logo

trugen jacn

ئىچكى موڭغۇلدا 9 نەپەر ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

image

ئىچكى موڭغۇلنىڭ تاشقى موڭغۇلغا چېگرىداش بايانغول ۋىلايىتىدە 9 نەپەر ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى چىقارغانلىقى مەلۇم بولدى. نۆۋەتتە، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان توققۇزەيلەننىڭ 2 نەپىرى تۇتۇلۇپ قالغان. بىراق قالغان 7 نەپەر ياشنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.

تۇتۇش بۇيرۇقىدىن قارىغاندا ئۇ توققۇزەيلەننىڭ ھەممىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبۇلقاسىم مەمەت، يۈسۈپجان ياسىن، ئادىل توختى، ياسىن مەتتۇرسۇن، ئەلى تۇردى، دېگەن بالىلار بار. دائىرىلەر تۇتۇش بۇيرۇقىدا، پۇقرالارغا بۇ ئۇيغۇرلارنى كۆرسە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ بايانغول ۋىلايىتى غالجايتۇ بازىرىدا قوراللىق ساقچى-ھەربىيلەرنى كۆپەيتىپ، قېچىپ يۈرگەن 7 نەپەر ئۇيغۇرنى مۇشۇ رايونغا مۆكۈنۈۋالغان بولۇشى ئېھتىمال، دەپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. غالجايتۇ بازىرى تاشقى موڭغۇل چېگراسىغا 130 كىلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قانداق سەۋەب بىلەن ئاختۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم ئەمەس.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار ئېھتىمال ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغانلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقىنى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ichki-mongghul-05082015170823.html

Share
1712 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.