logo

trugen jacn

ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى

image

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر پىروفېسسورى ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنامىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى، ئۈرۈمچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۈگۈن (سەيشەنبە) ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى، تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ» مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلھام توختى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئىككى كۈن بويىچە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان، خىتاي دائىرىلىرى سوت زالىغا ھەم مەتبۇئات ھەم خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانىدى.

ئىلھام توختى سوتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۆزىگە قارىتىلغان «بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

سوت ئېچىلىۋاتقان ئەسنادا ساقچىلار رايون ۋە سوت مەھكىمىسى ئەتراپىدىكى كوچىلارغا قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كىرىشىنى توسقان ۋە مۇخبىرلار قاتارلىق سوتنى كۆزەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويمىغانىدى.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 45 ياشلىق ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختى، بۇ يىل 15- يانۋار بېيجىڭدا «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، كومپيۇتېر، يانفون ۋە بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلىرى مۇسادىرە قىلىنغانىدى.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىسى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 17، 18- كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىدە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىلھام توختى كۆپ سانلىق خىتاي مىللىتى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تونۇلغان بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق غەرب ئەللىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتايدا بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بېكىتىلگەن مەھبۇسلار ئۈچ يىلدىن ئۆلۈم جازاسىغىچە ھەر خىل جازالارغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار پارتلاشلارنىڭ يۈز بېرىپ 2 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، بىر قانچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Share
1436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.