logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا خەلقئارالىق مۇكاپات

2967437644ismailgaspraldlleri

ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا تۈرمىدە ئىكەنلىكى يۈزىسىدىن بۇ مۇھىم مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

      تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىسمائىل غاسپىرالى ئاخباراتچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 1 – نويابىردا بارتىندا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
2014 – يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى بولۇپ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2014 – يىلى 1 – نويابىردا بارتىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىك پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىغا تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلىدۇ
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۇيغۇر ئاكادىمىك ئالىم، ژورنالېست، پىروفېسسور ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر مېدىيا مۇنبىرى نۇۋەتچى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئاتا ئاتوننىڭ رەھبەرلىكىدىكى باھالاش ھەيئىتى ئالھام توختىغا ”تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتى“ بېرىشنى قارار قىلدى
بىراق ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا تۈرمىدە ئىكەنلىكى يۈزىسىدىن بۇ مۇھىم مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى باشلىقى گۈنگۆر ياۋۇز ئاسلان ئەپەندى مۇنداق دېدى
– بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر كۈتۈلمىگەن يېڭىلىق بولىدۇ. ئۆزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە تېخى ئاران 7 ياشقا كىرگىنىگە قارىماستىن، ئونلىغان دۆلەتلىك، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تېلېۋزىيە قاناللىرىدا شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار پائالىيەت ۋە مۇراسىملاردا ئوقۇغان شىئىرلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۇركىستاننىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان كىچىك مۇجاھىت قەشقىرىنى ئىسمائىل غەسپىرالى ئاخباراتچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىماقچىمىز» دېدى
گۈنگۆر ياۋۇز ئاسلان مۇراسىمدا شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دوكتور دەرۋىش ئەرئوغلۇغىمۇ ئىسمائىل غەسپىرالى ئاخباراتچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پىروگراممىزغا دەرۋىش ئەرئوغلۇدىن باشقا يەنە، قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ داستانلاشقان رەھبىرى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ، قىرىم تارتارلىرى پارلامېنتى باشلىقى رەفات چۇباروۋ، ئەزەربەيجان پارلامېنتى ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا، ئىراق تۈركمەن جەبھىسى رەھبىرى ۋە كەركۈك پارلامېنت ئەزاسى ئىرشات سالىھى، سۈرىيە تۈركمەنلەر پارلامېنتى باشلىقى ئابدۇررەھمان مۇستاپامۇ قاتنىشىدۇ ۋە ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى.
بارتىن شەھىرىدە 30 – ئۆكتەبىردىن 1 – نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم دائىرىسىدە ئىسمائىل غاسپىرالى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 1 – نويابىردا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى باشلىنىدۇتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1003 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.