logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى

ئەخمەتجان ئەنۋەر

نىيە ۋە لوپنۇردىن بايقالغان، بۇنىڭدىن 2000 يىللار بۇرۇنقى زامانغاتەۋە بولغان گىلەملەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا مەدەنىيەت دەرۋازىسىغاقەدەم تاشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تەرەقىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىپ ياكى ئۆزگەرتىپ دۇنيا تەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن .ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان نەرسىلەر تا ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايكېلىۋاتىدۇ. بۇلار كىيىم ـ كېچەك ، تۇرمۇشقا كېرەك بولغان ھەرخىل ئۈسكۈنە سايمانلار، بىناكارلىق، پەلسەپە ھەتتا ھايۋاناتلارغىمۇ چېتىلىدۇ.
مېنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چۈشەندۈرىدىغىنىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدىنىيىتى. ئىنسانىيەت ھېچقاچان كىيىم – كېچەكتىن ئايرىلمىغان. ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار يازدا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى، قىشتا ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان. كېيىن ئىنسانلارنىڭ .ئەقىل – ئىدراكىنىڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئىنسانلار كېۋەز تېرىپ، پىلە قۇرتى بېقىپ كىيىم – كېچەك تىكىدىغان خام ماتىرىيالغا ئىگە بولدى. ئۇيغۇرلار خېلە بۇرۇنلا پىلە قۇرتى چىقارغان يىپەكنى بوياپ ئەتلەسنى ئىشلەپ چىقاردى. ئەتلەستە ئۆسۈملۈك، چاقماق ۋە يۈرەك قاتارلىقلارنىڭ شەكلى بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى ئىجتىمائي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان دوپپىدىمۇ گۈللەرنىڭ، زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەتلەس، دوپپا قاتارلىقلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. بۇئەلۋەتتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى. نۇرغۇن كىشىلەر كاستىيومنى ياۋروپالىقلارلاھىلىگەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كاستىيومنى بىر ئۇيغۇر لاھىيلەپ تىككەن بولۇپ،ئەسلى ئىسمى كاسا تون ‹كاسىغا چۈشۈپتۇرىدىغان تون › ئىدى. بۇ خىل يېڭى پاسون ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي ، بەلكى ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا كىيىم ـ كېچەك مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
قەدىمدىن تا ھازىرغىچە پەقەت ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۈسكۈنىلەر كەشىپ قىلىنغان. ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا تائام يېيىشتە ئىشلەتكەن سايمان مۇئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن ئوتتورا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر چوكىنى، ياۋروپالىقلارۋىلكىنى، شۇنىڭغا يانداش ئۇيغۇرلار قوشۇقنى ئىختىرا قىلدى. ئۇيغۇر تائاملىرىدىن چۆچۆرە ، نان چاي، سۇيۇق ئاش قاتارلىقلارنى چوكا بىلەن ئىستىمال قىلىش قۇلايسىز،ئەمما قوشۇق ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئېھتىياجتىن چىقىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن بۇرۇن باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا گۆشتىن پۇشۇرۇلغان كاۋاپ، شورپا، سۈتتىن تەييارلانغان سۈزمە، قېتىق، قۇرۇتقاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ئورخون خانلىقىدىن كېيىن يەنسەي ۋادىسىدىن غەرىبكە كۆچكەن شەرىقى ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرى بولغان غەربىي ئۇيغۇلار بىلەن بىرلىشىپ ھازىرقى شىنجاڭ، گەنسۇ، ئوتتورا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىدىقۇت ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ مۇقىم ئولتوراقلىشىشقا يۇزلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىكنى ئاساسلىق ،چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىقلارلىقلار گۆش ۋە سۈتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك خام ئەشياسى بولغان.ئۇيغۇرلار بۇلاردىن نان ، سۇيۇقئاش قاتارلىق ھەرخىل مىللى تائاملارنى تەييارلىدى.ئەڭ دوسلەپ ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلغان كاۋاپ، پولو. نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى.بۇ تائاملارھازىر ياۋروپالىقلار، ئامرېكىلىقلار ھەم ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇرلاربۇنىڭدىن 5000 يىل بۇرۇن ھازىرقى ئۆي ئېتى ۋە ئۆي تۆگىسىنىڭ ئەجدادى بولغان ياۋا ئات ۋە ياۋا تۆگىنى كۆندۈردى. شۇنىڭدىن تارتىپ تۆگە تا ھازىرغىچە قۇرغاق رايونلاردىكى خەلىقلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرۇقلۇق قاتناش قورالى بولدى. ئات بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى سۈپىتىدە تاكى سانائەت ئىنقىلابىغىچە ئەڭ ياخشى قاتناش قورالى بولدى. دەھشەتلىك جەڭلەردە ئېگىسى بىلەن ھايات- ماماتتا بىللە بولدى. ئۇيغۇرلار ئاتنى كۆندۈرگەندىن كېيىن مىنىشكەقۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن ئۈزەڭگە ۋە ئېگەرنى ياساپ چىقتى. قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئات بىلەن.ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن چەۋگەن توپ، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىشنى ئىجاد قىلدى.كېيىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەقى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار بۇغدايدىن چىققان ساماننى ئىككى قۇلاقچىغا تىقىپ ئاندىن بۇ ئىككى قۇلاقچىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپتوپ قىلىپ ، ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ تېپىپ ئوينىدى. ئەجدادلىرىمىز بۇ ئويۇننى قاپقاتوپ دەپ ئاتىغان بولۇپ پۇتبولنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ قاتنىشى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
يەنسەي ۋادىسى سىبرىيىگە يېقىن بولغاچقا قىش كېچىلىرى ناھايتى سوغۇق بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار كارۋاتنىڭ ئاستىغا ئۈستى يېپىق ئوچاق سېلىپ ئاندىن ئوچاققا ئوت قالاپ ئىسىنىپ ئۇزۇن ھەم سوغۇق قىش كېچىلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ خىل كارۋات ھازىر بىزگە كاڭ دېگەن ئاتالغۇ بىلەن يېتىپكەلدى. بۇ ھازىرقى بىنا ئويلەردىكى پارنىڭ رولىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى مەدەنىيەتكە ئەڭ بۇرۇن كىرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئىلىم-پەننىڭ ئاساسىنى بارلىققا كەلتۈردى. يېقىندا تۈركىيە ئالىملىرى مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھازىرقەغەز ياسىغان سەيلۇن نىڭمۇ ئۇيغۇرلىقى توغرىسىدىكى قاراش ئوتتورغا چىقىپ بەزى دەلىللەر كۆرسۈتۈلدى. داڭلىق ئالىم گېڭ شىمىڭ ئۆز كىتابىدا ‹‹مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا قەغەزچلىك پەيدا بولغان ›› دەپ يازغان. بۇ ۋاقىت سەيلۇن قەغەزنى كەشىپ قىلىپ ئۇزۇمىغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. كېيىن خوتەنلىك ئۇيغۇرلارخوتەن قەغىزىنى ئىشلىدى. خوتەن قەغىزى ئىلگىرىكى قەغەزلەرگە قارىغاندا ئاق ھەم سۈپەتلىك بولۇپ،ئەينى دەۋردە ناھايتى كەڭ تارقالغان. خوتەن قەغىزى ياسايدىغان ئۇستىلار تا ھازىرغىچە بار بولۇپ، كىشىلەر ھازىر يەنىلا سېتىۋالماقتا. ئالىملار دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىدىن ئېگىزلىكى ، قېلىنلىقى، كەڭلىكى ئوخشاش بولغان، قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان، نەپىس،نازۇك،مىلادىيە 11 –ئەسىرلەردىكى مىخ مەتبەئە ھەرپىدىن نەچچە يۈزنى تاپقان. بۇ شىنجاڭدا 5 –ئەسىرلەردىن 12 –ئەسىرگچە مەتبەئەنىڭ ناھايتى گۈللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئورخون خانلىقى دەۋرىدە بىرخىل يېزىق ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ يېزىقنى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەر قوللانغان.قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، يولغا قويغاندىن كېيىن ئەرەب تىلى تەدرىجىي تۈرك تىلىغا سىڭىپ كىرىپ تۈرۈك تىلى يوقۇلۇشقا يۇزلەندى. شۇنداق شارائىتتا مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹دىۋانە لۇغەتتىن تۈرۈك››نى يېزىپ تۈرك تىلىنى قۇتقۇزۇۋالدى. ‹‹دىۋانە لۇغەتىت تۈرك›› بولسا تۈرۈكىتىلى ۋە ئەرەب تىلىنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى، تۇرمۇش رىتىمىنى، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى، خاتىرلىگەن قامۇس بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇنجى سىستىمىلىق لۇغىتى ئىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ، موڭغۇللار ئوتتورا ئاسىيانى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن، چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت يېزىقى قىلدى. ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭانى موڭغۇل خانزادىلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈتۈشكە قويدى. كېيىن ئۇيغۇر يېزىقىنى مانجۇ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەر .ئۆگۈنۈپ ئۆزىنىڭ يېزىقى قىلىۋالدى. يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان قۇبلايخان گەرچە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭى يېزىق تۈزگۈزگەن بولسىمۇ،موڭغۇللار بۇ يېزىقنى قوبۇل قىلمىدى. خۇددى ‹‹ئىستىلاھ قىلغۇچى مىللەت ئۆزى قۇل قىلغان مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىدۇ›› دېگەندەك كېيىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى تەدرىجى تۈرۈكلىشپ كەتتى. تۈرۈكلەشكەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ دەۋرىگە كەلگەندەئۇيغۇرلاردا ئىلىم-پەن ناھايتى گۈللەندى. ئۇلۇغبەگ ئۆزى باش بولۇپ سەمەرقەنتتە رەسەتخانا قۇردى. بۇ رەسەتخانا ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رەسەتخانا ئىدى. ئۇلۇغبەگ ئاسماندىكى 148 يۇلتۇزنىڭ ھەركىتىنى ئېنىقلاپ يۇلتۇزلار خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىدىكى يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتى شۇكى ئۇلار 12 مۆچەللىك كالىندارنى تۈزۈپ چىقتى. بۇلار بولسا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئاسترونومىيەدىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى.
مىلادىيە 8- ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا ئەدەبى–سەنئەت ناھايتى گۈللەنگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر مىللى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن نەي، غېجەك ،ئۇسسۇللاردىن شىر ئۇسسۇلى، پىرقىرىما ئۇسسۇللار شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەتارقىلىپ جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق تاڭ شائىرى بەيجۈيىنىڭ شېئىرلىرى بار.
ئۇيغۇرلاردىن قاراخانىيلار دەۋرىدە چىققان بۈيۈك مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادقۇ بىلىگ›› ناملىق ئەسىرىدەتەپەككۇرنى مېڭڭىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئارىستوتىل قاتارلىق داڭلىق پەيلاسوپلار تەپەككۇرنى يۈرەكتىن چىقىدۇ دەپ قارىغانىدى. ھالبۇكى ھازىرقى زامانپەن-تېخنىكىلىرى تەپەككۇرنىڭ مېڭىدىن چىقىدىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.ئۇيغۇر-قارلۇق ئالىمى ئەل فارابى كۆپلىگەن پەلسەپە ئۇقۇملىرىنى يېڭىلاپ‹‹ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز››دەپ تەرىپلەندى. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەلىشىر نەۋائى ئەرەب، پارس، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شېئىرىيەت پەللىسىنى ياراتتى. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپەدىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى.
تۇرپان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىسسىق رايونلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سۇنىڭ پارلىنىشى تېز، ھاۋاسى قۇرغاق. شۇڭا سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر. قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىنىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان. ئۇلار كارىز چېپىپ ، سۇنى كارىز ئارقىلىق باغ، ئېتىزلارغا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا دەرەخلەرنىڭ يېنىغا بىردىن قاپاق ئېسىپ، بۇ قاپاقنىڭ ئۈستىنى ئېتىپ ئاستىدىن كىچىكبىر تۆشۈك تېشىپ قويۇپ سۇ قاچىلىغان. بۇنىڭ بىلەن سۇ ئاستا-ئاستا تامچىپ چۈشۈپ دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقى قاندۇرۇلۇش بىلەن بىرگە سۇنىمۇ تېجەپ قالغان. بۇ سۇئىنشاھاتى قۇرلۇشى ھازىرقى تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئىنشاھاتىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى.
بىلىمىمنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن قوشۇلۇپ قالغان ياكى كەم قالغان تەرەپلەربولۇشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنى يوللاپ تەڭ ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=22762

Share
2176 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.