logo

trugen jacn

ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى تەڭداشسىزدۇر

 

ئېرپان ئىدىرىس   

     

كومپيۇتېر پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. كومپيۇتېر پەن – تېخنىكىسىنىڭ بۇ خىل سېھىرلىق كۈچى ھاتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى  ۋە دۇنيادىكى مەۋجۇدىيەتلەرنى تونۇشىغا بولغان ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن « كومپيۇتېر  ئىقتىدارىنىڭ ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارىدىن  ئۈستۈن » ۋە « سۈنئىي ئىدرەك ئىنسانلارنىڭ ئەقىلىدىن نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىق » دېگەندەك گەپلەر يامراشقا باشلىدى. بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھازىرغىچە ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانمىدى. بۇ گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ پروگرامملىرىنىڭ ئىقتىدارنى ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىكتىن بولسا، يەنە بىرى كومپيۇتېر پەن – تېخنىكىسى بىلەن ئىنسان ئەقلىنىڭ مۇناسىۋېتىنى توغرا چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان.

جاھاندىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقى ئىنساندۇر، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى تەڭداشسىز ۋە چەكسىزدۇر. ئىنسان ئەقلىنىڭ باشقا جانلىقلارنىڭ ئەقلىنىڭ ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق ئۇنىڭ ئاڭلىق ئەقىل بولۇش سۈپىتىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنسان ئەقىلى(ئىدراكى) ۋە سۇنئىي ئىدراك (ئەقىل) قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ قانداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىش بولۇپمۇ ئىنسان ئەقلى بىلەن كومپيۇتېر پەن – تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى ئايىدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۈر. شۇ چاغدا ئىنسان ئەقلى بىلەن كومپيۇتېر پەن – تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋېتى ئايدىڭلىشىدۇ.

ئادەم ئەقلى بولسا ئادەم مېڭىسىدىن ئىبارەت بىئولوگىيىلىك ئورگانىزمىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە ئىقتىدارى — تەپەككۇر قىلىش ياكى ئويلاشتىن ئىبارەت ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەم ئېرىشىدىغان كونكرىت نەرسە بولماستىن، بەلكى ئادەم ئۆز ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان ئەمىلىي مەسىللىلەرنى بىلىش ۋە ھەل قىلىدىغان ئىقتىدار (قابىلىيىتى) يەنى ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئەقىل- پاراسەتتۇر. ئەندى، سۇنئىي ئىدراككە كەلسەك، ئۇ پەقەت كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جاريى قىلدۇرالايدىغان يومشاق دېتاللىرى — كومپيۇتېر پروگرامملىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدىكى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتىدۇر (جەريانىدۇر). ئەقىل جانلىق مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ مېڭىسدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ،ئۇ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىدە ئۆزىنىڭ يۈكسەك كامالىتىگە يەتكەن. دۇنيادا ئىنساندىن باشقا ھەر قانداق مەۋجۇداتلاردا ئاڭلىق ئەقىل بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ئىنسان ئەقلى (ئاڭ) بىرلەمچىمۇ ياكى كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ پروگرامملىرى بىرلەمچىمۇ مەسىلىسىدۇر. ئىنسان ئەقلى كومپيۇتېرنى ياسايدۇ ۋە پروگرامما تۈزەيدۇ. كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ پروگراممىلىرى ھېچقاچان ئادەمدەك ئەقىل ھاسىل قىلالمايدۇ. كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشدىن ئىبارەت بولغان ئاپتوماتىك ھالدىكى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلىرى چەكلىك بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ بۇ خىل مەشغۇلات جەريانىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولىشى پەقەت ئىنسان ئەقلىنىڭ كومپيۇتېرغا قانداق قاتتىق دېتاللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قانداق يومشاق دېتاللارنى — كومپيۇتېر پروگرامملىرىنى ئىشلىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئىنسان ئەقلى « نىمە قىل دېسە، شۇنى قىلىدۇ. » كومپيۇتېر پروگراممىلىرى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان تەرتىپ ۋە باسقۇچلار بۇيىچە مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشقىلا قادىر بولالايدۇ، خالاس.

سۇنئىي ئىدراكدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى بەلكىم بەزى كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى كومپيۇتېر پروگرامملىرىنىڭ مۇئەييەن ئىشلارنى قىلىشتا كومپيۇتېرغا قاچىلانغان زور ھەجىملىك ۋە مىقداردىكى بىلىم ئامبىرىنى تېزلىك ۋە توغرىلىق بىلەن ئىشلىتىشىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ياساپ چىققان بىر ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ۋە يومشاق دېتاللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ھالدا باش قاتتۇرمىسا، كومپيۇتېرنىڭ سۈنئىي ئىدراكى مەڭگۈ ھازىرقى سەۋىيەدە قالىدۇ. « سۈنئىي ئىدرەك ئىنسانلارنىڭ ئەقىلىدىن نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىق » بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇشى كومپيۇتېر پروگرامملىرىنىڭ  ئىنسانىيەت ئىلىم- پەن نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىپ تۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن يەككە ئىنسانغا نىسپەتەن دەماللىققا « ئەقىللىق » بولۇپ قالغانلىقىدىن، خالاس.

ئەندى  سۈنئىي ئىدراك (كومپيۇتېرنىڭ پروگراممىلىق مەشغۇلاتى) بىلەن ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى بىرلەشتۇرۇش مەسىلىسىدە زور ھەجىملىك بىلىم ئامبىرىگە ئىگە بولغان پروگراممىلىق كومپيۇتېرنى بەلكىم ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىگە ياكى سىرتىغا ئورنىتىش بىلەن ئېلېكترونلۇق دۇلقۇن،نور، ئاۋاز دۇلقۇنى، رەڭ ۋە بىئولوگىيىلىك تېخنىكا قاتارلىق ھەرخىل تېخنىكىلىق ۋاستىلار ئارقىلىق سۈنئىي ئىدراك (كومپيۇتېر پروگراممىلىق مەشغۇلاتى) بىلەن ئىنسان مېڭىسىنىى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغان تەقدىرىمۇ، بۇ زور ھەجىملىك بىلىم ئامبىرىگە ئىگە بولغان پروگراممىلىق كومپيۇتېرنى مەشغۇلاتقا كەلتۇرۇش يەنىلا ئىنسان ئەقلىنىڭ سىگىنال بېرىشىگە تايىنىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسان ئەقلى بىلەن سۈنئىي ئىدراككە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش ئىنسان ئەقلى بىلەن سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋېتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا شاھمات چېمپىيونى كاسپاروۋ كومپيۇتېردا كومپيۇتېر بىلەن شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە كاسبارونىڭ دەسلەپكى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە يېڭىپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىلەردە كومپيۇتېردىن يېڭىلىپ قالغانلىقى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسان ئەقلىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مىسال بولالامدۇ؟ بىرىنچى قېتىملىق شاھمات مۇسابىقىسىدە كاسپاروۋ كومپيۇتېرنى يېڭىپ ئالىدۇ. شۇندىن كېيىن كومپيۇتېر پروگراممىچىلىرى ئەسلىدىكى نۇرىغۇن شاھمات چېمپىيونلىرى ۋە ماھىرلىرىنىڭ شاھمات ئويناشتىكى تاكتىكا ۋە ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاش ئاساسىدا تۈزگەن پروگراممىسىنى قايتا تۈزۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنىچى قېتىملىق شاھمات مۇسابىقىسىدىن باشلاپ كاسپاروۋ يېڭلىپ قالىدۇ. « نېمە ئۈچۈن كاسپاروۋ يېڭىلىپ قالدى؟ » دېگەن مەسىلە تەھلىل قىلىنسا، شۇنى بىلىپ ئېلىشقا بولۇدىكى، گەرچە كۆرۈنۈشتە كاسپاروۋ بىر كومپيۇتېر بىلەن شاھمات مۇسابىقىسىغا چۈشكەندەك بولغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە كاسپاروۋ بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ شاھماتچىلەر بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

گەپنىڭ قىسقىسى، گەرچە كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ پروگراممىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئېچىش جەريانىدا قۇدرەتلىق قورال بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، ئۇلار يەنلا ئىنسانلارنىڭ كونتروللىقىدا ئۆزلىرىنىڭ تېخىنىكىلىق كۈچ- قۇۋۋىتىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى چەكسىز ۋە تەڭداشسىزدۇر. سۈنئىى ئىدراك (كومپيۇتېرنىڭ پروگراممىلىق مەشغۇلاتى) نىڭ قابىلىيىتى چەكلىكدۇر. ئىنسان ئەقلى بولمىغان بولسا، كومپيۇتېر پەن- تېخنىكىسىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.

                                                                                                                                             2020يىلى نويابىر

Share
1078 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.