logo

trugen jacn

ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ساداسى كۈچەيمەكتە

field-of-rapeseeds-1196496_960_720

ئەكرەم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى ئارىسىدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان د ئۇ ق باش شتابىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە ھەمدە ميۇنخېن جامائىتىنىڭ ئاممىۋى يىغىلىشلىرىدا ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوللاش تېمىسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، «قانداق قىلغاندا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلالايمىز؟» دېگەن مەسىلە تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى ئاي بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، شۇنداقلا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش پىكرىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 8-ماي ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا پىكىر بايان قىلىپ، ئىلھام توختىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇتۇش پائالىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۈگۈن ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى زاماندا رابىيە خانىم خىتاي تۈرمىسىگە قامالغاندا مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بارغان مۇجادىلىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولغانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ھەرىكەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ ھەم ئىلھام توختىنىڭ پاتراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلھام توختى مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ خىتاي ئۈچۈنمۇ زور بېسىم يارىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاي ھەقىقەتەن مىللىي ئىناقلىقنى ئىستەمدۇ؟ پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ. يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئاكادېمىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پىكىر بايان قىلىدۇ.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىگە چىقىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مۇجادىلە قىلىپ كەلمەكتە.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئاخىردا مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان ئىلھام توختى ئائىلىسىگە ئىگە چىقىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05112016145835.html

Share
1856 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.