logo

trugen jacn

ئىلھام توختى تۇنجى قېتىم ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتى

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. ئىلھام توختىنىڭ بۇرۇنقى ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈەننىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، 16‏-ئىيۇن كۈنى، ئىلھام توختىنىڭ 2 ئاكىسى، ئىنىسى ۋە ئانىسى ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ، خىتاي دائىلىرىنىڭ 2014‏-يىلى 9-ئايدا ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە تۇنجى قېتىم يول قويۇشىدۇر.

لېكىن كۆرۈشۈشكە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى ۋە ئوغلى كېلەلمىگەن. ليۇ شاۋيۈەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كۆرۈشۈش ۋاقتى ئىلھامنىڭ ئوغلىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا ئۇلار 7‏-ئايدا ئوغلى تەتىلگە چىققاندا كېلىپ كۆرۈشىدىكەن.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ چوڭ ئاكىسى تېلېفوندا كۆرۈشۈشنىڭ بىر سائەتتىن ئارتۇغراق داۋام قىلغانلىقىنى، ئىلھامنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئەھۋالى يامان ئەمەس تۇرغاندەك قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا تۇتقان مۇئامىلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا جۈمە كۈنى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭنىڭ گاۋ جىشېڭ، ئىلھام توختى قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى قانۇن-تۈزۈمگە پۈتۈنلەي خىلاپ» دېگەن.

ئىلھام توختى 2014‏-يىلى 1‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9‏-ئايدا سوتلانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-06192015161202.html

Share
1034 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.