logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئايالىنىڭ داۋاملىق ئەرز قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان

TKÜUGD, ÇİN HÜKÜMETİNİN GAZETECİLERİN TUTUKLANMASINDA LİDER ÜLKE KONUMUNDA OLDUĞUNU AÇIKLADI (AKİF YAMAN/BARTIN-İHA)

ئەركىن

15‏-يانۋار تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا 2 يىل بولدى. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشكەن.

گۈزەلنۇرنىڭ لى فاڭپىڭغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-تۈرمىدە ئېرى ئىلھام توختى بىلەن 2 قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىلھام توختى ئايالىدىن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى داۋاملىق ئەرز قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىلھام توختى 2014‏-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9‏-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئەمما سوتنىڭ ھۆكۈمى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنى «دەرھال قويۇپ بېرىش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى ئىلگىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنى «قەيسەر بولۇش» قا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-01152016163130.html

 

Share
1610 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.