logo

trugen jacn

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەھۋاللار

 

4ky9rcqascclwe4bxx8gk9f7mkhvhb_w304h228

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014 – يىلى 15 – يانۋار چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەلقئارا سەھىپىسىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر بېرىلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئۇيغۇربىز تورى تاقالدى.شۇندىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يەنى 13 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام توختى ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2013 – يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ساھىپلىقىدىكى ئەمما تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ئاپاراتى 2009 – يىلدىن كېيىن چەتئەللەرگە يۆتكىۋېتىلگەن «ئۇيغۇر بىز تورى»غا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن شۈجىيوڭ قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ساقچىلارنىڭ يەنىمۇ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ ئەتىسى ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاڭلاتقان ئىدى. دىققىتىڭلار ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان پروگراممىدا بولسۇن.

ئىلھام توختى ئەپەندى 2014 – يىلى 15 – يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىشتىن 2 كۈن ئىلگىرى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە سكايىپ ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالنىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زىيارەت قىلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

2014 – يىلى 13 – يانۋار يەنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سكايپتا يوللىغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدۇق. بىر يېرىم مىنۇت داۋام قىلغان تېلېفون زىيارىتىدە، مۇخبىر بىلەن ئىلھام ئەپەندى ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك قىسقا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مۇخبىر: ئۆزىڭىزچۇ، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟

ئىلھام توختى: «بەزى جەھەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى. ماڭا بولغان نازارەت ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلدى. تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىم قۇلايسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر بارلىق تېلېفونۇمنى ئاڭلايدۇ، ئۈندىداردا سۆزلىشىشمۇ ئەپسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىندىن بۇيان ماڭا ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇربىز تورىغا يوللىنىدىغان خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنىمۇ باشقىلارنى ئاياپ ئۆزۈم يوللاۋاتىمەن. شۇڭا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى چارچاشمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئىشىكىم ئالدىدىكى ساقچىلار كۆپەيتىلدى. ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، نۇرغۇن خەنزۇ دوستلىرىمنى ( مەسىلەن بېيجىڭدىكى ئادۋۇكات شۈ جىيوڭ قاتارلىق بىرقانچەيلەننى )ئۇلار يېقىندا تۇتۇپ كەتتى. پەرىزىمچە، ئۇلار ئەمدى ماڭا قول سېلىشى مۇمكىن. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويسام دەيمەن. مەن ھازىر شۇ پۇرسەتنى كۈتۈۋاتىمەن.»

ئەمما شۇ ھەپتە ئىچىدە، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2 – قېتىم زىيارەت قىلىش پۇرسىتى قايتا كەلمىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئالدىن پەرەز قىلغان تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى بېيجىڭ ۋاقتى 15 – يانۋار چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى 15 – يانۋار ۋاشىنگىتون ۋاقتى سەھەر سائەت 3 لەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۈندىداردا قالدۇرغان ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ئۆز ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ۋەزىيەت جىددىي، ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس» دېگەن ئىدى.

15 – يانۋار ئۇيغۇربىز تورى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ئاممىۋى تور بېكىتى فەيسبوكتىكى ئادرېسىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار بېرىلدى: «1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 – 4:00 ئەتراپىدا، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن، ئۆيى ئاختۇرۇلغان. ئىلھام توختى ۋە ئانىسىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئىلھام توختى ۋە ئانىسى غايىب قىلىنىپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى قۇرغان ئۇيغۇربىز تورىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالدى.»

فەيسبوكتا بېرىلگەن 2 – ئۇچۇردا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ 15 – يانۋار كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇراجىتى ئېلان قىلىنىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 15 – 16 – يانۋار كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە بېرىلدى.

بېيجىڭ ۋاقتى 15 – يانۋار كېچىدىن باشلاپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاڭلاتتى.

ۋاشىنگىتون ۋاقتى 16 – يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئۈندىدار ئارقىلىق رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنىڭ 15 – يانۋار كېچىدە ئۆيگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى ۋە شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ دېرىكى يوقلىقىنى، ساقچىلارنىڭ 15 – يانۋار كېچە سائەت 9 غا قەدەر ئىلھام ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا، ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا، باشلىقتىن تېلېفون كېلىپ، دەرھال ئۆيگە قايتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇ باشتا ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى كۆپ بولغاچقا، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغالغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتقان. ئەمما ئۆيىگە قايتقىنىدا دەرۋازىدىن ئۆينىڭ ئىشىكىگىچە ئەرلەر، ئاياللاردىن بولۇپ ئۇيغۇر رايونى ج خ ساقچىلىرى، بېيجىڭ ج خ ساقچىلىرىدىن 30 – 40 تەك ئادەم بارلىقىنى كۆرگەن.

ساقچىلاردىن باشقا، ئۆيدە ئىلھام توختىنىڭ يەتتە ياشلىق چوڭ ئوغلى، تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلىمۇ بار بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ گۈزەل خانىمغا دەپ بېرىشىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 لەردە، ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن دادىسى ئىلھام توختى بىلەن چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان، مومىسى دەم ئېلىۋاتقان ئىكەن. تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلانغان. ئىلھام توختى ئىشىكنى ئاچقان، ئۆيگە بېسىپ كىرگەن ساقچىلار ئارقا – ئارقىدىن ئىلھام توختىنى ئىتتىرىپ، سافاغا يىقىتقان. كېيىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئىلھام توختى بالىلىرىغا يىغلىماڭلار، دېگەن گەپنىلا دېيىشكە ئۈلگۈرگەن.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۆيدىكى تۆت كومپيۇتېر، گۈزەل خانىمنىڭ تېلېفونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ يانفون، كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسى، بارماق دىسكا، ئويۇلغان نۇر دىسكا، ھەتتا ئىلھام توختى دەرس ئۆتكەندە ئىشلەتكەن دەرس پىلانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى، ئىلھام توختىنىڭ كىتاب ۋە ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن، ئۇندىن باشقا تۈرلۈك كىنىشكا، پاسپورت، بانكا كارتىسى قاتارلىقلار ساقلانغان بىخەتەر ئىشكاپىنىمۇ كۆتۈرۈپ ماڭغان. ساقچىلار كېچە سائەت 9:00 دا ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈردى.

شۇ ھەپتىدىن باشلاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان مۇراجەتلىرى ئېلان قىلىندى. ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن يەنە ئىلھام ئەپەندىنىڭ دوستلىرىدىن بېيجىڭدىكى تىبەت مىللىتىدىن بولغان ئايال يازغۇچى ۋوئېسېر، ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى خۇ جىيا، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىق دېموكرات زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خىتاي ئىچى سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەينى چاغدىكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق خەۋەر نىشانى بولدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09262016221138.html

Share
1174 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.