logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ روھى قايتا تىرىلىشى كېرەك

 

ئىلھام توختى

ناۋادا سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەسردىكى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا ئىشەنمىسىڭىز، ھەتتا چېكىنىپ كەتتى ، دەپ قارىسىڭىز، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن-ئاخىر قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ. شۇ چاغدا سىز ئەينى زاماندىكى “ باردۇر “ شىئىرىدىكى ئازابلىق نىدالارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھەقىقىتىگە ئاجايىب باب كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.

ئۇيغۇرلار خاتىرىسىدىن مەھرۇم قالغان خەلق. تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى ئاجىز بۇ خەلق
تۈنۈگۈن ئىشتكەنلىرىنى بۈگۈن ئۇنتۇيدۇ.كونا گەپنى ئەتە قايتا ئاڭلىغىنىدا يېڭىلىق ھېس قىلىشىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىشتىمۇ ھەم شۇنداق ، تۈنۈگۈن بۇزۇپ قويغان ئىشىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەتە يەنە قىلىپ ئۆگۈن يەنە ئۇنتۇيدۇ.كىلەچەك،ئۆتمۈشتە تارىخ ياراتقان مىللەتلەرگە مەنسۇپ بولغىنى يوق،بەلكى،ياراتقان تارىخنى خاتىرە قالدۇەۇشنى بىلگەن ۋە تارىخى ساۋاقلارنى داۋاملىق ئىسىدە تۇتۇپ ئىلگىرلىگەن مىللەرلەرگە مەنسۇپ بولماقتا.

ئادەتتە باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ئامراق-يۇ، ئۆزەمنىڭكىنى تۈزىتىپ باقايچۇ، دېگەنلەر يادىغا يەتمەيدۇ! باشقىلار بىرەر ئىشقا تۇتۇنغاندا ياردەم بېرىشنى تەرك ئېتىدۇ ۋە ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا تومتاقلا قىلىپ :“ ياخشى، ناچار ، قوللايمەن، قارىشى تۇرىمەن ، ياقتۇرمايمەن، ياقتۇرىمەن … “ دېيىشىپ قويىدۇ ، نېمە دېگۈلۈك ؟ قانداق قىلغۇلۇق ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا“ ھاياجانلىنىدىغان، ئەمما قىمىرلىمايدىغان، ئاغزى مىدىرلىغىنى بىلەن يۈرىكى سالمايدىغانلار “ ھەقىقەتەن كۆپ! ئۈمىدنى باشقىلارغىلا يۈكلەپ قويۇپ ئۆزىگە ئوبزورچى، تەنقىدچى، باھالىغۇچى قاتارىدىن ئورۇن بېرىشىدۇ! دەرۋەقە، كۆپ ھاللاردا ئۆزۈمنىڭ ھەم شۇنداقلىقىنى بايقىۋالدىم، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تەكشۈرۈۋاتىمەن، ئېسىمنى تېپىۋېلىشقا قىممىرلاۋاتىمەن !

ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان ھالقىلىق پەيتكە كېلىپ قالدى ، غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ۋە ئۇنىڭ يۈرگۈزۈلىشى “ چوڭقۇرلىشىپ“ بىر كۈچىسە بىراقلا قوزغىلىپ كېتىدىغان“ چوڭقۇرلۇق“قا بېرىپ يەتتى. تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر، مىللىي ماارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا ( قوش تىللىق ماارىپنى يۈرگۈزۈشنىڭ مىللىي تىل مەدەنىيىتىگە سەل قاراشنىڭ رولىنىڭ نەتىجىسىنى ھازىرچە بىلىش قىيىن…)؛ بايلىقنى ئېچىش زۆرۈر، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىشى كېرەك، جەمئىيەت مۇقىملىققا مۇھتاج. دۆلەت مەنپەەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك! تۈرلۈك مەنپەەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە مەنپەەتلىنىشكە تېگىشلىكلەرگىمۇ سەل قارالماسلىقى كېرەك، چىرىكلىك… بەزىلەر ھاماقەتلەرچە مايىللىقى بىلەن ئىنتىلىدۇ ( ناۋادا رادىكال يولغا مېڭىپ قالسا، بۇ بىر ئاپەت )، گەپ-سۆز، ھەرىكەتتە ئېھتياتچان بولۇشكا مەجىبۇرلاندۇك… ئېتىقاد بۆھرانى، مىللەت ئەزالىرى نىڭ خامۇشلىقى، يەنە بىز بىلىگەن ۋە بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىللەتلەر… ھاماقەتلەرچە تۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ بېسىمى ( ئولتۇراق ئۆي سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتى، پۇل سىياسىتى، …ئىسلاھات)، تىرىكچىلىك بېسىمى، تارىخ، مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ ئىسكەنجىسى ۋەھاكازالار بىزگە ناھايىتى كۆپ قىيامەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مىللىي ماارىپ ئەنئەنىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ( تارىخىي ئاساس تەۋرىتىۋېتىلىدى)، ئېتىقاد سۇسلاشسا، 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ كىچىككىنە بىر مىللەتنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش بەسىي مۈشكۈل، بىلىم قاتلىمى ۋە سودا قاتلىمىدىكى خامۇشلۇق بۇنىڭدىن بىشارەتتۇر، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئىجتىماىي بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقاد بۆھرانى، تەپەككۇرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدىغىنى بەلكىم مىللەتنىڭ زاۋاللىقى بولۇشى مۇمكىن… مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە تەرەققىياتى مۇتلەقكى، خېيىمخەتەرگە ھامىلىدار بولغان بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا يول يوقمۇ؟ چېكىنىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، ھالبۇكى يەنە بىر قۇتۇپقا ئۇزاپ رادىكاللىشىپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ ! پەقەت زەبەردەستلىك بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ “ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز“ كېرەك، ئەمما كاللىنى سەگەك تۇتۇشىمىز، بولۇپمۇ بىلىم قاتلىمىدىكىلەر، سودا قاتلىمىدىكىلەر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زېممىمىزگە ئېلىشىمىز، رىقابەتكە قاتنىشىشىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ماھىيەتلىك ئىدىيىسىدىن تانماسلىقىمىز، كۈلپەت ئېڭىمىزنى ھەرۋاقت سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، مىللەت ئالدىدا مەسئۇل بولۇش ئېڭىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، بۆھران ئېڭىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم.

ئۇيغۇرنىڭ ھەربىر ئەزاسى رېاللىققا توغرا مۇامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، جۇڭگونىڭ ئىجتىماىي ئۆزگىرىش دولقۇنىغا ئاكتىپ ئىشتراك قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىماىي قۇرۇلۇشىغا پاال قاتنىشىشى كېرەك !

نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە قىممەت كۆپ مەنبەلىك، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك.

”ئىناق“ لىق دەرۋەقە ھەممىگە ياقىدىغان ئەقىدە، ئەمما مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان رېاللىق ۋە كېلەچەك يۈزلىنىشى ئالدىدا، مىللىتىمىز ”زىيادە تەشەببۇسكارسىز“ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان رېاللىق ئالدىدا، ئەقەللىي ئىجتىماىي ئادىللىقنى قوغداش ۋە ساقلاشقا ئىمكانىيەت بولمايۋاتقان رېللىق ئالدىدا بۇنداق ئىناقلىق بارغانسېرى كىنايىلىك تۇيۇلماقتا. ئىلگىرى ئىناقلىق نەزەرىيەسىنى ھەممىدىن كۈچەپ تەرغىب قىلغانلار مانا ھازىر ئۇنىڭدىن بىزار بولماقتا، رېاللىقتىكى ئىناقسىزلىق ئالدىدا ئۇنداق نەزەرىيە ھەرقانچە مۇكەممەل، نۇقسانسىز بولسىمۇ ئارمانغا يارىشا دەرمانى يوق نەرسە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق چۈشكۈنلúك، روھسىزلىق ئىسكەنجىسىدە تېڭىرقىماقتا. ھەممىلا يەرنى، ھەممىلا ئىشنى ، ھەممىلا نەرسىنى ساختىلىق قاپلاپ كەتكەن، ھەتتا ئىشەنچمۇ ساختىلىشىپ كەتكەن ئىجتىماىي شاراىتتا، ھەرقانچە ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان ماددىي مەىشەتتىن ھالاۋەتلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىنىڭ توق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي روھىي كەيپىياتى ۋە قىياپىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، كىشىلىرىمىزدىكى ئەخلاق چۈشكۈنلىكىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكىنىنى بايقىماي قالمايمىز! مانا بۇ ”ئىسلاھات“، ”تەرەققىيات“، ”ئىتتىپاقلىق“ ۋە ”زىيادە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىمىزنىڭ“ بەدىلىدۇر.

ۋەھالەنكى، بارلىق ئىللەتلەر تاشقى مۇھىتتىن، سىياسەتتىن، كۆچمەنلەردىن سىڭىپ كىرگەن، دەپ قارىيالمايمىز!… نۇرغۇن مەسىلىلەر، زىددىيەتلەر، نۇرغۇن قاراڭغۇلۇق تەرەپلەر، مىللەت ئىللەتلىرى، ئېتىقاد بۆھرانى، مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى بۇرۇنلا يوشۇرۇن بار ئىدى، پەقەت بۇلارنىڭ ئاشكارىلىنىش كرىزىسىلا بولمىغان، خالاس. ئىدىيىمىزدىكى چەكلەنگەن نەرسىلەر ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھامان ئۇ نەرسىلەر خۇددىي پاندورانىڭ قۇتىسىدىن ئېتىلىپ چىققاندەك ئوخچۇپ چىقىدۇ !

ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىدە: ”شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش“، مىللىي ماارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، قوش تىللىق ماارىپنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش“… دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تەدبىرلەر مىللىتىمىزنى قۇتقۇزالامدۇ ؟

يېرىم ئەسردىن بېرى قولغا كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى بىت-چىت قىلىۋېتىدىغان يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ قالدى. ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش ئىجتىماىي تەرەققىياتتىكى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلىقنىڭ تولۇق ئاساسى يوقلىقى ئىسپاتلاندى. سىرتتا (ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىرتىدىكى جەمئىيەت) بىزگە بولغان بىرتەرەپلىمە قاراش، ئادىمىيلىك ۋە مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەتكە بولغان تونۇشنىڭ كەملىكى، يەنە مىللەتنىڭ ئىلگىرىلىمەي بىر ئىزدا توختىۋېلىشى، نامراتلىق، نادانلىق… ۋەھاكازالار ھامان غايەت زور ئىجتىمائىي ئىللەت ۋە مىللىي توقۇنۇش تۇغدۇرىدۇ. ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىستراتېگىيە ۋە يۈرۈشلەشكەن سىياسەت ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمگە يەتكەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭدىن تېگىشلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەرمىزمۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ساقلىنىپ قالارمۇ ؟ ھەممە مىللەت ئىناق، ھەممە يەرلەر گۈللەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇپ چىققىلى بولارمۇ؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رايون ئەھۋالىغا مۇناسىپ كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە سىياسىي، سىياسەت ئەندىزىسى زادى قانداق ؟

مەسىلىنىڭ ماھىيىتى دەل دۇنيا قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقىدا. بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ھالەتنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتەلەيمىز؟ نىجاتكار يوق، تاشقى پلانېت ئادىمىگە تايىنالمايمىز، ئۆزىمىزنى پەقەت ئۆزىمىزلا قۇتقۇزالايمىز ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىلا، پەقەت بىزدە ئەقىل بولغاندىلا كېلەچەكىمىز پارلاق بولىدۇ، كېلەچەكىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ! بۇلار بىزدىن روھىي خامۇشلۇقتىن ئويغىنىشنى، شەخسىيەتچىلىك كىرلىرىغا تولۇپ كەتكەن مېڭىمىزنى پاك-پاكىز يۇيۇۋېتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ !

بەلكىم بىزنىڭ مۇھتاج بولۇۋاتقىنىمىز ھايات-ماماتلىق سىنىقى ، قايتا يارىلىش بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنداق بولمىغىنىدا ، يەنى ئۇيغۇرلار قايتىدىن يارالمىغىنىدا روھىي خامۇشلۇقتىن ئويغىنىپ جۇڭگونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرەلمەيدۇ

Share
1843 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.