logo

trugen jacn

ئۆزىنى قوغداش ، زىمىن تۇپرىقىنى قوغداش ، شەرىپىنى ، ئىززىتىنى قوغداش…

مۇئەللىم

مىلادىدىن ئىلگىرى ياشىغان يۇنان پەيلوسۇپى ھېرەكلېس (Herakles) شۇنداق دىگەن : ئۇرۇش ھەممىنىڭ ئاتىسىدۇر .
گەرچە ھېرەكلېسنىڭ بۇ سۆزلىرى تامامەن ھەق بولمىسىمۇ ، ھەقلىق تەرەپلىرى يوق ئەمەس . تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۆزىنى قوغداش ، زىمىن تۇپرىقىنى قوغداش ، شەرىپىنى ، ئىززىتىنى قوغداش ھۆرلۈكىنى قولغا ئېلىپ ياشاش ئۈچۈن قوغدىنىش كىرەك ، بۇ قوغدىنىش پىداكارلىق بىلەن قەھرىمانلىق بىلەن ، قورۇقماس جاسارەت بىلەن بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن نە ئالىم نە دوكتۇر پىراپىسور ، نە تەتقىقاتچى بولۇش كىرەك ئەمەس ، ( بۇ دىگەنلىك دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىلىم كىرەك ئەمەس دىگەنلىك بولمايدۇ . ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئالىم بولمىسىمۇ قورۇقماس بىر قوماندان كىرەك ، شۇ نۇرمال قۇمانداننى داھى قىلىدىغان ئەگەشتۇرگەن ۋە ئەگەشكەن خەلقى ھەم ئاخىردا قۇرۇپ چىققان دۆلىتى ، بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ ئىشى ئاندىن شۇ قۇرۇلغان دۆلەتتە ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپىدۇ ) . نۇرمال ۋىژدانى ، ئىنسانى تۇيغۇسى بولۇشنىڭ ئوزى كوپايە .
تەخمىنەن 1400 يىل ئىلگىرى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغان قۇرئاندا « ئولۇمدە ھاياتلىق بار …» دگەن ئايەتتە جىنىنى پىدا قىلىش يولىدا ھەقىقى ئەركىنلىككە ، قەدىر قىممەتكە ، ئىززەت شەرەپكە ، مۇقەددەس بولغان ۋەتەنگە ، مەنىۋىيتىمىزنىڭ موھىم قىسمى بولغان ئىمانغا ….. ئىگە بولىدىغانلىغنى كورسۇتۇپ بەرگەن .
بىلش قىيىن ئەمەسكى قىممىتىمىز ، شەرىپىمىز ، ھۆرلۇگىمىزنىڭ ئاساسى تەمىناتى قوراللىق ئەسكەرلىرىمىز ئارقىلىق بولىدۇ . بىز مىللەت بۇ ئەڭ سۆيۇملۇك كىشىللىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا كۆپرەك تۇرۇشىمىز ، ھەر تۇرلۇك شەكىلدە قوللىشىمىز ، قەدىرلىشىمىز كىرەك . ئۆزىمىزنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆزىمىز قەدىرلەپ قوللاشنى بىلمىسەك ، باشقىلارمۇ بىزنى قەدىرلىمەيدۇ.بىزنىڭ ھەقىقى ئارقىمىزدا تۇرمايدۇ. سۆز بىلەن قىلىنغان تەسەللى ۋە قوللاشلارنى ھەقىقى ، ئەمىلى قوللاشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەسكىرى كۈچىنىڭمۇ بارلىقىنى نامايەن قىلالىشىمىز كېرەك…
دۇنيا جامائىتى بۇ يىغا-زارىمىزغا قاراپ : ”بۇ مىللەتنىڭ(ئىشغالغا قارشى تەييارلىقى پۈتكەن ئارمىيەسى دىمەيلا تۇرايلى) ھەتتا قورال- ياراق تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تۆت تال ئادىمىمۇ بارمىدۇ…؟!“دەپ قالمىغانمىدۇ…؟!
دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن ۋە نىمە مەقسەتتە بولسۇن-بولالىسۇن…؟! قۇرال-ياراقلىق كىشىلىرىنىڭ بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ شەرىپىدۇر، ئۇ ھامان ئۆز ۋەتىنى- مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتا تەيياردۇر ۋە ھەممىمىزدىن ئاۋال تەييار بولۇپ بولغان بولىدۇ…

”مۇھاجىرەتتىكى بۈگۈنكى بىزلەر بىر-بىرىمىزنى تاللاپ پەخىرلىنىشىدىغان ۋە ياكى يەكلەپ دۈشمەنلىشىدىغان قىلىقلىرىمىزنى تاشلايلى…“
”ئەمدى بولسىمۇ بارى-يوق قۇرال-ياراق تۇتىۋاتقانلىرىمىزنى شەرتسىز قوللاشنى باشلايلى…“

بارىغا شۈكرىلەر بولسۇن …!!!

ھەر – قانداق بىر ئاز ۋە ئاجىز كۈچ مىللىتىنىڭ ھىممىتى ۋە ھىمايىسىگە تولۇق ئېرىشەلىسىلا شەكسىزكى كۈچلۈك بىر ئەمەلى كۈچكە ئايلىنىدۇ…!!!
ئنشاھئاللاھ…!!!

مۇئەللىم

2023. 12. 12. كۇنى ئىستانبۇل

Share
1372 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.