logo

trugen jacn
19 فېۋرال 2014

ئىلھام توختى: مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ھەققانىيەت تەلەپ قىلدىم، جىنايىتىم يوق!

1257c46a-c868-4cf9-9b5c-2121dea8f4b7«مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم ئىلمىي يول بىلەن، تىنچ يول بىلەن، قەلەم ئارقىلىق، سىياھ ئارقىلىق، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش. ئۇندىن باشقا باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم، مەيلى ئايرىم ئىنسان بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت ۋە دىن بولسۇن، ئۇيغۇرۇمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلدىم. مەن ھەرقانداق زوراۋان گۇرۇپپىغا قاتناشقىنىم يوق. مەن جۇڭگودا بىر تەشكىلاتمۇ قۇرمىدىم، لېكىن ئەتراپىمدا مېنى قوللايدىغانلار ئاۋۇدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن يامان غەرەزدە پايدىلانسا بولمايدۇ.» يۇقىرىقىلار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا دېگەنلىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىلھام ئەپەندى بۇ سۆھبەتنىڭ تولۇق قىسمىنى، ئەگەر ئۆزى كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يوق جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۇنى قارىلىسا ئېلان قىلىشنى تاپشۇرغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى 15 يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگىنىگە بۈگۈن 31-يانۋار جۈمە كۈنى 17 كۈن بولدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە رەسمىي بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 25-يانۋار كۈنى ئۆز تورىدا ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇربىز تورى ۋە دەرسخانىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ خەۋەر يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپەيتىلىپ بېرىلمەكتە.

ئىلھام ئەپەندى ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ قارىلىنىش، ئۆزىدە يوق جىنايەتلەر ئارتىلىش؛ ھەتتا يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قەست قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنىدىغىنىمىز، ئىلھام ئەپەندى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى رادىئومىز ئارقىلىق ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق دوستلىرىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۆۋەتتە ئۇنىڭغا ئارتىلىۋاتقان تۆھمەتلەر ئۈچۈن بەرگەن جاۋابى بولسا كېرەك.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە:

مۇخبىر: قانداق ئۆزىڭىز مۇشۇ كۈنلەردە، ئەھۋالىڭىز بەك جىددىيمۇ نېمە؟
ئىلھام توختى: يامان ئەمەس، ئەمما ھازىر ئەتراپ بەك جىددىيچۇ… نەچچە كۈن بولدى مەخسۇس 24 سائەت ساقچى ماشىنىسى، ئۇندىن باشقا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئادەملىرى بىر مىنۇتمۇ يېنىمدىن ئايرىلماي يۈرۈۋاتىدۇ. خالاغا كىرسەممۇ شۇنداق. نازارەتچىلىك بەك كۈچلۈك ھازىر. يېقىندىن بۇيان ئەتراپتىكى بالىلارغا بىر-بىرلەپ مەيلى خەنزۇ دوستلار بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر دوستلار بولسۇن، ئاۋارىچىلىك ئاۋۇۋاتىدۇ. مەن قارىسام بۇلاردا ماڭا نىسبەتەن بىر خىل يامان نىيەت بولۇشى مۇمكىن. كېيىن ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەپ قالسا دەپ گەپ قالدۇرۇشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم.

مۇخبىر: بولىدۇ..
ئىلھام توختى: تۆۋەندىكى گەپ مېنىڭ ئاساسلىق دەيدىغان گېپىم. بىرىنچىدىن، مېنىڭ بەدىنىمدە ھازىر ھېچقانداق كېسەل يوق. ئىككى ئاي بۇرۇن مەكتەپنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ماڭىلا ئەمەس پۈتكۈل مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى. مېنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرگەن ئەھۋالىمنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بېيجىڭدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئارخىپىدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەندە كېسەل يوق. مەن بىر ساغلام ئادەم. پەقەت ئىككىنچى ئاينىڭ 2-كۈنى(2013-يىل دېمەكچى)ئايرودرومدا يۈرىكىمگە بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئۇرۇۋەتكىنى ئۈچۈن بىر مەزگىل ئاغرىش بولغان، ئەينى ۋاقىتتا چارچىسام ئاغرىيتتى. ھازىر ئاغرىش يوق، مەن بىر پۈتۈن ساغلام ئادەم. ئەگەر كەلگۈسىدە مەن ئۆلۈپ كەتسەم، بىرىنچىدىن كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەس، ئىككىنچىدىن، مەن بىر ئۇيغۇر، مەن بىر ئاتا، مەن بىر ئەر ھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۆلۈۋېلىش ئەنئەنىسى يوق، مەن كاللامدىمۇ ئۆلۈۋالغان ئادەملەرنى ئەزەلدىن تۆۋەن كۆرىمەن. شۇڭا مېنىڭ ئۆلۈۋېلىشىم مۇمكىن ئەمەس. بۇ بىرىنچى دەيدىغان گېپىم.

ئىككىنچىدىن، ئورۇنلاشتۇرغان ئادۋوكات ماڭا كېرەك ئەمەس. ئورۇنلاشتۇرغان ئادۋوكاتنى قوبۇل قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ ئادۋوكاتىم بار، ۋوئېسېرلار، باشقىلارمۇ ئۇقىدۇ. مەن چوقۇم ئادۋوكات تەكلىپ قىلىمەن.

ئۈچىنچىدىن، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا (مەن قولغا ئېلىنغان مەزگىلدە دېمەكچى) مېنىڭ ۋىجدانىمغا، ئىنسانلىقىمغا خىلاپ ھەرقانداق سۆز بولۇپ قالغان بولسا يەنى مىللىتىمگە پايدىسىز ھەرقانداق سۆز بولغان بولسا، بۇ ھەرگىز مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس. بۇلار قۇراشتۇرۇلغان، يالغاندىن ياسالغان ياكى مەن ھوشسىزلاندۇرۇلغان ئەھۋالدا بولغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. مەن نورمال شارائىتتا ئەگەر كاللاملا بولسا، ھەرقانداق قىيىن-قىستاق، ھەتتا چانالغان شارائىتتىمۇ ئۆزۈمنىڭ مىللىتىگە قارشى پايدىسىز، خائىنى گەپنى قىلىشىم، ھەرىكەتنى قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بىنورمال ئەھۋالدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىنورمال دېگىنىم، قىيىنچىلىقتا ئەمەس، بەلكىم مەن ھوشسىزلاندۇرۇلغان ياكى بىر خىل دورا ئىشلىتىلگەن ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى دەيدىغان مۇھىم گېپىم. ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟

مۇخبىر: ئاڭلىنىۋاتىدۇ دەۋېرىڭ.
ئىلھام توختى: تۆتىنچىسى، مېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلىۋاتقىنىم، مەن ھەرقانداق تېررورىست گۇرۇپپا ياكى ھەرقانداق بىر سىرتتىكى تەشكىلاتقا قاتناشقىنىم يوق. مېنىڭ مۇشۇ چاققىچە قىلىۋاتقىنىم، ئىلمىي يول بىلەن، تىنچ يول بىلەن، قەلەم ئارقىلىق، سىياھ ئارقىلىق، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش. ئۇندىن باشقا باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم، مەيلى ئايرىم ئىنسان بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت ۋە دىن بولسۇن،ئۇيغۇرۇمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلدىم. مەن ھەرقانداق زوراۋانلىق گۇرۇپپىغا قاتناشقىنىم يوق. مەن جۇڭگودا بىر تەشكىلاتمۇ قۇرمىدىم، لېكىن ئەتراپىمدا مېنى قوللايدىغانلار مەيلى خەنزۇلار بولسۇن،ئۇيغۇرلار بولسۇن ئاۋۇدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن يامان غەرەزدە پايدىلانسا بولمايدۇ. قىسقىسى بۇ چاققىچە تەكلىپ قىلىۋاتقىنىم، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي ھوقۇق، ئاپتونومىيە ھوقۇقى، باراۋەرلىك ھوقۇقى…بىر ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن، خەنزۇلاردىن بىر ئىنساندا بولىدىغان ۋىجداننى تەلەپ قىلىۋاتىمەن. بۇ تۆتىنچى دەيدىغان گېپىم.

مەن ئۆزۈمنى مەڭگۈ گۇناھسىز دەپ ئويلايمەن. مۇشۇلارنى مەن دەپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم. چۈنكى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى دوستلارنى تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەتراپىمدا ساقچىلار كۆپ ھازىر مەكتەپ ئىچىدە. 2009-يىلى 7-ئايدىمۇ بۇنداق بولۇپ باقمىغان ئىدى. ھازىر قارىسام ئەھۋال ئېغىر. بۇلار يېقىننىڭياقى ماڭا بەك تىكىلىپ قالدى. بۇ يىل (2013-يىل دېمەكچى) 7-ئايدىن باشلاپ ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قوبۇل قىلدىم. توردىن باشقا (ئۇيغۇربىز تورىنى دېمەكچى) پائالىيەتلىرىممۇ كۆپ بولغاچقا بۇلار چىدىماي قالدى. بەلكىم بۇلارنىڭ بۇ قېتىم نىيىتى بەك يامان، قەبىھ بولسا كېرەك. لېكىن مېنىڭ بۇلارغا بولغان نىيىتىم ئەسكى ئەمەس. چۈنكى مەن ھەممىنى دىئالوگ بىلەن، مىللىتىمنىڭ ھوقۇقىنى دىئالوگ بىلەن ئالىمىز، تىنچ يول بىلەن ئالىمىز دېگۈچى. مەن ئىلھام بېيجىڭدا، ئاچقۇچ بېيجىڭدا، بېيجىڭ ئارقىلىق ھەل قىلىمىز دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ بىر مىليارد 300 مىليون خەلق دەيمىز بۇلارنىڭكى بىزنى چۈشىنىشىسىز ئۆزىمىزنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ئېلىشىمىز ناھايىتى قىيىن. شۇڭا مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇلارغا چۈشەندۈرۈش، خىزمەت ئىشلەش. دېمىسىمۇ دوستلىرىم ئاۋۇدى. بۇلارنىڭ سەرخىللىرى مەيلى سىستېمىنىڭ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىستېمىنىڭ سىرتىدا بولسۇن ئاۋۇدى. بۇ گەپلەرنى مەن ئىلگىرى دېمىگەن. شۇڭا ھېس قىلىۋاتقىنىم، بۇلار ھازىر بەلكىم مېنى يوقىتىش قارارىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئىلھام ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى.

‏-ھازىر ئۈچ يىلدىن ئاشتى، 3 يىل ئىلگىرى مەن جاڭ چۈنشيەنگە باھا بەرمەيمەن دېگەن ئىدىم. قارىسام دۆلەتنىڭ ئىچىدە جاڭ چۈنشيەن توغرىلىق باشقا باھا يوق. بۇ ئادەم مېنىڭ بۇ قېتىم بېرىۋاتقان باھالىرىمغا، مېنىڭ لېكسىيەلىرىم، يازغان خەتلىرىم، ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بەرگەن ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئوچۇق گەپلىرىم ئۈچۈن بەك خاپا بولسا كېرەك. دېيىلىشىچە، ھازىرغىچە ئالغان خەۋەرلىرىمدە، يىغىلىپ قالغان ئۇچۇرلاردىن كۆڭلۈم بىر خىل پايدىسىز ئەھۋاللارنى تۇيۇۋاتىدۇ. سىز بۇلارنى ساقلاپ قويغان بولسىڭىز. ھازىر ئەمەس، كېرەك بولغاندا، يامان كۈن كەلگەندە خەۋەر بەرگەن بولسىڭىز قانداق؟

مۇخبىر: بولىدۇ مەن ساقلاپ قوياي. لېكىن ئۇ كۈنلەرنى (ئاللاھ)بىزگە كۆرسەتمىسۇن.

ئىلھام توختى: مەنمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن. لېكىن دوستلىرىم مۇشۇنداق قىلىشىمنى دېدى. ئاۋاز يەنە بۇزۇلدى. يەنە ئاڭلاشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ قالسا دەپ سىزگە قالدۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بىرىنچىسى، سىزگە بولغان ئىشەنچ، بۇ خىل ئىشەنچ مېنىڭچە ئارىمىزدا داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. يەنە بىرى، مەڭا تاسادىپىي ئىش بولۇپ كېتىپ قالسام، قىزىمغا ئوچۇق-ئاشكارا ياردەم تەلەپ قىلغان بولساڭلار، ئاخبارات ئورۇنلىرى ئارقىلىق.

مۇخبىر: بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئاۋازىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم.

ئىلھام توختى: باشقا گەپ يوق. ئاۋازىڭىز ئاڭلانمايۋاتىدۇ يەنە. شۇڭا گېپىڭىزگە پەرىزىم بويىچە جاۋاب بېرىۋاتىمەن….

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-tohti-01312014215304.html/story_main?encoding=arabic

Share
1894 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.