logo

trugen jacn
16 ئاپرېل 2014

ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر تراگېدىيىسى مۇزاكىرە قىلىندى

23725c26-06db-42c8-a6af-6d68f8af38c2

ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر ماۋزۇلۇق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى.

15-ئاپرېل كۈنىدىكى ئۈچ بۆلۈم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە مەجبۇرى بويسۇندۇرۇش سىياسىتى: ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى . ئەنۋەر جان رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ بۆلۈمدە فىلىپپىندىن كەلگەن ئائىلەئەن باكالسو خانىم ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى فىلىپپىندە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بايان قىلدى.

كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق تەييارلىغان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ماۋزۇلۇق دوكلاتنى يىغىن ئەھلىگە تونۇتتى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسى ئىۋا پېتكوۋىچ خانىم، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىچ دەلىئۇس ئەپەندى «ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئاۋازنى بېسىقتۇرۇش: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىم مۇتلەقلىقىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھاكىم مۇتلەقلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى بولسا تىجارەت مەنپەئىتىمنى قوغدايمەن دەپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كېيىن پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاراتقان قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسلىرى ۋە كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن 2014-يىلى 12-ئاپرېل كۈنىگىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن. بۇ ۋەقەلەرنىڭ زەنجىرسىمان ھالدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن 5-بۆلۈمدە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى باشلىقى لوئۇيىسا گرېۋە خانىم سۆز قىلدى. كېيىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، دېدى.

قىسقىسى بۈگۈن يىغىندا دوكلات بەرگەن چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار 1990-يىللاردىن بۈگۈنگىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تراگېدىيىلەر بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

16-ئاپرېل كۈنىدىكى يىغىندا بولسا، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن يىغىن ئاخىرلىشىدۇ. مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-04152014215620.html

Share
1817 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.