logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى-3

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام ئەپەندىنىڭ دائىرىلەرنىڭ مۇخبىر غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە نارازىلىق باياناتى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2014-يىل 15 يانۋار تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا پەرۋا قىلماي، ئىلھام توختى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلارنى ئاتالمىش «جىنايى پاكىتلار» دەپ ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭغا «بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ 2008-يىلدىن تاكى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر خەلقئارا تاراتقۇلارغا بەرگەن بايانلىرى جۈملىدىن رادىئومىزدىكى سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز، ئەينى يىللىرى ئىلھام توختى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرىنىڭ 3-قىسمى، يەنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازغا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى، 2010-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىپ، 2009-يىلى 1-ئۆكتەبىر «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئەينى چاغدا بۇ خەۋەر تۇنجى بولۇپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا مۇنبىرىدە دۇنياغا ئاشكارىلاندى. 23-ئىيۇل كۈنى ئىلھام ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان غەيرەت نىياز سوتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ سوتقا بولغان باھاسىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ئەپەندى 23-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتقا پەقەت غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى ۋە بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىلا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتنىڭ تەپسىلاتىنىڭ مەتبۇئاتلاردىن يوشۇرۇلغانلىقىنى، سوت تەرتىپىنىڭمۇ خەلقئارا سوت قانۇنى ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدە بەلگىلەنگەن سوت قائىدىلىرىگە خىلاپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، غەيرەت نىيازغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ پاكىتسىز، چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭمۇ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ۋە ئۆزى قاتارلىق بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ھازىر مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئادۋوكات بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا، دائىرىلەر يەنە دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھات قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ يېپىق سوت ئېچىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 100 گە يېقىن تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرىنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قۇتراقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

ئىلھام ئەپەندى 2010-يىل 23-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە قېتىملىق سۆھبەتلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جازالىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە تور يازارلىرىغا ئارتىپ قويۇشىنى «ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە 2010-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11022015154016.html

Share
1165 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.