logo

trugen jacn

ئىچكى موڭغۇلنىڭ چېگرا شەھىرىدە مېھمانسارايلاردا قونغان ئۇيغۇرلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىندى

image

ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﺧﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 9 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ كىملىك نومۇرى، رەسىمى ۋە ئىسىم- فامىلىسىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يۇرتى، ئائىلە ئەھۋالى، ئۇلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنىڭ سەۋەبى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.

بىز ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېرىشكەن ئاخىرقى ئۇچۇردا، دائىرىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئاز دېگەندە 2 ياشنى تۇتۇۋالغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مەجھۇل ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. بىز دۈشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرىگە قاراشلىق ئوراد ناھىيەسىنىڭ خەيريۇتو چېگرا بازىرى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىق ساقچى پونكىتلىرىغا ۋە مېھمانسارايلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈردۇق.

بۇ رايوندىكى ساقچى پونكىتلىرى 9 ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر ساقچى پونكىتى بۇ توقۇززەيلەننىڭ ئاقىۋىتى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىش سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇخبىر: بۇ خەيريۇتو ساقچى پونكىتىغۇ دەيمەن؟ مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. مەن سىلەرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتى ئۆتكەن ھەپتە چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى سوراپ باقاي، دېگەنتىم. تۇتۇش بۇيرۇقىدا 9 نەپەر ئۇيغۇر سىلەرنىڭ رايونغا كەپتىكەن. ئۆتكەن جۈمە كۈنى سىلەر 3 كىشىنى قولغا ئەپسىلەر. قالغانلار قېچىپ يۈرگۈدەك. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى ھازىر؟
ساقچى: بۇ خەريۇتو ساقچى پونكىتى. بۇ ئەھۋالنى مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.

مۇخبىر : ئۇنداق بولسا، بۇ 9 ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىڭلاردىكى سەۋەب نېمە؟
ساقچى: ھەي بۇ مەسىلىنى، بىلمەيمەن! شۇنداق مەن بىلمەيمەن.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ باشلىق بىلەن سۆزلەشسەم بولامدۇ؟ چاقىرىپ قويالامسىز؟
ساقچى: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

مۇخبىر: مەن مۇخبىر، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن ئېچىۋاتىمەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. مەن پەقەت سىز بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقاي دېگەنتىم. ئىچكى موڭغۇل ساقچى نازارىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى، 9 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى؟
ساقچى : بۇ ئەھۋال مۇنداق، نېمە دېسەم بولار. مەن پەقەت يېڭى كەلگەن خادىم. تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيمەن. كونكرېت ئەھۋالنى مەنمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. باشلىقلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرەي دېسەم، مەن ئۆزۈم يېڭىياچە بولغاچقا ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەگەر سىزگە زۆرۈر بولسا ئەتە ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كېيىن ئۇرۇڭ. باشلىقلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى….

مۇخبىر: ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا سىلەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇلاردىن 3 كىشىنى تۇتۇپسىلەر. قالغانلار قېچىپ يۈرۈۋاتقۇدەك؟ بۇ 6 كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە قانداق ئۇچۇر بار؟
ساقچى: بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. ئېھتىمال يوق بولسا كېرەك. راست گەپنى قىلسام مەن بىلمەيمەن.

بىز دۈشەنبە كۈنى يەنە، باياننۇر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ رايوندىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق. مەزكۇر رايوندىكى «سودا» مېھمانسارىيىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا قاراشلىق قوراللىق ساقچىلار بۈگۈن يەنى 11‏-ماي كۈنى بۇ مېھمانسارايغا كېلىپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر كېلىپ قونسا، دەرھال ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشنى بۇيرۇغان.

ئۇ نۆۋەتچى: ھەي، بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ كىملىكى بولسا ج خ دائىرىلىرىنىڭ دەرھال مەلۇم قىلىش توغرىلىق يوليورۇقى بار. شىنجاڭلىقلارغا ئالاھىدە گۇۋانامىسىز ياتاق بېرىشكە كەلسەك، بۇ ماڭا تازا ئېنىق ئەمەس. ئىشقىلىپ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قوراللىق ساقچىلار كېلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويۇپ كەتتى، شىنجاڭ كىملىكى كۆتۈرگەن مېھمانلار كەلسە، ئۆزلىرىگە دەرھال ئۇقتۇرۇشنى. ئۇلار شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بەرمە، دېمىدى. لېكىن ئۇلار كېلىپ قونسا ئۇقتۇرۇش قىلىشىمىز كېرەككەن.

مۇخبىر: ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۈگۈن كېلىپ «شىنجاڭلىقلار» كەلسە، بىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، دەيدۇ؟

نۆۋەتچى: بۇنى بىزمۇ بىلمەيمىز. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 5 نەپەر قوراللىق ساقچى خادىمى كەپتىكەن. ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىدىن قارىغاندا چېگرا مۇداپىئەسىدىكى قوراللىق ساقچىلاردەك قىلىدۇ.

مۇخبىر : ئىچكى موڭغۇل ج خ نازارىتى 9 نەپەر ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىكەن. ئاڭلىساق يەنە، شۇلارنىڭ رايونغا قوراللىق ھەربىي، ساقچىلار يېغىپ كېتىپتىغۇ؟

نۆۋەتچى: شۇنداق، بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىدا قوراللىق ساقچىلار پەيدا بولۇپ قالدى. بىزنىڭ سىرتقا چىقىشىمىزمۇ قىيىنغا توختىدى. ئۇلار ھازىرمۇ كوچىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى. 9 نەپەر «شىنجاڭلىق»نىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، كونكرېت ئەھۋالىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. لېكىن بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ قول تېلېفونىدا بۇ 9 ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى ۋە ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى تارقىلىپ يۈرىدۇ، ئەمما مەن كوچىدا ئۇلارنىڭ رەسىمى چاپلانغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

مەزكۇر ۋەقە د ئۇ ق نىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىشنى پىلانلىغان ئۇيغۇرلارنى توسۇماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، يۇقىرىقى 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن ئىچكى موڭغۇل چېگرا بازىرىغا بېرىپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن دىلشات رىشىتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلگە قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى، ئۇلار بىلەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ۋە ئۆتكەن يىلى ۋىيېتنام ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە ھېجرەت قىلىپ ماڭغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-05112015153745.html

Share
1403 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.