logo

trugen jacn

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلدى

Cevher 

ئىگىلىشىمىزچە، 16-فېۋرال كۈنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فايىن ئارت بىناسىدا، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس پروفېسسور ئېلىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان. ھۆججەتلىك فىلىمدىن كېيىن يەنە ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پروفېسسور ئېلىئوت سپېرلىڭ 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلاتقا خىتايدىكى تىبەت ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا ئىلھام ئەپەندىگە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

ئىلھام ئەپەندى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ئۇنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىلھام ئەپەندى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى لېكسىيىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ گېزىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولساممۇ، ئەمما ئىلھام ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ دادىسى ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش يولىدا ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئىلھام ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى.»

ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:
«مەن خىتاي ۋەزىيىتى بولۇپمۇ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر،تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىدىكى ئاساسىي ئامىللار بولماقتا. ئىلھام توختى بېيجىڭدا تۇرۇپ بۇ نۇقتىنى ئەڭ ياخشى تونۇپ يەتكەن تەتقىقاتچى. ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ پىكرىنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە دۇنياغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.»

16-فېۋرال كۈنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان جەۋھەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان جەۋھەر، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان لېكسىيىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

جەۋھەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشىئۇڭ ئەپەندى بىلەن دادىسى ئىلھام توختى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سۆھبەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتىنى سۆزلىگەن.

جەھۋەر بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ 25-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىنى «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلدى» دېگەن تۆھمىتىگە رەددىيە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئۆزىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەر 2013-يىلى 2-فېۋرال كۈنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق تەتقىقات تېمىسىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام توختى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا تويۇپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىدى. جەۋھەر ھازىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى سىنىپىدا ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە دەرس ئېلىشنىمۇ باشلىغان. جەۋھەر 16-فېۋرال كۈنىدىكى پائالىيەتتە ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە سۆزلىگەن 15 مىنۇتلۇق دوكلاتنىمۇ ئىنگلىز تىلىدا بەرگەن بولۇپ، جەۋھەر زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ «نېۋيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ دادىسى ئىلھام توختى توغرۇلۇق ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش پائالىيىتى ئۆتكەن ئايدا باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەندىن كېيىن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىلھام ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەرگە خەت يېزىپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان تور بېكىتىنى سۈرۈشتۈرگەن. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزاسىنى قويغان.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ گېزىتىمۇ ئىلھام توختىنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى جەۋھەرنى زىيارەت قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىلھام توختىنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تەتقىقات قىلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىلىق تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02172014161649.html

Share
2188 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.