logo

trugen jacn

ئۆركەش دۆلەت: «باراۋەرلىك-خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا بېرىشنى ئەسلا خالىمايدىغان بىر ئىش»

 

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆركەش دۆلەت ئالدىنقى كۈنى تەيۋەن تېلېۋىزىيىسى 49-قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

مەلۇمكى، ئۆركەش دۆلەت خىتاي ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يىلغا سوزۇلغان مۇھاجىرەت ھاياتى داۋامىدا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىققىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن.

ئۆركەش دۆلەت ئالدىنقى كۈنى تەيۋەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدا سۆزلىگەن سۆزىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ دىنىي-ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تارىخىي رېئاللىقىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشاشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۆركەش دۆلەت يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ھازىر ھەرقانداق كىشى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ئېسىلغان ‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىپ چۈمبىلىڭىز ئېچىۋېتىڭ!› دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆرەلەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئۆزى زامانىۋى مەدەنىيەتتۇر. كىم زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئېقىمىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، كوچىلارغا ئېگىز ئېسىلغان ئاشۇ يوغان خەتلىك تەشۋىقات تاختىلىرى ھەممىنى ئاشكارا دەپ بېرىۋاتمامدۇ!؟»

ئۆركەش دۆلەت تېلېۋىزىيە زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدە ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرگەن:
«تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۇقۇم جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹زامانىۋى مەدەنىيەت› نى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن يولغا قويۇۋاتقانلىقىدىن بولغان. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆز ئادىتى بويىچە ساقال-بۇرۇت قويسا ياكى ئاياللار يۈزىنى ياپسا ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى ئادەتتە ئىشسىزلىق ياكى ئىجتىمائىي بېسىم بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا تۈرمىگە تۇتۇلۇشتەك قىسمەتلەرگىمۇ يولۇقماقتا. بۇ پەقەت ئىنتايىن كىچىك مىسال، خالاس.»

ئۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتى جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىق بىلەن تولغان مۇستەملىكە سىياسىتىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يۇرتىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بەزىدە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايسىز: ‹بىز سىلەرگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلىۋاتساق، شۇنچە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتساق، سىلەر يەنە بىزگە قارشى چىقىۋاتىسىلەر!› شۇنىسى ئېنىقكى، بىز مۇنداق ياردەمگە ئەسلا موھتاج ئەمەس. بىز باراۋەر ياشاشقا موھتاج! ھالبۇكى، باراۋەرلىك-خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا بېرىشنى ئەسلا خالىمايدىغان بىر ئىش.»

ئۆركەش دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېئاللىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىز سىياسىي جەھەتتە قاتتىق ئېزىلدۇق ۋە چەتكە قېقىلدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قالدۇق. سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىققا ئەگىشىپ ئىقتىساد ۋە بايلىق مەنبەلىرىمىز تالان-تاراج قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئېلىپ كېتىۋاتقان نېفىت، رەڭلىك مېتال، تەبىئىي گاز ۋە باشقا سان-ساناقسىز يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ مەزكۇر رايونغا بېرىۋاتقان ياردىمىدىن خېلى كۆپ. يەنە كېلىپ مەركەزدىن كېلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش ياردەملەر يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ بۇ يەرنى مۇستەملىكە قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىغا چۈشىدۇ.»

ئۆركەش دۆلەت ئۆز نۇتقىدا يەنە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن كوللېكتىپ ھالدا ھېس قىلغان مىللىي روھىي ھالىتىمىز دەل ئۈمىدسىزلىكتۇر. راستنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ كېلەچىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، خىتايلار بىلەن بىللە ئىناق ياشىغىلى بولىدىغان ھەرقانداق مۇمكىنچىلىككە كۆزى يەتمەيدىغان بولدى.»

ئۆركەش دۆلەت ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «مەن شەخسەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمەن. ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تېخىمۇ قارشى تۇرىمەن! بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم مەندىن: ”ئۆركەش بۇرادىرىم، توغرا، سەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوللىنىشقا قارشى تۇرىسەن، لېكىن بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ئۇسۇل بارمۇ؟“ دەپ سورىغىنىدا مەن جاۋاب بېرەلمەي قالدىم.»
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-mesilisi-03192014152911.html

Share
3359 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.