logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشى خەلقارا ئاخباراتلارنىڭ كۈنتەرتىۋىدە

1197

 ئىرادە

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە مەزگىلى دەل رامزان ئايلىرىغا جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، يەنە ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە نارازىلىقلارغا قارىماي، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. ئۇلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە باھا بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رامزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر ياقتىن روزى تۇتۇشنى چەكلىسە، يەنە بىر ياقتىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنە قاتتىق چىڭىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ب ب س، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە چىقىرىلغان روزى تۇتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى كەڭ خەۋەر قىلدى. ئۇلار، ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىددەت تۈسىنى ئالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق رامزان ئېيى باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا دۆلەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى، ياشلارنى روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خوتەن قاراقاش قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ياكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تور بەتلىرىگە ئېنىق قىلىپ «بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ سەمىگە… روزى تۇتۇشقا بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان. ب ب س خەۋىرىدە، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، بىر قىسىم خۇسۇسىي ئورۇنلار ۋە شۇنداقلا دوختۇرخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روزى تۇتمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، كاپالەتنامە يازىدىغانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللاردا روزى تۇتۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان ئۇقتۇرۇشلار تېخىمۇ تەپسىلىي يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى روزى تۇتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنى يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇق دەپ كۆرسەتكەن. بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرى ئىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، دوپپا كىيىۋالغان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە تاماق يەۋاتقان رەسىمىنى تور بەتكە قويۇپ، ئۇنىڭغا تېخى «روزى ۋاقتىدا تاماق يېيىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىز بۇنىڭغا ئىجابىي مۇئامىلە قىلىپ، روزى تۇتماسلىقتا باشلامچى بولدى» دەپ يېزىپ قويغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بېسىملىرىنى سەۋەب، دەپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

«ياۋرۇ-ئاسىياغا نەزەر» ناملىق خەۋەر تور بېتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «ئەتىگەنلىك بازار» ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى ئۈستىدە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلغان. «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا پۇتلىشىپ كەتتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مۇلاھىزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتا سىياسىتىگە پۇتلىشىشى، دەپ باھالانغان. مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن كۆپ ئارقىدا قالغان ھۇجۇملىرىغىمۇ تېررورلۇق ماركىسى چاپلىدى» دېگەن. ماقالىدە، 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىردە ئانا-بالا بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىتىكى خاتا سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى بىر مىسال دەپ كۆرسەتكەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى بىر ئائىلىدىكى 3 جان نەق مەيداندا ئۆلگەن بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن تېررور ھۇجۇمى ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىسپات كۆرسىتىلمىگەنلىكى، تېخى يېقىندا يەنە ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال ۋىدىئولارنى كۆرۈش، تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئوخشىمىغان قاماق جازالىرى بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن «دۆلەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق شىددەت ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش، دۆلەتنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىشىنى ۋە نەتىجىدە بۇ خەلقنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەتكە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئىجابىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھەل قىلىشقا بولغان مايىللىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدا مانا مۇشۇ خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە» دەپ مۇلاھىزە قىلغان ۋە بۇنىڭغا شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ۋە دەل تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەۋاتقاندا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ۋە شۇنداقلا ئارقىدىن ئەتىگەنلىكى بازار ھۇجۇمىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدا يەنە، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شۇنچە كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىماي يۈز بېرىشى بىر جەھەتتىن رايوندىكى خىتايلار بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ناچارلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بېسىم ۋە كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى تۈزەشكە چاقىرغان. ئۇنداق بولمايدىكەن بىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-07022014145114.html

Share
1700 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.