logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى -4

 

مېھرىبان

 

 

ilham-toxti-tohti-kamera.jpg

سۈرەتتە، ئىلھام توختى لېكسىيە سۆزلەۋاتقان سىنىپقا كامېرا ئورنىتىپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2010-يىلى 12-ئىيۇن، بېيجىڭ.

AFP
 مېھرىبان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام ئەپەندىنىڭ 2009-يىل 3-سېنتەبىردىكى مىللىي توقۇنۇش ھەققىدىكى بايانى

2009-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2-، 3-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا، زوراۋانلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەينى چاغدا جىددىيلەشكەن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان.

ئىلھام ئەپەندى بىلەن شۇ كۈنى سۆھبىتىمىزدە ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي پۇقرالىرى نامايىشىنىڭ داۋامى زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىپ، توقماق كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ھەم ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

سۆھبەتتە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خىزمىتىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىشقا ئېتىبار بېرىشىنى، قانۇن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشى ھەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلارغا نىسبەتەن مەيلى ئۇ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قانۇن بويىچە، خەلقنىڭ رايى بويىچە ئادىللىق بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدە تۇرۇپ، ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى بايانىدا قاينام جاپپار ئەپەندىگە ئوخشاش بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەلىرىنى نەقىل ئېلىپ بۇلارنىڭمۇ ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ 3-سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە 8-ئاي مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «يىڭنە سانجىش» ۋەھىمىسى قاتارلىق ۋەقەلەردىن، رايوندىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى بايانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

Share
1083 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.