logo

trugen jacn

ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى

indiQeyser Mijit 

قەيسەر مىجىت

ئېلاۋە: يۈزەكى كۈزۈتۈشۈمچە، ئامىرىكىدا يەھۇدىلار -پۇل-مۇئامىلە بىلەن، خەنزۇلار ئاشخانا تىجارىتى بىلەن، ۋىتناملىقلار تىرناق ياساش بىلەن، مىكسىكىلىقلار جىسمانى ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن، ھىندىستانلىقلار زەنجىرسىمان كىچىك دۇكان ئىچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە مۇشۇ كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بار ئەلۋەتتە. مەن باغداشتا ”سۆزلىمەي تۇرۇپ سۆزلەتكەنلەر“ ناملىق كۆچمەنلەرنىڭ ئامىرىكىدا ئىگىلىك تىكلىگىنىگە ئائىت بىر كىچىك يازمىنى ئىلان قىلغان ئىدىم. خوش، بىزچۇ؟ باشقا ئەللەرگە ئولتۇراقلاشقان بىزنىڭ ئادەملىرىمىزچۇ؟
        شۇنداقلا يەنە بۇ توردا ”بايلىق دىگەن نىمە؟“ ناملىق يازمىنى ئىلان قىلغان ئىدىم. ئۇ يازمىغا چۈشكەن مۇنداق بىر ئىنكاس دىققىتىمنى تارتتى:
-ئاۋال پۇل تاپ-تە، ئاندىن باشقىلارغا  بايلىق ھەققىدە سۆزلە!
بەرھەق، راست گەپ!
         مىنىڭچە ئەمدى بىز، جۈملىدىن مەن  باشقىلارغا ھەۋەس قىلىۋەرمەي، دۇنياۋىلىشىشىنىڭ دولقۇنلىرىدا ئىقىپ كىتىۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىرادە ۋە ئەمىلىيەتلىرىمىز ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىدىغان يەرگە كەلدۇق. مەن بۇ چاتما ئەسىرىمدە مۇشۇنىڭغا ئائېت ئوي -خىياللىرىمنى ئىقتىسادشۇناسلىق، پۇل-مۇئامىلە ۋە كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يىزىپ چىقىش نىيىتىگە كەلدىم. 
مىليونېرلار تۇغۇلمايدۇ، يارىتىلىدۇ! 

**********************************************************************

 

تاغدىن-باغدىن يۈرەك سۆزلەر 

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدە، شەھرى قەشقەردە،  جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خەلقىغە، خىتاپ قىلدىلەركى مۇنداق، مەشھۇر شائىر  ھاجى قۇتلۇق شەۋقى:

بىر قېلىچ بەرسە خۇدا،
كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرىسام.
كەسسە خەلقىم بوينىدىن،
قۇللۇق، كىشەن-زەنجىرىنى.


         پېقىر  ھەر كىشىنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ئىكەنلىگىگە ئىشەنگۈچى. دىگۈم كەلدىغۇ ئۆزۈمگە شۇنداق، چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن قۇرۇق خىيالنى يىراق! دەل سېيىت نوچى پەدىسىدە  ھە -مۇنداق!-خۇددى ئۇ-  تەبئىتى پوچى بولمىش پىر  بايۋەتچىنى بىشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ پىر-پىر  پېلدىرلىتىپ قاراشەھەرنىڭ دەرياسىغا چۆرۈۋەتكەندەك:

بىر  مەدەت بەرسەڭ خۇدا،
قۇرۇق خىيالنى تاشلىسام.
ئوقۇغۇنۇمنى ئىشلىتىپ،
ئەمىلى ئىشنى باشلىسام…


        ئوقۇدۇم ئالى مەكتەپتە ”ئىگىلىك باشقۇرۇش“. مەجبۇر قىلدى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشقا بۇ تۇرمۇش دىگەن كىسپۇرۇچ ۋە بەزىدە ئارزۇ -ھەۋەس دىگەن ئاچكۆز ۋاقىت يۇتقۇچ! خەلقئارالىق ئىقتىساد، سەھىيە ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىقتىسادى، ۋاي ئاللا بۇ نىمە گەپ زادى؟
گەپلىرىم تاققا -تۇققا، باشلىرىم گاراڭ-گۇرۇڭ، كىشىلىك ھايات قىزىمايدۇ بولمىسا ئانچە-مۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ! ئويلاپ باقسام بولۇپ كەپتىمەن تۇرمۇشئاخۇن بىلەن دىپلومگۈلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تولا چايقىلىپ ساراڭ-سۇرۇڭ!
     ھاي – ھاي، قورقماڭلار، قاچماڭلار، تاقەت قىلىڭلار، قىزىق گەپنى بولسا ئاڭلىغۇڭلار!
      بەلكى، ئۆمۈرنىڭ يېرىمى تۈگىدى. يەنە قانچە ئۇزۇن ياشايمەن، بىلمەيمەن-تاڭ!
      گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئىيتسام ئەمدى قاراڭ، مىنىڭ بوپ قالغۇم يوق، ۋاقتىدا ئورۇلمىغان بۇغداي پىشىپ ئۆتۈپ بوپ كەتكەندەك پاڭ!
بولمىسىغۇ  بىر نەچچە يىل بولدى، ئىچىمدە پىلىلداپ تۇرغان كىچىككىنە چوغنىڭ پەيدا بولغىلى ۋە مۇنداق ئوتلۇق ئىستەك بىلەن ياشاپ كەلگىلى:  ”مانا ھېلى، مانا ئەتە، ۋاي بولدىلا چوقۇم كىلەر يىلى، ئۇنى پۈۋلەيمەن، قان-تەرىم، سەمىمىيىتىم ۋە ئەجرىمنى سىڭدۈرىمەن  ئۇنى قىزارتىمەن، يالقۇنلىتىمەن، ئەتراپقا ھارارەت تارقىتىمەن“
ئىستەك  – ئۇ ھەرقانچە گۈزەل ۋە ئالىجاناپ بولسىمۇ، كەچلىرى ئادەمنى ئۇخلاتمىسىمۇ، بىرلەشمىسە ئەمىلى ھەركەت بىلەن – ئەمەس ئىكەنيا-ئەينا، قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە.
دەرھەقىقەت،  تا شۇ كەمگىچە ئۇ خىياللىرىمنى ھەركەت بىلەن بىرلەشتۈرمىدىم پەقەت. مەن ئۈچۈن ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى ئوقۇپ تۇرۇپ – ئىگىلىك تىكلەشكە ئىنتىلمەسلىك، شۇنداق ئىشكى گويا – گېنىرال بولۇشنى ئويلىمايلا جەڭچى بولغاندەك، جەڭ بوپ قالسا بىرىنجى پاي ئوقنى يەپلا دۈم چۇشىدىغان ناباپ ئەسكەردەك. 
       ئادەم ئۆز مەغلۇبىيىتىگە بانا ئىزدىسە، جاۋابىنى تاپىدۇ نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىسىنى كۆرسە. قوشنىسىنىڭ بىغىدا ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئەپەندىم يوقىلاڭ سۇئالنى سوراپتىكەن قوشنىسىدىن، قوشنىسى ئۇنىڭدىن سەمىمى جاۋاپ كۇتسە.
لىكىن ”ئىگىلىك“ – ”تاغار“ ئەمەس تىكلەيمەن دەپلا تىكلىۋالىدىغان ئىتىزلىقتىكى ساماننى تىقىپ ۋە ياكى تۈۋرۈك ئەمەس ياغاچچى ئۇستام پىشايۋان ئۈچۈن ئىلىپ قويغان كىسىپ ھەم پىچىپ ۋە ياكى دەبى-دەبىلىك سۆز ئەمەس پەيلاسوپنىڭ ئاغزىدىن چىققان چىڭقىلىپ!
زاغرا تىل بىلەن ئىيتايمۇ؟ ئۆزگىچە يولىڭىز بارمۇ؟ كۆڭلىڭىز پۇل تىپىشقا ئىنتىزارمۇ؟
جاۋابىڭىز ”ھە ئە “ بولسا، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان كىشىسىز، ياكى تىجارەتچى ياكى كارخانىچى، پايدىلىنىپ شارائىت ۋە بايلىقلاردىن جەمىيەتتىكى.
ئىتىلىپ بولغان تاماقنىڭ تەمىنى تېتىماق ئوڭاي، غەلىبە قىلغان ئىگىلىك تىكلىگۇچىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت مودىلىنى سىزماق قولاي. 
ئەمما يوقنى بار قىلىش، ئىشنى نۆلدىن باشلاش ئۇنچە تۈز ئەمەس، ئۇنىڭ يوللىرى ئەگرى-توقاي.
بىلىسىلەر رادىل ئابلانى، قانداق ئىگىلىك تىكلىدى، تونۇيسىلەر پەخرىدىن قارلۇقنى تېخنىكا ئۈگۈنۈپ ئۇنى قانداق باپلىدى.
          ئۇقىسىلەر لەقىمى ”ساراڭ“ بولمىش كىرەمنى ۋە ياكى نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ بېيىغان يىمەك ئىچمەك تىجارىتىدە ئالدىدا ماڭغان زۇلپىقارنى! بىراق بىلمەيسىلەر، كۆڭلىدە ”بۈيۈك ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار غايىلىك ياشلارنى ۋە تەپەككۇرى ساز بەزى كىشىلەرنى! ئەلقىسسە، ئەمدى مەن بايان قىلاي ئويلىغانلىرىمنى!

***********************************************************************************

 

مىنىڭ دۇنيا  قارىشىم ۋە دەسلەپكى
ئىگىلىك تىكلەش تەسەۋۇرۇم

         بىز ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كەڭ-كۆلەملىك تارقىلىشى ۋە قوللىنىلىشى نەتىجىسىدە بارغانسىرى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كىتىۋاتقان، مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا تېخىمۇ ”كىچىكلەپ“ كىتىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى تەرەققىياتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىۋاتقانلىغى راست.  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئىلىپ كىلىۋاتقان خېرىس ھەم بىسىملىرىنىڭ زورىيىۋاتقانلىغى ھەم پاكىت. چۇنكى دۇنيا ئىچىلىپ كىتىۋاتىدۇ، بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى توساقلار بۇزۇپ تاشلىنىۋاتىدۇ-يۇ يەنە بىر تەرەپتىن دىققەت قىلىشقا، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يىڭى  ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. 
       مۇشۇنداق بىر بۈيۈك ئىجتىمائى ئۆزگۈرۈش دولقۇنى ئىچىدە شەخس سۈپىتىدە، مىللەت سۈپىتىدە نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
         شەخس سۈپىتىدە كالامپايلىق قىلساق، ئارقىدا قالىمىز؛ مىللەت سۈپىتىدە بىخۇتلۇق ۋە ھورۇنلۇق ھەمدە ھەددىدىن زىيادە تەركى-دۇنياچىلىق قىلساق بۇ رەھىمسىز دولقۇن تەرىپىدىن ئەخلەت – چاۋادەك ئايرىلىپ سىقىپ چىقىرىلىمىز.
       ئۆزگىرىشلەرگە ھوشيارلىق، تېرىشچانلىق ۋە ئىتىقاد بىلەن مۇئامىلە قىلماق زۆرۈردۈر!
       لىكىن ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەتتە ئادەملەر ياكى زارلىنىپ تۇرۇپ ياكى شاتلىنىپ تۇرۇپ ياشايدۇ ۋە ياكى ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ.  شۇنداق ئىكەن، سىز ئۆزىڭىزنى قايسى تىپقا تەۋە دەپ قارايسىز؟ زارلانغۇچى، شاتلانغۇچى ۋە ياكى بەزىدە ئۇ، بەزىدە بۇ؟
      مەن ئۈمىدسىز كىشىلەردىن بەش كىلومىتىر نېرى تۇرىمەن، ئۇمىدۋار كىشىلەرنى قوغلاپ تۇرىمەن. چۈنكى ئۇلاردىكى دۇنيا قاراش تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. سادىغاڭ كىتەي، مەيلى نىمە قىل، قىلىۋاتقان ئىشىڭنى سۆيمەي ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرمەي ياشىساڭ، بۇ دۇنيادا پۇخادىن چىققۇدەك ياشىغان بولمايدىكەنسەن.
ئۈمىدسىزلەر ۋايسايدۇ: ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى – بېسىم.
ئۈمىدۋارلار توۋلايدۇ: ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى -پۇرسەت.
        مەن ھەرگىزمۇ زارلانغۇچىلار تىپىدىن ئەمەس.  شاتلىنىپ كەتكۈچىلەردىنمۇ ھەم ئەمەس بەلكى رېئاللىققا يۈزلىنىپ تۇرۇپ رازىمەنلىك بىلەن ياشاشقا ئىنتىلگۈچى. شاتلىق – روھى جەھەتتە مەلۇم يۈكسەك نەرسىگە ئۈمىتۋارلىق بىلەن ئىنتىلىشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەر-تۆكىدىغان سەمىمىيەت ھەم ئەمىليەتتىن كىلىدۇ. 
ئۇمىتۋار كىشىلەر قولاي ئامىللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ دۇچ كىلىۋاتقان خېرىسقا ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىپ، بىسىمنى -ئىلگىرلەشنىڭ تۈرتكىسى قىلىپ چوڭقۇر سەمىمىيەت ۋە ئەمىلى ھەركەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭسا مىنىڭچە ئىشنى ياخشى قىلىپ كىتەلەيدۇ.
تۆۋەندىكى مۇنۇ  لوگىكىغا ئاساسلانغاندا شۇنداقلا مەن قوبۇل قىلغان مۇئارىپ تەربىيەسىنى ئويلاشقاندا مەن بۇ يىشىمدا ئالاھىدە نەتىجە قازانغان كارخانىچى بولۇپ بولۇشۇم كىرەك ئىدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە مەن ھازىر –  ئىقتىسادنىڭ ئىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈدىغان ھەر خىل مودىللارنىڭ فورمۇلالىرى بىلەن كاللىسى توشۇپ كەتكەن ”نەزەرىيىگە نىسبەتەن باي، ئەمىليەتكە مۇتلەق نامرات“ بىرسىگە ئايلىنىپ قالدىم. 
     ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى – پۇل تىپىشقا ماھىر.قەيسەر مىجىت – ئاتۇشتىن.شۇڭا ئۇ پۇل تاپالايدۇ.
        ئىنىقكى، بىرىنجى جۈملىدە – ئومۇمۇلاشتۇرۇش خاتالىغى بار. ئىككىنجى جۈملە – ئۇ بىر پاكىت، خالاس.
      ئەڭ ئاخىرىدىكى  خۇلاسە خاتامۇ-توغرىمۇ؟ بۇنى كۈزۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ.
      بىر ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ چىقىشىغا نۇرغۇن ئامىللار سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. تەبىئى شارائىت، ئائىلىۋى شارائىت  ئەجدادلىرىدىن قالغان ئۇدۇم، تاسادىپى پۇرسەت…ۋاھاكازالار.
گەرچە ئانا تەرەپ بوۋىلىرىم بۇرۇندىن تارتىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈگۈمدە چوڭ دادامنىڭ دۇكىنىدا تەتىل مەزگىللىرىدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مال سىتىشىپ بەرگەن بولساممۇ، ئەمما نىمىشقىدۇر كىچىكىمدىن مۇشۇ ”پۇل“ دىگەن نەرسىگە ھىرىس قىلمايتتىم. ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا مەن ئايىغىمنىڭ شوينىسىنىمۇ تۈزۈك باغلاپ چىگەلمەيدىغان ئۆسمۈر بولۇپ كارل ماركسنىڭ ”كاپىتال“ دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغان، ئۇنىڭدىكى ئەنگىلىيە توقۇمىچىلىق فابرىسىكىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ بالا ئىشچىلارنى ئېكسپالاتاتسىيە قىلىپ بالا ئىشچىلار ياراتقان ”قوشۇمچە قىممەتنى“ شۈلۈۋالىدىغان، ئاچكۆز، رەھىمسىز تەسۋىرلەنگەن كاپىتالىستالارنى ھەمدە كاپىتالىستلارنىڭ يانچۇقىغا كىرگەن ھەر بىر فوند ستېرلىڭنىڭ ”بىر تەرىپىدىن قان ياش يەنە بىر تەرىپىدىن يىرىڭ ئاقىدىغان“ لىغىنى بىلمىگەن چاغلىرىم ئىدى.
          قارىغاندا ئادەملەردىكى نىمىگە ھەۋەس قىلىشمۇ تۇغما بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق ھەۋەسمۇ تۇرغۇن بولمايدۇ. ھەر بىر كىشى خۇددى دىھقان زىرائەت بىلەن بىللە ئۆسكەن ياۋا چۆپنى يۇلۇۋەتكەندەك ئۆزىدىكى  چاكىنا ھەۋەسنى يانچىپ تاشلاپ، ئۆزىگە، مىللەتكە ۋە جەمىيەتكە پايدىلىق ئېسىل ھەۋەسلەرنىڭ كەينىدىن ئاشىق بولمىغى لازىمدۇر.
         ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام ئىقتىساد ئىلمىنى خېلى سېستىمىلىق ئۈگەندىم. ئىقتىساد كەسپىنى ئوقۇغانلىغىمنى بىلگەن بەزى كىشىلەر مەندىن كىتىپ – كىتىپ ”ئامىرىكىنىڭ جوڭگۇغاا قەرز بوپ قىلىۋاتقانلىغىنى بۇ ھەقتە قانداق قارايدىغانلىغىم“ ۋە ياكى ”پۇل-مۇئامىلە كېرىزىسىنىڭ سەۋەپلىرى“ ھەققىدە ئۇنى -بۇنى سوراپ باقىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا مىنىڭ جاۋابىم ھىلىقى ئامىرىكا پرىزىدەنتى خەرري ترۇمان كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ جاۋابىغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامىرىكىغا پرىزىدەنت بولغان خەرري ترۇمان ئەپەندى دۆلەت ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىلىرىدىن پىكىر ئالغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى كىلىشىۋالغاندەكلا ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا ”بىر جەھەتتىن ئالغاندا مۇنداق…“ يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنداق…“ دەپ مىكى مىكى گەپ قىلغانلىقتىن جىلى بولغان پرىزىدەنت شۇنداق دىگەن ئىكەن:
– ماڭا كىرىگى بىر مۇقىم مەۋقەسى بولغان ئىقتىسادشۇناس!
جەمىيەتتىكى ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ قانداق ئايلىنىۋاتقانلىغىنى، مەسىلىنىڭ قايسى ھالقىدا كۆرۈلۈۋاتقانلىغىنى يەنى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ، تەقسىملەشتىمۇ ۋە ياكى ئىستىمالدىمۇ… بۇلارنى دەل ۋاقتىدا، مۈكەممەل يوسۇندا بىلىپ يىتىش مۈمكىن ئەمەس. دىمەك مىنىڭ ئوقۇغۇنۇم – ”غۇۋا ئىلىم“ دەپ ئاتالغان ئىقتىسادشۇناسلىقتۇر.
شۇنىسى ئىنىقكى  تەجىربىخانىدا ھىدروگىن  بىلەن ئوكسىگىننى  بىرلەشتۈرسەك سۇ پەيدا بولىدۇ. ئەمما ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئىرىشىدىغان نەتىجە ئۇنداق مۇتلەق ئەمەس. يەنى سىز ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت زۆرۈر ئامىللارنى (ئەمگەك كۇچى، كاپىتال …) بىرلەشتۈرۈپ  ئويلىغان مەقسەتكە يەتمىگىڭىز ناتايىن. 
ئىگىلىك تىكلەشتە يەنى پۇل تىپىشتا مۇئەييەن دەرىجىدە تەۋەككۇلچىلىك بولمىسىمۇ بولمايدىكەن.
       دىڭىز يولى بايقىلىشتىن بۇرۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق شەرق ۋە غەرپنى تۇتاشتۇرغان ئۆز زامانىسىدا دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى ئىگىلىگىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە تارىخى تۆھپە قوشقان ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان سودا جەھەتتىكى چىۋەرلىك، تەۋەككۈلچىلىك – بۇ يولنىڭ ئىتىلىشى ۋە ئەن ئەنىنىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن يوقاپ كەتكىنى يوق،بەلكى مەلۇم خىل مەدەنىيەت شەكلىدە كىشىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، ئىرسىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، بۇ خىل ئالاھىدىلىك دائىم ھەر دەۋر كىشىلىرىمىزدە تەكرار نامايەن بولۇپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، سىز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابويوپلارنىڭ نۇرغۇن توساقلارنى يىڭىپ گېرمانىيەدىن كۆن خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتنى يۆتكەپ ئەكىلىپ غۇلجىدا زاۋۇت قۇرۇپ ئۇيغۇر سانائىتىگە ئاساس سالغانلىغىنى ئاڭلىغانسىز؟ بۇ نەقەدەر ئىگىلمەس- سۇنماس ئىگىلىك تىكلەش روھى ھە؟ سىز  ئۇيغۇرچىدا چەنچېرمانىي“ دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ؟
   بۇ سۆز جوڭگۇ ئەمدى ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا جەنۇبى دىڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا بىرىپ، ئېنگلىزچە ”چەينج مانېي“ (پۇل ئالماشتۇرۇش) دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپلا چەنچېرمانىي دەپ تەلەپپۇز قىلىپ ئايرۇپىلان ۋە ياكى پويىز ئىستانسىسىدا تۇرۇپ چەتەللىكلەر بىلەن سودىلىشىپ دوللار ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئۇنى دوللارغا ئىھتىياجلىق خەنزۇ سودىگەرلەرگە سىتىپ قوش پايدا ئالغان ۋە جوڭگونىڭ تاشقى پىرىۋوتقا بولغان ئىھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى قاندۇرالىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ھىكايىسىنى ھەم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؟ بۇ نىمە دىگەن تەۋەككۇلچىلىككە ھەم ئىشەنچكە تولغان ئىگىلىك تىكلەش روھى ھە؟
        ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ۋە ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. كونىلار يىڭىلاندى، تىجارەتنىڭ ئۇسۇللىرى تەرەققى قىلدى، بەزى پۇرسەتلەر غايىپ بولۇپ، بەزى يىڭى پۇرسەتلەر تۇغۇلدى.ئىقتىسادى پائالىيەتلەر – ئادەملەرنىڭ كۈندۈلۈك ھاياتلىق ھەركەتلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ئۇ ھەم ئادەملەر ھەركىتىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ھەم يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنىڭ بىرى.
ئەگەر سىز ماتروس بولسىڭىز، دېڭىزدىكى تۇمانلارنى، غۇۋالىقلارنى كۆرۈپ سەپەرگە چىقمىسىڭىز نامىڭىزغا يارىشا ئىش قىلمىغان بولىسىز. مۇبادا ”بىسمىللاھ“ دەپ تەۋەككۇلچىلىك قىلىپ دىڭىزنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەندىن كىيىن تۇمانلار ئارىسىدىن يەنە ئۆزىڭىزنى مەقسەتكە يەتكۇزىدىغان يولنى تىپىپ ماڭالىشىمىز مومكىن.
شۇ تاپتا مەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يىققان تۇرمۇش تەجىربىلىرىم، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى جەمىيەتتىكى  خىزمەت تەجىربەم ۋە دۇنيا مۇئارىپىنىڭ بۆشۈگىدە ئىگەللىگەن بىلىملىرىمنى جۇغلاپ، ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋسترالىيە، ئامىرىكا ۋە كانادادىكى تالانتلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرلىشىپ ئۇلار بىلەن قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ  يىڭىچە بىر ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسىنى يىزىشنىڭ تەخىرسىزلىگىنى  ھىس قىلىپ يەتتىم. ئەگەر بۇ يىل ياز ئايلىرىنىڭ كىرىشى بىلەن بۇ كۈينى يىزىپ چىقالمىسام – ئەمدى بۇندىن كىيىن شامالغا ئۇسۇل ئوينىسام بولىدۇ ۋە ياكى لاتىنلارنىڭ سالساسىنى مەشق قىلسام بولىدۇ.
مۇبادا مەن ئاي نۇرىدەك پارلاپ تۇرغان قادىر ئاكىنىڭ قىزى ۋە ھاجىكاملارنىڭ ئۈمىتكە تولغان قەيسەر ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ «بايبول چەكلىك  ھەسسىدارلىق شېركىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق دەيلى، بىز  ئۇنداقتا نىمە  مۇلازىمەتلەرنى  قىلىشىمىز مۈمكىن؟ بىز قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن.  
بىر ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىدىكى بۈركۈتباي ۋە ياكى چۆمۆلىگۈل زادى ئىشنى قايسى نوقتىدىن يەنى زەنجىرسىمان باغلانغان ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ قايسى ھالقىسىدىن  باشلىشى كىرەك؟
       مەقسەتكە يىتىش ئۇچۇن ۋاستە كىرەك شۇنداققۇ؟
        ئەتراپىدىكى ئىجتمائىى ئۆزگىرۈشلەرنى، ئىقتىسادى كۆتۈرۈلۈشلەرنى كۆزۇتۈپ تۇرغان بۈركۈتباي – كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئىستىمال ئىھتىياجىنىڭ كۆپ خىللىشىۋاتقانلىغى جۈملىدىن ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق سەيلى-ساياھەت قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىغىنى سىزىپ كىچىك تىپتىكى ”قولايئۇچ“ ناملىق  3 كىشىلىك خىزمەتچىدىن تەركىپ تاپقان ساياھەتچىلىك شىركىتىدىن بىرنى قۇرغان بولسۇن ھەمدە ئۇنىڭ تاپاۋىتى – ساياھەتچىلەرگە ۋە ياكى يولۇچىلارغا ئايرۇپىلان بىلەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش بولۇپ ھەر بىر ۋاكالىتەن ئىلىپ بەرگەن بىلەتنىڭ 11% دىن كىرگەن بولسۇن ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر يىللىق پايدىسى بەش يۈز مىڭ يۇئەن بولسۇن. لىكىن ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ تاپاۋىتى بۈركۈتباينىڭ شىركىتىنىڭ تاپاۋىتىدىن 3-4 ھەسسە يۇقىرى بولسۇن. مانا مۇشۇنداق چاغدا بۈركۈتباي چوقۇم ئىقتىساد ئىلمى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ئادەملەردىن مەسلىھەت ئىلىشى كىرەك يەنى ”قولنى كەسمىسە قان چىقمايدۇ“ قارىشى بويىچە مەسلىھەتچىلەرنىڭ مەخسۇس مەسلىھەتىنى ئاڭلىشى كىرەك. تەسەۋۋۇر قىلايلى،  بۈركۈتباي بىزدىن مەسلىھەت سوراپ كەلسە، تۆۋەندىكىدەك قەدەم -باسقۇچلار بىلەن بۇركۇتبايغا پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى چوقۇم بىرەلەيمىز (بۇ پەقەت تەقلىدى ئەھۋال بولۇپ كىسەلگە قاراپ دورا بىرىش  تەلىۋى بويىچە شىركەتكە ئاۋال دىئاگنوز قويۇپ شۇنىنغا قاراپ مەسلىھەت بىرىمىز، ئەلۋەتتە)
– ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ كېرىم-چىقىم ئومۇمى ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىقىپ قايسى مەزگىلدە قايسى خىل مۇلازىمەتنىڭ ئىلىپ كەلگەن پايدىسى ۋە چىقىمى زور ئىكەنلىگىنى ھىساپلاپ چىقىمىز
– خېرىدارلارنى كاتىگورىيەگە ئايرىش (ساياھەتچىمۇ، تىجارەتچىمۇ ۋە ياكى تاسادىپى يولۇچىمۇ)
-يىللىق ئومۇمى كېرىم قانچە؟ پايدا قانچە؟ (پايدا = كېرىم – چىقىم)
-”ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزگىنى بىلىش“ نەسىھەتى بويىچە، ئوخشاش كەسىپتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش
– خېرىدارلار ئۇچۇن قىلىدىغان مۇلازىمەت تاق يونۇلۇشلۇكمۇ؟ يەنى ۋاكالىتەن بىلەت ئىلىپ بىرىشمۇ؟ ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋىلىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇتۇپ قويۇش قاتارلىق مۇلازىمىتى بارمۇ يوق؟
-خېرىدارلارنىڭ ئىچىدە قانچە پىرسەنتى تىجارەت بىلەن قانچە پىرسەنت خۇسۇسى ۋە ياكى ساياھەت بىلەن؟
– بىر ئايدا، بىر يىلدا قانچىلىك بىلەت سىتىلىدۇ؟ قايسى خېرىدارللار تۈرىگە كۆپرەك سىتىلىدۇ؟
-ھەر بىر بىلەت ساتقانداق بولىدىغان چىقىم قانچە؟ (ئىشخانىنىڭ ئىجارە ھەققى، تىلىپون، سۇ-توك ھەققى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى—ھەممىنى ھىساپلاش كىرەك)
ئالايلى، چۆمۈلىگۈلنى ۋەتەندە ساختا توۋارلارنىڭ مەسىلەن ساختا سۇت پاراشوگى، ساختا ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى تۈپەيلىدىن  كىشىلەردە ئۆزى ئىھتىياجلىق ماللارنى سىتىۋىلىشقا شەك چۈشۈۋاتقانلىغىنى كۈزۈتۈپ، ”چىنۋەدە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى“ شىركىتىنى قۇردى دىسۇن. چۆمۈلىگۈل شىركىتىنى قانۇنى يول بىلەن قۇرۇپ چىققان چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارنى سىتىش ھوقۇقىنى ئالغان بولسۇن…ئۇنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان، ئويلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار…يەنى ئىشەنچلىك مال مەنبەسى، باھاسى، تۈرى ھەمدە ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ بىرىلىشى،   ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە سىتىلىشى، سىتىلشنىڭ سۈرىتى دىگەندەك…
       بايبول شىركىتى چۆمىلىگۈلگە مال يەتكۈزۈپ بىرىشتىن تارتىپ، ئۇنىڭ كىڭىيىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئەمىلى ياردەمدە بولىدۇ.
ۋەتەندە ئۆي ئالسا، ھەر كىشى پەقەت ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنىلا 70 يىللىق ئالالايدۇ. ئەمما ئامىرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەدە
ئۆي سىتىۋالسا، پۈتۈن زىمىن سىتىۋالغۇچىغا تەۋە. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خەنزۇلارنىڭ بايلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىلىپ مۇشۇ دۆلەتلەردىن ئۆي-مۈلۈك سىتىۋالماقتا. ئاتىلىرىمىز ئىيتقان: يەر-مۇلۇك – ئالتۇن قوزۇق. ئىدىيەدە ۋە ئىش ھەركەتتە كەينىدە قالساق، ھەممىدە كەينىدە قالىمىز.
    بايبول شىركىتى – ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق بىيىغان شەخسلەرنىڭ چەتئەللەردىن ئۆي -زىمىن سىتىۋىلىشىغا ياردەمدە بولىدۇ.

http://bbs.bagdax.cn/thread-23723-1-1.html

Share
2506 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.