logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارغا رامىزاندا رۇزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسىغا قول قويدۇرۇلماقتا

05sino-RAMADAN-articleLarge

بۇ رەسىم 2010.يىلى رامىزان ئەيىدا خوتەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە چۈشلۈك تاماق يىگۈزۈلگەن كۆرۈنۈشلەردىن بىرسى

 

 ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛ شەرقى تۈركىستاندا 6.ئاينىڭ 28.كۈنى باشلىنىدىغان رامىزاندا دۆلەتتىن  مائاش ئەلىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا رامىزان ئەيىدا رۇزا تۇتماسلىق توغرىسىدا تەييارلانغان ئەھدىنامىغا قول قويدۇرۇلۇشقا باشلىدى

غولجا شەھەرلىك  سەھىيە ئىدارسىسى قارمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىنىڭ پارتىكوم سىكىرتارى جاڭ شىگۇاڭ 6.ئاينىڭ 3.كۈنىدىن باشلاپ “ دوختۇرخانىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ رامىزان ئەيىدا رۇزا تۇتماسلىق،خىزمەت ۋە سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش،ئىدارىدا چۈشلۈك تاماقنى كوللىكتىپ يىيىش”توغرىسىدا ھەممەيلەننى مەجبۇرى قول قويدۇرۇشقا باشلىغان.بۇنىڭغا ئەگىشىپ غولجىدا ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە خەنزۇ پارتىكوم سىكىرتارلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا رۇزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسىغا قول قويغۇزۇشقا باشلىغان

   دۆلەت خىزمىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن دىنسىز دۆلەتنىڭ مائاشى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق سىقىشتۇرۇلماقتا. يا ئىمانغا ياكى مائاشقا تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىھتىياجى بولغان    مائاشتىنمۇ ،مۇقەددەس دىنى ئىتىقادىدىنمۇ ۋاز كىچەلمەي،ئىدارىغا كەلگەندە خەنزۇ شۇجىلىرى ئالدىدا “رۇزا تۇتمايمەن” دەپ ئىمزا قويۇپ ، ئۆيىگە كىلىپ جەينامازدا “ئاللا مىنى كەچۈر”دەپ كۆز يەشى تۆكمەكتە

  مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ پەرياتلىرى دىنى ئىتىقاتقا ھۆرمەت قىلىدىغان خەنزۇ زىيالىلارنىڭ بولگلىرىدا،ھەتتا “ نىيو يورك ۋاختى گىزىتى” دىمۇ ئەكسى سادا پەيدا قىلدى

مەنبە

6月3日上午,中医院党支部书记张燨光组织医院少数民族职工召开了关于维护各民族团结的会议。斋月即将开始,为了不影响正常工作和生活与少数民族职工签订不封斋责任书。

http://www.weibo.com/u/3177471071

新疆伊宁县医院要求职工勿守斋月

http://cn.nytimes.com/china/20140606/c06xinjiang/

 

Share
1908 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.