logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئاسىيە ئۇيغۇر

 

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىدىغان قېرىنداشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال بولۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلىشى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپرەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى، شۇنداقلا دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن بۇ ھادىسە يەنە بىر تەرەپتىن دەۋايىمىزنى ھەر كىم ئۆزى بىلگەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان، يەنى ھەر كىم ئۆزى چۈشەنگىنى بويىچە دەۋانىڭ خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال دەۋايىمىزغا قىزىققان ۋە بىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلارنىڭ قايسى قاراشقا ئىشىنىپ، قانداق ئۇسۇلدا ياردەم قىلىشىدا مۇئەييەن قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، بىر قىسىم قېرىنداشلار «ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېسە، يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلار «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېيىشتى. بەزىلەر ئۇلۇس بولۇپ شەكىللەنسەك بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلىمىز دېسە، يەنە بەزىلەر مۇسۇلمان دۇنياسى مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇغاندا بىزگە ياردەم قىلىدۇ دېيىشتى.

مانا بۇ سەۋەپتىن «بىز زادى نېمە سەۋەبتىن ئىرقىي قىرغىن قىلىنىۋاتىمىز؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى دەۋايىمىزنى خەلقئارادا توغرا ئاڭلىتىش ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا پايدىلىق ياردەملەرگە، قوللاشلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈن دۇنيا ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان غەرب ئەللىرىدە ئىسلامفوبىيا (ئىسلام قورقۇنچى) ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر مۇسۇلمان ئاتالغانلار دىن سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن غەرب ئەللىرىدە يەرلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدىمۇ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى سەۋەبىدىن، ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان باشقا مىللەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەرلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، دەۋايىمىزنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى تەرەققىياتى ۋە يەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى ئۈنۈملۈك يول ئەمەس. بەلكى بەزىدە يەرلىكلەرنى بىزار قىلىدىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملار ھەققىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىمىزدا مۇسۇلمانلىق كىملىكىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقىنى تەشۋىق قىلىش ئەلۋەتتە تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭمۇ كىشىلىكى ھوقۇقى خۇددى بىزنىڭكىگە ئوخشاش دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ خىل تەشۋىقات ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خەلقلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەن ئۆتكەن بىر – ئىككى يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتى ھەققىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى، لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ جەرياندا ئۆزىمىزگە دائىر ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىمۇ ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىدىم. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەر بىلەن بۈگۈنلا ئورتاقلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزدە بىزگە پايدىلىق بولغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبلىرىمىزنى چۈشىنىشتە ياردىمى بولىدىغان قىسمىنى ئورتاقلىشىشنى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قاراپ، بۇ قاراشلىرىمنى قەلەمگە ئالدىم.

مەن بايقىغان 1 – مەسىلە: خۇ ئەنگاڭنىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدىكى تەتقىقاتى بولۇپ، بۇ ئەسەر «ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپى»مىزدىكى پىدائىيلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 6 قىسىمغا بۆلۈپ يازما، ئۈن – سىن ئۇسۇلىدا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارتقىتىلغانىدى. قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ ئەسەرنى تولۇق كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

«ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى، خىتاينىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى يولغا قويۇشى، «جۇڭخۇا مىللىتى (ئۇلۇسى)كىملىكى»نى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خىتايدا پەقەت «جۇڭخۇا مىللىتى»دىن ئىبارەت بىرلا مىللەت كىملىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ ئەنگاڭ بۇ ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ 5 -قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ، خىتايدىكى 56 مىللەت ئىچىدە 4 – ئورۇندا تۇرىدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي يەنە ئۇيغۇرلار ئىچىدە «جۇڭگولۇق كىملىكى»نى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلۇق كىملىكى»گە بولغان قارىشى ھەققىدىمۇ ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە «ئۇيغۇرلۇق كىملىكى»دىن پەخىرلىنىدىغانلارنىڭ سانى 92% ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. «ئۇيغۇرلۇق كىملىكى» تۇيغۇسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىشى خىتاينى چۆچۈتكەن (http://www.pacilution.com/ShowArticle.asp?ArticleID=2424 بۇ مەزمۇن ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىكى ماقالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى سورايمەن).

بۇ ھەقتە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە ئىستاتىستىكىلارغا توردا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ تەتقىقاتلاردا يۇقىرىدىكى نۇقتىلار ئاساسەن دائىم تىلغا ئېلىنغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىيولوگى شېن گۈيپىڭ، سۈن يا، چى يۈفەن… قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىدىمۇ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، شېن گۇيپىڭنىڭ ماقالىسىدە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇيغۇرلارغا «دۆلەت كىملىكى»نى «ئۇيغۇرلۇق كىملىكى»دىن ئالىي دەپ بىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىشى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنىڭ «جۇڭگولۇق كىملىكى»دىن ئۈستۈن قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى، ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇق كىملىكىنى ھەقىقىي يوسۇندا قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ۋە  مىللىي زىددىيەتلەرنىڭمۇ ئەسلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى… ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنداقتا خىتاي ئۈچۈن «جۇڭخۇا ئۇلۇسى»دىن ئىبارەت بىرلا مىللەت كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى:

بىز نەزىرىمىزنى خىتاي بىلەن بىرگە ياشىغان 70 يىللىق ئۇزۇن مۇساپىگە قارىتىدىغان بولساق، 1949 – يىلى ئاتالمىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغاندا، خىتايدا 50 – يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە مىللەتلەرنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىپ، جەمئىي 56 مىللەت بار دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە خىتاي بىلەن ئالاھىدە پەرقنى ساقلاپ كەلگەن كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتلەردىن پەقەت ئۇيغۇرلارلا قالغان. ھەتتا تىبەتلەرمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 6 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش سۈرىتى تېز دەپ قارالغان. ئىستاتىستىكىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتى بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ 99 پىرسەنت ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان (بۇ يەرگە قاراڭ http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20180829/20180829113940_0958.pdf)

ئۇنداقتا 10 مىليۇندىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلار (خىتاي ئىستاتىستىكىسى بويىچە) ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن ۋاز كەچمەستىن، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمىغاندا قانداق نەتجىدە كېلىپ چىقىدۇ؟

  1. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەقسىتى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش ئىكەنلىكىنى خىتاي ئاللىبۇرۇن دۇنياغا جاكارلاپ بولغان. بۇنداق بۈيۈك مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇقىملىق»نى، «جۇڭخۇا ئۇلۇسى»دىن ئىبارەت بىرلا مىللىي كىملىك ئاستىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ئىشىنىدىغان، قوللايدىغان ۋە ئەگىشىدىغان بىر خەلق پەيدا قىلالايدۇ دەپ قارىغان.
  2. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1960 – يىلى ئېلان قىلغان «مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق باياناتنامىسى (https://www.un.org/dppa/decolonization/zh/history/international-decadesدا، دۇنيادىكى ھەرقانداق خەلقلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار»لىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تېز سۈرئەتتە، شەرتسىز ھالدا ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش ئالاھىدە كومتېتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، بۇ باياناتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش باشلانغان. 1990 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە «ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان 10 يىل» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، 2001 – يىلى ئىككىنچى ئون يىلى، 2011 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە ئۈچىنچى ئون يىلى بولغان.

يەنى، خەلقئارا قانۇن ۋە بۇ باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان «ئاپتونوم رايون» ھوقۇقىنى بەرمەسلىكى ۋە بۇ مىللەتنى ئاقىۋەتتە رادىكاللىق ۋە خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن قارىلاپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى «رادىكال ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن بىگۇناھ خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە دۇنيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز» دېگەن سەپسەتە بىلەن بوياپ، ئۇيغۇرلارنى نازى لاگېرلىرىدا دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدىلا يوقاتماقچى بولۇشى ۋە ئامان قالغانلىرىغا «جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىكى»نى زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنىڭ كەينىدە ناھايىتى زور سىياسىي غەرىزى بارلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. يەنى، خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئۇيغۇرلار، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق زۇلۇم قىلىنغانلىقى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق دەپسەندە قىلىنغانلىقى بىلەن خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى خىتاي ئالدىن مۆلچەرلەپ بولغان.

  1. ئۇنداقتا خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگىمۇ چاڭ سالدى؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي كىملىكىگە قول سېلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى، ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇش، خاتا سېزىم پەيدا قىلىش؛ خىتاينىڭ «دۈشمەن توسقان ئىشلارنى قورقماي قىلىش توغرا» دەيدىغان تەپەككۇرى بويىچە، ئۇيغۇرلاردىمۇ «ئىسلام دىنى چەكلىنىش» تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كىملىكى ۋەيران قىلىنىۋاتقاندەك، ئىسلام دىنىغا تاجاۋۇز قىلىنىۋاتقاندەك، خىتايلار پەقەت ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا قامىلىۋاتقاندەك خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خاراكتېرىنى «دىن دەۋاسى، ئىسلام دەۋاسى» يۆنىلىشىگە بۇراش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئىسلامفوبىيە شامىلىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى توقۇپ چىققان ئاتالمىش تېررورلۇق ئىسپاتلىرى بىلەن خەلقئاراغا ھەقىقەتەنمۇ «ئىسلام خىلافەتچىلىكىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى»، «جىھاتچى، تېررورچى، رادىكال» مىللەت دەپ تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا قانۇن نىزاملار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشتىن، دۇنيادىكى كىشلىك ھوقۇقنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتىدىن، ياردىمىدىن يىراق تۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئۇلارنى قەرز ۋە ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ھېسداشلىق قىلىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش» ھىيلىسىنى ئويناپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقى ۋە دىققەت – ئېتىبارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى پىلان قىلغان. ئەسلىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۇلۇسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە مەسچىتلەر، دىنىي كىتابلار، دىنىي زاتلار، زىيالىيلار، مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخ، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىلىشقا ئۇچرىغان.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ پىلانىغا ماس ھالدا بەزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملار «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىغان ئورتاق زۇلۇم ياكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئورتاق زۇلۇم» دەپ ئاڭلىتىشقىمۇ باشلاندى. ئەمما بۇ يەردە بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، خىتاي ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنچىكە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش – بولماسلىقى ھەققىدە قارار بەرگەن، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە خۇ ئەنگاڭغا ئوخشاش خىتاي تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ پىلاننى ئىجرا قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۈچ نۇقتا بويىچە قارايدىغان بولساق، ئەگەر دەۋايىمىز خەلقئارادا «مۇسۇلمانلىق دەۋاسى» ياكى «تۈرك قوۋمىگە قىلىنغان زۇلۇم» دەپ ئاڭلىتىلغاندا، كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ھەققىدە مەن تۆۋەندىكى بىر قانچە سوئاللار ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن:

  1. مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدۇقمۇ؟

ئۇنداقتا خىتايدا ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، سىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىڭىز كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، مەسىلىڭىز ھەل بولامدۇ؟

  1. تۈركىي خەلقلەرگە قىلىنغان ئورتاق زۇلۇممۇ؟

ئۇنداقتا سىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر بىلەن ئورتاق ياشىغان باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن 70 يىلدا خىتاي تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ئىستاتىستىكا قىلىپ بېقىڭ، سىزنىڭچە بىز كۆرگەن زۇلۇملار باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئورتاقمۇ؟ ئەگەر ئورتاق بولسا، خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ۋە تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك نۇقتا دەپ قارالدى؟

ئەگەر زېمىن سىزنىڭ قارىشىڭىز بويىچە ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئەمەس، بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مەنسۇپ دەپ قارىلىپ، بۇ زېمىندىكى خەلقلەرگە خەلقئارا قانۇن بويىچە «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى»نى بەرسە، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلار بىلەن بۇ زېمىندا ئورتاق ياشاشنى قوبۇل قىلامسىز؟ ياكى بۇ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى ئىچىگە قوشماي، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلىقىڭىز ۋە خەلقئارا سوتتا بۇ ھەقتە كۆرسىتىدىغان ئورۇنلۇق سەۋەبلىرىڭىز بارمۇ؟

مېنىڭچە شەرقىي تۈركىستاندا «ئۇيغۇر» ناملىق بىر خەلقنىڭ يوقۇلۇشى، خىتاي ئارزۇ قىلىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇيغۇر يوقالسا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك جىنايەتلەرنىڭ سورىقى قىلىنماسلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان بىز ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان جىنايەتلەر ئۇيغۇر بىلەن تەڭ يوقۇلۇشى مۇمكىن…

بىز ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىدۇق. 70 يىللىق مۇستەملىكە تارىخىمىزدا «مىللىي بۆلگۈنچى»، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئوغرى، يانچۇقچى»، «زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى، ئەيدىز ۋىرۇسى خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ جاي»، «چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»… دېگەندەك تۈرلۈك – تۈمەن سىياسىي تۆھمەتلەر ئاستىدا تۇتۇلدۇق، قامالدۇق، زۇلۇم چەكتۇق، ئۆلتۈرۈلدۇق، خورلاندۇق!!! 48  قېتىملىق ئاتوم سىنىقىدا قانچىلىغان قېرىنداشلىرىمىز خىمىيەلىك قوراللار سىنىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ جېنىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى؟ راك، ئۆسمە قاتارلىق غەيرى جان ئالغۇچ كېسەللەر قانچىلىغان كىشىلىرىمىزنى ۋەيران قىلدى؟ بالىلىرىمىزنىڭ مېيىپ تۇغۇلىشىغا، خەلقىمىزنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى؟ قانچىلىغان كىشىلىرىمىز 1960 – يىللىرىلا بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە دەسلەپ باشلانغان ئورگان كۆچۈرۈش سودىسىنىڭ قۇربانى بولدى؟ بۈگۈن يەنە «خەلقئارا تېررورىزم »غا باغلىنىپ، مىللەت بويىچە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇرۇپتىمىز. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىكى زۇلۇملار ئەمەسمۇ؟ ھالبۇكى، بۈگۈن بېشىمىزدا ئەجەل سىرتمىقى پايلاپ تۇرغان بولسىمۇ، نەچچە ئەۋلادىمىزنى قىرىپ يوقاتقان خىتايغا ئاخىرقى نەپسىمىزنى يىغىپ تۇرۇپ «توختا! قولۇڭنى تارت! ئۇيغۇر تېخى ھايات!» دېيەلمىدۇق، دېيىشتىن قورقتۇق ھەم قورقۇۋاتىمىز…

بۇ قورقۇشلار ئەلۋەتتە دۈشمەننىڭ ۋەھشىيلىكى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى «بىز نېمە ئۈچۈن يوقىتىلىۋاتىمىز؟» سوئالىغا بېرىلىۋاتقان جاۋابنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشىدىن؛ ئارىمىزدا ئىدېئولوگىيە توقۇنۇشى پەيدا بولۇپ، بىرلىشەلمەسلىك، ئىچكى زىددىيەت تۇغدۇرۇش، ھەر كىم ھەر يولغا باشلاشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچىلار، ئۇلۇسچىلار، دىنچىلار، زىيالىيلار، ئاپتونومچىلار، مۇستەقىلچىلار… دېگەندەك ئاقماس تالاش – تارتىشلارنى قىلىش بىلەن ئاۋارە بولدۇق. ئەمما دۈشمەننى چۈشەنمەي تۇرۇپ جەڭگە كىرەلمەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە كۆپ ئويلاشمىدۇق. خىتاي ئەسلىدە 200 يىللىق پىلانى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى 2017 – يىلى دۇنياغا جاكارلىغان بولۇپ، بۇ پىلانى، ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى 1901 – يىلى لياڭ چىچاۋنىڭ «تارىختىكى جۇڭگو مىللەتلىرىگە نەزەر» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي، مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىر ئائىلە بولۇپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى بولسا جۇڭگودىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى جۇڭگو بولسا كۆپ مىللەت بىرىكىپ شەكىللەنگەن ئۇلۇس دۆلىتى» قارىشىنى ئۈلگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىش پىلانى بولغان «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» بولۇپ شەكىللىنىش ئارزۇسىنى 2025 – 2050 – يىلىغىچە پۈتۈنلەي روياپقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەل بۇ سەۋەب ئېلىپ جىددىي ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. خۇ ئەنگاڭ قاتارلىق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىدىيە بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا، بىرازىلىيە قاتارلىق كۆچمەن دۆلەتلەرنى دوراپ ئۇلۇس شەكىللەندۈرۈش يولىدىكى، مىللەتلەرنى «بىر قازاندا قاينىتىپ بىرلەشتۈرۈش»، «مىللىي كىملىكنى يوقىتىش»، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش» ئۇسۇلىدۇر. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنچىدىن، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خىتاي كىملىكنى ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلىشىغا تايانسا، يەنە بىرسى مەجبۇرلاشقا تايىنىدۇ. يەنى مەجبۇرلاشتا ساقچى، سوت، تۈرمە، ھەربىي قىسىم قاتارلىق دۆلەت كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان تارىخىي زېمىنىدا ھايات كەچۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. يەنى ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا خۇ ئەنگاڭ قاتارلىقلارنىڭ تايانغان ئاساسىمۇ، ماۋ زېدوڭ يولغا قويغان بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە، ئاپتونوم رايون ھوقۇقىغا ئىگە بولغان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى، ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان دەپ قارالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى بولسا دەل مۇشۇنداق سىياسەتنىڭ نەتىجىسى دەپ يەكۈنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبرەت ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار يەنە زىيالىيلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىكى باشلامچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىللىي زىيالىيلارنى دۆلەت كۈچى بىلەن يوقىتىش، مىللەت باشلامچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان. خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جوۋ يوڭكاڭمۇ 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 5 -كۈنىدىكى «تىبەت ۋە شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى»دا «مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى ۋە بىرىكىشى»دىن ئىبارەت «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ دەل خىتاينىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىدىن ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىگە كۆچۈشىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولغان. يەنى، ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى ئىسلاھاتىغا «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش تەدبىرى» ئارقىلىق نەزەرىيەۋى ئاساس ھازىرلاپ بەرگەنىدى. قىسقىسى، خۇ ئەنگاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا ئومۇميۈزلۈك قاماش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ھادىسىسى «رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قالپىقى ئاستىدا، دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدىلا يۈرگۈزۈلگەن. ناۋادا بىزدە، ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكى بەدىلىگە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى پاش قىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىز، ئادالەتنى ياقىلايدىغان غەرب ئەللىرى، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بولمىسا ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر يۈزدىن قانداق غايىپ قىلىنغانلىقى، بەلكى بۈگۈن دۇنيا سەھنىسىدىكى قىززىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلانمىغان بولاتتى.

يەنى، بىز خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتە چوقۇم ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ كەلگۈسى پىلانى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئۈستىدە پىكىر قىلىشىمىز، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە تەپسىلىي ئىزدىنىشىمىز، قىسقىسى دۈشمەننىڭ پىلانىنى ئوبدان تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ئۇ چاغدا دۈشمەنگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ياخشى پىلان، لايىھە، خەلقىمىزدە بىرلا يۆنۈلۈشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە نىشاننى دۈشمەنگە توغرىلاپ، دەۋايىمىزدا نەتىجە يارىتىشىمىزدا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

خىتاينىڭ يوقاتماقچى بولغىنى «ئۇيغۇرلار»دۇر! بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسلام دىنى ياكى تۈرك ئۇلۇسى ئەمەس! چۈنكى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بېسىپ ئۆتىدىغان ئاساسلىق لىنىيەلەر ئاساسەن مۇسۇلمان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولۇپ، خىتاي ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلىكنى يوقىتىش نىشانى قىلىش بىلەن ئۆزىگە بىر مۇنچە خەلقئارالىق دۈشمەنلەرنى تېپىۋېلىش دەرىجىسىدە ھاماقەتلىك قىلمىغان، ئەكسىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارنى «رادىكاللىققا ۋە خەلقئارا تېررورلۇق»قا باغلايدىغان تەشۋىقاتلارغا زور مەبلەغ سەرپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا كۆپ كۈچىگەن. قارايدىغان بولساق بۈگۈنكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملارغا نىسبەتەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يەنىلا خىتاينى قوللاش تەرەپدارى ئىكەنلىكى دەل بۇ سەۋەبتىن. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كۆپلىگەن مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇيغۇرلارنى بىلىشكە ۋە بىزگە ياردەم بېرىشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى تېخىچە خىتاينى قوللاش نىيىتىدىن يانغىنى يوق. يەنى، بۇ دېگەنلىك ب د ت دا خىتاينى جازالاش ئۈچۈن ياكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىشتەك دۇنيا ئەللىرى ئومۇميۈزلۈك بېلەت تاشلاش مەسىلىلىرى يۈز بەرگەندە، يەنىلا 2018 – يىلى جەنۋەدە يۈز بەرگەندەك مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ خىتاينى قوللاپ قول قويۇش ئەھۋاللىرى يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن بىز دەۋايىمىزدا ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشىمىز، كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇۋاتقىنىمىز ئۈچۈن خەلقئارا ئورتاق بېكىتكەن ۋە ئورتاق بويسۇنىدىغان قانۇن – نىزاملار ئاساسىدا دەۋايىمىزنى خەلقئارا سوت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا بىرلىك ھاسىل قىلىشىمىز، مېنىڭچە ئىنتايىن زۆرۈر. (ب د ت خىتايغا سېتىلدى، خەلقئارا مەنپەئەتنى مۇھىم بىلىدۇ دېگەندەك كوچا پاراڭلىرىنى تارقاتماڭ، چۈنكى خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىمۇ، مۇسۇلمان دۇنياسىدىمۇ، ھەتتا ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ پارلامېنتلىرى ئارىسىدىمۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىرى بار، بۇ سەۋەبلىك دۇنيانى خىتاي بولۇپ كەتتى دېسىڭىز خاتالىشىسىز. چۈنكى دۇنيا خىتايغا بويسۇنغاندا ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ، ياۋروپا بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنى قوينىغا ئالالمايدۇ، ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىلمايدۇ ۋە سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارمۇ كوچىلارغا ئەركىن چىقىپ خىتايغا قارشى توۋلىيالمايدۇ. ئۈمىدۋار بولۇڭ، دۇنيادا ئادالەتنىڭ يەنىلا قارشى ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ!).

مەن ئىلگىرىكى ماقالىلىرىمدىمۇ ئىزچىل تىلغا ئالغىنىمدەك، خەلقئارا سوت بىر قانۇن ئورگىنى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئاساس قىلىدىغىنى بىز سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە ئەمەس، بەلكى ئىسپات! «نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىدى»، «بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى!» دەپ دەۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يىغىلغان ئىسپاتلىرى ئون مىڭ، يۈز مىڭ ھەتتە مىليونغا يېتىپ، دۇنيانى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قايىل قىلدۇرالىغۇدەك كۆپ بولۇشى كېرەك!

لاگېرلار تاقىلىشى مۇمكىن ياكى باشقىچە ناملاردا داۋام قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىكى زۇلۇم، ئۇيغۇرلار ھۆرلۈككە ئېرىشمەي تۇرۇپ مەڭگۈ توختىمايدۇ، تاكى ئۇيغۇر يوقالمىغۇچە!

مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك بىزدىن ئاۋۋالقىلاردىن مىراس قالدۇرۇلغان بولسا، بىزدىن كېيىنكىلەرگىمۇ مىراس قالدۇرۇش ۋەزىپىمىز يوق. قۇللۇق، خورلۇق، ئازاب – ئوقۇبەت، بۇرۇقتۇملۇق، قورقۇش ئىچىدە ياشاشلار بىز بىلەن كەتسۇن! ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنساندەك ياشاش، غۇرۇر ۋە پارلاق كەلگۈسىنى مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەممىمىز خىتاي جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش سېپىگە ئاتلىنايلى!

پايدىلانغان مەنبەلەر: http://dangshi.people.com.cn/n/2015/0306/c85037-26650649.html1.

http://www.aisixiang.com/data/51769.html2.

  1. https://www.sinoss.net/uploadfile/2011/1229/20111229100022433.pdf
  2. http://www.pacilution.com/ShowArticle.asp?ArticleID=2424
  3. https://www.un.org/dppa/decolonization/zh/history/international-decades
  4. http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20180829/20180829113940_0958.pdf

 

 

 

Share
17909 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.