logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۈپ پەرقى ھوقۇق مەسىلىسى

 

 

u1213-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى: ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۈپ پەرقى ھوقۇق مەسىلىسى

ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىندا خوڭكوڭ «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقنىڭ ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«مەن ھازىر بىر يامان يۈزلىنىشنى (ئاقىۋەتنى) ھېس قىلىۋاتىمەن، پۈتۈن مەسئۇلىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنمەكتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلماقتا. (ئۇلار)سىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىڭلار دەيدۇ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىنايەتچىلەرنى ئېلىپ كېتىمىز، سەرگەردان بالىلىرىڭلارنى يىغىۋالىمىز دەيدۇ.
كۈلكىلىك ئەمەسمۇ بۇ! ئەجەبا بىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولالامدۇق؟ ئەگەر بىز 20 ئادەمنى تەشكىللەپ يىغىلىدىكەنمىز، شۇ ھامان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار كېلىپ سېنى تۇتىدۇ. بىز ھازىر ئۆز جەمئىيىتىمىزگە، مائارىپىمىزغا ۋە تىلىمىزغا ئىگە بولالمايدىغان مىللەتكە ئايلاندۇق.»
مانا بۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە قاراشلىرى بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تونۇلغان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولسا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە «قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ كەلگەن خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يېقىندا خوڭكوڭدا چىقىدىغان«قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا دېگەن سۆزلىرى.
ئىلھام توختى ئەپەندى «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ «سىزنىڭچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىك قايسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ.
«ھوقۇق. سىز شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ شىركەتلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغانلىقىدىن دېگەنگە ئىشىنەمسىز؟ ئۇنداق ئەمەس. ھازىرقى جۇڭگو بازار ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادى قۇرۇلمىدا ئەمەس، بەلكى ھوقۇقنى دەسمايە قىلغان قۇرۇلمىدا. شىنجاڭ تېخىمۇ شۇنداق. ھوقۇق نېگىزلىك مەسىلە. قالغانلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئارىسىدىكى بەزى شەرتلەر باراۋەر ئەمەس. بۇنى چۈشىنىش تولىمۇ ئاساس. ئەمما ھوقۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان باراۋەرسىزلىكنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار مىللىي زىددىيەتنى دەستەك قىلىپ ھوقۇقنى مۇستەھكەملىمەكچى. ئەمما بۇ خىل ھوقۇق بىلەن مىللىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.»
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن رەئىس نۇربەكرى قاتارلىقلار ئىلھام توختى ئەپەندىنى ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ ساھىبلىقىدىكى ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ۋە دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق تور بېكەتلىرىنى تاقاش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىپ، بۇ تور بېكەتلىرىنىڭ ساھىبلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە تور بېكەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. گەرچە 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بولغان بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى تۈرمىگە تاشلانمىغان، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەرقانداق ئۇيغۇر خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، مۇخبىرنىڭ «سىز، شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا، ئۆزىنىڭ 1994-يىلدىن باشلاپلا ھەر خىل تەقىب قىلىش ۋە سوراق قىلىشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ.
«باستۇرۇش، خاتا چۈشىنىش-مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن يولۇقۇۋاتقان قىسمەتلەر. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى مېنىڭ پىكىرلىرىمنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارىتا ماقالە يېزىشىمنى ئېيتقان ئىدى. ئىلگىرى مەنمۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەت يېزىپ، پىكىر-قاراشلىرىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئەمما ھازىر مەن ئۈمىدسىزلەندىم، خەت يازمايدىغان بولدۇم. مەن ئېلان قىلغان «مائارىپتىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ساپاسىغا تەسىر قىلىۋاتقان ئىقتىسادى مەسىلىلەر» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىم سەۋەبلىك، 1994-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇنجى قېتىم ئۆيگە ئىزدەپ كەلگىنىدە، مېنىڭ قاباھەتلىك چۈشلىرىم باشلاندى. ئەينى چاغدا ئاپام ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەن ئىدى. گەرچە مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ ياردىمى بىلەن ماقالەم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مەن تۈرمىگە تاشلىنىشتىن ئامان قالغان بولساممۇ، ئەمما ئەنە شۇندىن كېيىن مېنىڭ ھەرقانداق ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى ئېلىشىمغا يول قويۇلمىدى. نورمال دەرس ئۆتۈشۈمگە چەكلىمىلەر قويۇلدى.»
ئىلھام توختى ئەپەندى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزىگە قارىتىلغان تەقىپنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدىكى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.
«يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، مېنىڭ قول تېلېفونۇم ۋە كومپيۇتېرىم دائىم ئېتىكلىك ۋە ئىنتېرنېت ئۈزۈۋېتىلگەن ھالەتتە بولۇپ كەلدى، ئازراق شەپە بولسىلا، يەنى قانداقتۇر بىر يىغىن ياكى بىرەر دۆلەتنىڭ رەھبىرى زىيارەتكە كەلسىلا، ئۆيۈمدىكى ئىنتېرنېت ئۈزۈۋېتىلىدۇ، تېلېفوندا ئۈنۈم توختىتىپ قويۇلىدۇ. ئەمما ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ھەققى يەنىلا ئېلىنىدۇ. ساقچىلار بولسا ھەر كۈنى ئىشىكىم ئالدىدا گۈزەتتە تۇرىدۇ، تۈگىمەس سۆھبەتلىشىشلەر داۋاملىشىدۇ.
ئەگەر، سىز مەندىن «يۇقىرى رەھبەرلىك» بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان مەيدان ھازىرلىدىڭىزمۇ دەپ سورىسىڭىز، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇنبىرىنى تاپتىم، ئۇ بولسىمۇ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى كېلىپ ماڭا بېسىم ئىشلەتكەن چاغ. ئاشۇنداق چاغدا مەن توختىماي سۆزلەيمەن. مانا بۇ مېنىڭ بىردىن-بىر سەھنەم. مەيلى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن پەقەت ھەقىقىي ئاۋازىمنى ئاڭلاتساملا بولدى.»
ئىلھام توختى ئەپەندى خوڭكوڭ «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا يەنە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتايدا باش كۆتۈرگەن چوڭ خىتايچىلىق ۋە بۇ خىل خاھىش تەسىرىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان بېسىم ھەققىدە توختالغاندىن باشقا، مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبارىغا ئېلىندىمۇ؟»، «ئەگەر خىتاي دۆلىتى دېموكراتىيە يولىغا ماڭسا، شىنجاڭ مەسىلىسى ھەل بولامدۇ؟»، «خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانداق چۈشىنىش ۋە قوللاشتا بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بىز سۆھبەتنىڭ داۋامى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-12-13
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-toxti-12132012154854.html?searchterm%3Autf8%3Austring=%D8%A6%D9%89%D9%84%DA%BE%D8%A7%D9%85+%D8%AA%D9%88%D8%AE%D8%AA%D9%89%3A+%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%D9%84%D8%A7%D8%B1+%D8%A8%D9%89%D9%84%DB%95%D9%86+%D8%AE%D9%89%D8%AA%D8%A7%D9%8A%D9%84%D8%A7%D8%B1%D9%86%D9%89%DA%AD+%D8%AA%DB%88%D9%BE+%D9%BE%DB%95%D8%B1%D9%82%D9%89+%DA%BE%D9%88%D9%82%DB%87%D9%82+%D9%85%DB%95%D8%B3%D9%89%D9%84%D9%89%D8%B3%D9%89

Share
2645 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.