logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان خىتاي ئادۋوكات «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن سوتلانماقچى

images

خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، توردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مۇستەملىكىچىلىك، دەپ تەنقىد قىلغان ئادۋوكات پۇ جىچياڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىكەن.

پۇ جىچياڭ 2014‏-يىلى يىلى 5‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان. بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پۇ جىچياڭ توردا يازغان مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن.

پۇ جىچياڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «ئەگەر شىنجاڭ راست جۇڭگونىڭ پارچىسى بولسا ئۇنىڭغا مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى ۋە بۇلاڭچىدەك مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك» دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دائىرىلەر پۇ جىچياڭنىڭ مىكرو بلوگىنى تاقىغان.

پۇ جىچياڭ خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا پۇ جىچياڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پۇ جىچياڭنىڭ ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭ جۈمە كۈنى: «پۇ جىچياڭغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-adwokat-05152015172410.html

Share
1466 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.