logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى-2

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام ئەپەندىنىڭ غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازارلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2014 – يىل 15 – يانۋار تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا پەرۋا قىلماي، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى ئاتالمىش«جىنايى پاكىتلار» دەپ ئېلان قىلىپ، 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭغا « بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ 2008 – يىلدىن تاكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر خەلقئارا تاراتقۇلارغا بەرگەن بايانلىرى جۈمىلىدىن رادىيومىزدىكى سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز، ئەينى يىللىرى ئىلھام توختى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرىنىڭ 2 – قىسمى، يەنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر تور يازارلىرى، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق تور بېكەت ساھىپلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى مەسىلىسى توغرىلىق رادىيومىزغا بەرگەن بايانلىرى.

ۋاڭ لېچۈەن، نۇربەكرى قاتارلىق ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2009 – يىلدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى ۋە 2 – دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى بايلىق تەقسىماتى، تەرەققىيات ۋە ئىش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان رىئال ئەھۋالىنى تۈزىتىشكە قارىتىشنىڭ ئورنىغا، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئۇيغۇر توپر بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسەرلەرگە ئارتىپ، 280 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى تاقىۋەتتى. 2009 – يىل 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تاكى شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر تور يازارلىرى، تور بېكەت ساھىپلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن نەچچە يۈز كىشىنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلدى.

نۇربەكرى تەرىپىدىن «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن بېيجىڭدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرى دەسلەپكى تۇتقۇندىن كېيىن، بېيجىڭدىن ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلدى. بۇ مەىزگىلدە ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىلھام ئەپەندى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازارلىرى، تور ساھىپلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەق – ئادالەت تەلەپ قىلدى.

ئۆزى ۋە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى تونۇپ يەتكەن بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيىدىكى زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور يازارلىرىغا ئارتىلغان ئاتالمىش «قۇتراتقۇلۇق» جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا جامائەت بېسىمى ئارقىلىق، دائىرىلەر تەرىپىدىن بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرىغا بېرىلىدىغان قاماق جازالىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئىلھام ئەپەندى رادىيومىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، 2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ۋە 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى سۆھبەتلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10302015215725.html

Share
1282 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.