logo

trugen jacn

ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن 21-نويابىر قايتا ھۆكۈم چىقىرىلماقچى

 

 image

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شياۋيۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن 21-نويابىر كۈنى قايتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان

ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 18-نويابىر كۈنى تۋىتېر تورىغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن قايتا ئوچۇق سوت ئاچمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 21-نويابىر جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە ئىلھام ئەپەندى سولانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا قايتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىلھام توختى دېلوسىغا مەسئۇل باش ئادۋوكات لى فاڭپىڭ سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوتچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «جۈمە كۈنىدىكى قايتا ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىغا دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تەپتىش خادىمىنىڭ كېلىدىغانلىقى، بۇ كۈنى ئادۋوكاتلار قاتناشمىسىمۇ ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا تەسىر يەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئادۋوكات لى فاڭپىڭ يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە توختىلىپ،«ئادەتتە، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان دېلولاردا مەھبۇس قامالغان سولاقخانىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، سوت مەھكىمىلىرى دېلونى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىغاندىلا بۇ خىل يولنى تاللايدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىش تەسكە توختايدۇ، سوتنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن» دېدى

23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سوتتىن كېيىن ئىلھام توختى نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11182014162455.html

Share
1748 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.