logo

trugen jacn
31 مارت 2014

ئىلھام توختى 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئۆز يۇرتىدىنمۇ قوغلاندى

 

 

مېھرىبان

خىتاي ھۆكۈمىتى «سەزگۈر شەخس» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە زىيالىيلار خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە بۇيرۇق بىلەن بېيجىڭ شەھىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغان.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ ئەنە شۇ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى يولۇققان قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ يىل 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى ئىككى نەپەر دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىنىڭ نازارەت قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئەمما ئۇ ئۆز يۇرتىدىمۇ قوغلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كېلىشىمۇ يەرلىك دائىرىلەرنى بىئارام قىلغان. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تېلېفون ئالاقىسى قىلغان كىشىلەرمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىغان ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى، ئۇنىڭغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە «تۋىتېر» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ يىل 6 ياشقا كىرگەن ئوغلى بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان.

ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بولسا ئوغلىنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان.

مەلۇم بىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئوغلىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى تا بۈگۈنگىچە مەكتەپكە كىرەلمىگەن.

18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-toxti-12032012164216.html/story_main?encoding=arabic

Share
2194 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.