logo

trugen jacn

ئىلھام توختى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ «100 تەسىرلىك شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

3753129lhamtohti

 

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014 – يىلىدىكى «تەسىرلىك شەخسلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ژۇرنال بولغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى 2014 – يىلىدا دۇنيا مىقياسى بويىچە سىياسەت، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، ئاكادېمىيە ۋە دىن قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەسىر قوزغىغان 100 نەپەر شەخسنى تاللاپ چىققان. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ تىزىملىكتە «تەسىر قوزغىغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ تۈردە يەر ئالغان شەخسلەرگە بەرگەن ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن

بۇ كىشىلەر ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان مەزلۇملارنىڭ سۆزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن بېسىم ئاستىغا ئېلىنغان. بىلىم ئادەملىرىدىن، پائالىيەتچىلەردىن ۋە دىنىي يېتەكچىلەردىن تەركىپ تاپقان بۇ كىشىلەر، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ سوتلىرىدا سوتلىنىپ، تۈرمىلىرىدە يېتىپ بەدەل تۆلىمەكتە

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى ئىزاھاتىدا 2014 – يىلىدا ئۆزىنىڭ ئىجابىي خىزمەتلىرى بىلەن تاللىنىپ چىققان شەخسلەرنىڭ ئىنسانلىق ئالىمىگە تېخىمۇ گۈزەل بىر كېلەچەك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يېپ – يېڭى بىر يول ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەزكۇر تىزىملىكتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل، ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندىنا، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتارلىق شەخسلەرمۇ ئورۇن ئالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11192014224054.html

 

Share
1558 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.