logo

trugen jacn

ئىلھام توختى مۇكاپاتىنى ئالالمىدى

image

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ يوللىغان تەشەككۈر مەكتۇپى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى

ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بارتىندا تارقىتىپ بېرىلدى
2014 – يىلىنىڭ ب د ت ئىلىم – پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) تەرىپىدىن ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارتىن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ژۇرنالستلار بىرلىكى چاقىرغان «ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى»، 45 كاتېگورىيە بويىچە 50 دىن ئارتۇق ئىدارە – ئورگان ۋە شەخىسلەرگە تارقىتىلىپ بېرىلدى
ئۇيغۇر ئالىم، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ژۇرنالىست پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىغا «ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلدى. بىراق ئىلھام توختى خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تۈپەيلى مۇكاپاتىنى ئالالمىدى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ تېلېفون ئارقىلىق يوللىغان تەشەككۈر مەكتۇبى ئوقۇپ بېرىلدى
جەۋھەر ئىلھامنىڭ تەشەككۈر مەكتۇبى زالدىكىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. بەزى قاتناشقۇچىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالدى
جەۋھەر ئىلھام تەشەككۈر مەكتۇبىدا: «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ۋە كاتتا ئىدېئالىست رەھبىرى ”ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىست ۋە تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى“نىڭ تۈرمىدىكى دادامغا بېرىلگەنلىكى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شۇڭا چوڭقۇر رەخمىتىمنى ئېيتىشنى خالايمەن. دادامغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ نەقەدەر ھەققانىي ۋە توغرا ئىش قىلغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر. خەلقئارا جامائەتچىلىكتە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۇقۇمىنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشتەك بۇ خاتالىقىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دادامنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. سۆيۈملۈك دادام بىلەن بالدۇرراق دېدار كۆرۈشۈشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سېغىنىش ئىچىدە مەھكەم قۇچاقلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئىلھام توختى 2014 – يىلى 23 – سىنتەبېردە بۆلگۆنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدىتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1569 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.