چاپان گازىئانتەپكە قاراشلىق نىزىپ ناھىيەسىدىن. شۇ ئان 71 ياشتا بولغان ھاسان چاپان ئۆز تەرجىمالىدا مەكتەپ ئوقۇغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. خىتاي دۇنياغا ئېچىلغان 1980. يىللاردا خىتايغا بېرىپ تىجارەت قىلغانلىقى ۋە باي بولغانلىغى يېزىلغان
ۋەقىپنىڭ تور بېتىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كۆپ پارتىيىلىك، دېموكراتىك،قانۇن دۆلىتى بولغانلىغى يېزىلغان. خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە تۈرك خەلقىگە يالغان ئېيتىشتىن ھېچ نۇمۇس ھېس قىلمىغان
پەتۇللاھ گۈلەننىڭ ئەمرى ئاستىدىكى بۇ ۋەقىپ، تۈرك دۆلىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قانداق ئورتاق ھەركەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئورتىغا چىققۇسى. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تۈركىيەدە خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخباراتىنى توپلاپ خىتايغا ساتىدىغان، شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ، خىتاينى راستقا چىقىرىدىغان جەمئىيەت، ۋەقىپلەر ئاز ئەمەس. خىتانىڭ زور مىقداردىكى پۇلى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان بۇ دەرنەك، ۋەقىپلەر ئارىسىدا، ھېچقانداق تىجارى قابىلىيىتى بولمىغان، پەقەتلا خىتاينىڭ پۇلى ۋە ھىمايىسى بىلەن باي بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنى مەسخىرە قىلىپ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بار

 

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىللىك خىتاي پائالىيىتى تۈركىيەنى بازا قىلماقتا

تۈركىيە بىر دېموكراتىك دۆلەتتۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى، دېموكراتىيە ئارقىلىق دېموكراتىيىنى مەغلۇپ قىلىش سەنئىتىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگەندى. بۇ توغرۇلۇق يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە. خۇددى ۋەتەندە، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېغىدا، ئۆزىنى قۇرىۋاتقانغا ئوخشاش، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ،دېموكراتىيىنى، دېموكراتىيە بىلەن قورۇپ كاۋاپقا ئايلاندۇرماقتا
تۈركىيەدە شەرقى تۇركىستان ۋەياكى ئۇيغۇر ئىسمى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان 15 ئەتىراپىدا جەمئىيەت، ۋەقىپ بار. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي كونتىرولىدا، خىتاي سەرمايىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك جەمئىيەت ۋە ۋەخىپلىرىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. خىتايغا مەبلەغ سالغان تۈرك شىركەتلىرىمۇ، داۋاملىق ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەخپى ھەركەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەڭ مۇھىمى بىر قىسمى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىرىۋالغان تۈرك ، ئۇيغۇرمىللىتىگە مەنسۇپ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر مىللى داۋاسىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلمەكتە. ۋەتەندىن، خىتاي ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە توشىغان قارا گۇرۇھ، مۇھتاج، چارىسىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بەك كۆپ مىقداردا پۇلغا ساتتى. نەگە كېلىپ قالغانلىغىنى بىلمىگەن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز سۈرىيەدە بومبىلارنىڭ ئاستىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار، نارىسىدە بالىلار بار. خىتايلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن قارا گۇرۇھ، ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى يوق،ئامما تەقۋادار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنى، مىللى ھىسسىياتلىرىنى سۈيىستىمال قىلىپ، ئۇرۇش يالقۇنى ئىچىگە تاشلاپ قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋىدىئو، رەسىملىرىنى تارتىپ، يەنە خىتايغا ساتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋەتەندە ئۇيغۇر مىللىتىنى شەپقەتسىز قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن غەرب دۆلەتلىرىگە بۇ ۋىدىئو،رەسىملەرنى دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. خىتاي بۇ ۋىدىئو، رەسىملەرنى ھازىرمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەردە كۆز- كۆز قىلىپ يۈرمەكتە

خىتاينىڭ ئاخبارات توپلاش ھەربىي پاراخودى، سۈرىيە دېڭىز ساھىلىدە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئاخبارات توپلاش ئىشى بىلەن مەشخۇل. سۈرىيەنى 10 نەچچە دۆلەت بومباردىمان قىلماقتا. خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىدىغان نوقتىلىرىنى، ئۇلارغا كۆرسەتمەكتە. ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە كىرىپ قالغانلىغىنى بىلگەن بۈيۈك دۆلەتلەر، خىتاينى، سۈرىيە ئۇرۇشىغا ئەسكەر چىقىرىش تەكلىۋىدە بۇلۇندى. بىراق خىتاي، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش يالقۇنىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا تۇتۇشۇپ كىتىشىدىن قورقۇپ، بۇ تەكلىپلەرنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇر ۋە مۇجاھىت قىلىغىدىكى چەتئەللىك جاسۇسلۇق قارا گۇرۇھى ئارقىلىق مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزگە ۋە خەلقارادىكى ئوبرازىمىزغا ئېغىر زىيان سالماقتا. ئەڭ مۇھىمى، شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلە- تاباۋاتى، بۇ قارا گۇرۇھ تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى. قەدىردان ئۇيغۇر خەلقى بەك ئاق كۆڭۈل. ئاق كۆڭۈللىگىمىزدىن ۋەتەندە ۋە چەتئەلدە تارتىۋاتقان زىيانلىرىمىز ھىساپسىز بولماقتا
تۈركىيەدە، تۈرك قانۇنىنى بۇزۇپ جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،ئامما تۈرك پولىسى تەرىپىدىن تۇتۇلمىغان بۇ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋە جىنايەت قارا گۇرۇھى، پەتۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتىنىڭ بىر قارا قولى بۇلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىللىك خىتاي پائالىيىتى تۈركىيەنى بازا قىلماقتا. بىز ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندە خىتايلار، چەتئەلدە، چەتەللىك خىتاي جاسۇسلىرى ۋەياكى خىتاي ئورتاقلىرىنىڭ مال ئورنىدا سېتىپ خەجلەشلىرىنى، غۇرۇرى بولغان ھىچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى مال ئورنىدا سېتىپ،  بۇ ئاجىز مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىۋاتقان قارا گۇرۇھلاردىن كەڭ كۆلەملىك ھېساب ئالىدىغان زامان كەلدى

 

تۈركىيەدە قۇتراۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرىنى قۇتىراشتىن توختىتىش مۇمكىنمۇ؟

تۈركىيەدە يالغۇز ھەركەت قىلىۋاتقان، خىتايغا كۈنلۈك مەلۇمات يوللاشتىن باشقا ئىشى بولمىغان جاسۇسلارنىڭ سانى ئاز مەس. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر، تۈرك، ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەردىن جاسۇسلار بار. ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ پىشىدە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىيىملىرىدە، كۆزەينەكلىرىدە، قول سائەتلىرىدە… خىتاي تەمىن ئەتكەن مەخپى ۋىدىئو، مىكروپۇنلار بار. بەزى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى كۈندۈزى ئالغان ۋىدىيولىرىنى ئاخشىمى خوجايىنلىرىغا بەرمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتتۇر. نەخ مەيداندا تۇتقىلى بولىدۇ
ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرسىمۇ، قانداق قىلىش توغرۇلۇق جاسارىتى يوق. بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى، تۈرك پۇخراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى زاماندا تۈرك دۆلىتىگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق پائالىيىتىدۇر.شىۋىتسىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دولەتلەر، بۇ خىلدىكى جاسۇسلارنى تۇتۇپ، سوتقا تاپشۇردى
بۇ قېتىمقى چوڭ تازىلاشتا، ئۇيغۇرلار بىخۇد ھالدا تۇرىۋەرمەسلىگى كېرەك. تۈرك دۆلىتى ئۆز ئىچىنى تازىلاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئىچىنى تازىلىشى كېرەك. تازىلاشتا، قانۇن ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ قۇلى بىلەن قىلىش كېرەك. ئىستانبۇل، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ ساتىدىغان بازار ھالىغا كەلگەندىمۇ، تۈركىيە دۆلىتى كۆرمەسلىككە سېلىپ تۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلار دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، پەقەتلا باشلىقلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشتىن پەخىرلىنىپ يۈرمەي، جىددى مەسىلىنى جىددى ئورتىغا قويۇشلىرى لازىم
قۇتراپ تۇرغان خىتاي جاسۇسلىرىنى قۇتىراشتىن توختىتىش زامانى كەلدى.دۈشمەننى سىز يۇقاتمىسىڭىز، دۈشمەن سىزنى يوقىتىدۇ.مىللىي شەرىپىنى قوغدىيالمىغان مىللەت، قۇللۇق پىسخۇلوگىيەسىدىن قۇتۇلالمىغان مىللەتتۇر

Share
4144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.