logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان چاقىرىق ۋە پائالىيەتلەر -2

 

 017940972_30300

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014 – يىلى 15 – يانۋار ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىش، ۋە ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش پائالىيىتى باشلاندى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا پەرۋا قىلماي، شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىلھام توختىغا «مىللى قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىش تەلىپى بارغانچە كۈچەيدى. خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختى «قەلىمىگە تايىنىپ ئۆز مىللىتىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارە تەلەپ قىلغان قەھرىمان» دەپ تەرىپلىنىپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار تەسىس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە ئېرىشتى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.

2014 – يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن يۈز بەرگەن «15 – يانۋار ئىلھام توختى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى» ئەينى چاغدا خەلقئارادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارە تەلەپ قىلغان بىر زىيالىغىمۇ «مىللى قۇتراتقۇلۇقنى ئۇلغايتىپ، خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەندەك ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىر ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، شۇنداقلا شۇ يىلى 9 – ئايدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىققانغا قەدەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەي، تۈرمىدە ئېغىر قىيىن قىستاققا ئېلىنغانلىقى، ئادۋۇكاتلارنىڭ نورمال قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئىلھام توختىنى ئاقلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى، ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئىككى نارەسىدە بالىسى بىلەن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئايالى گۈزەلنۇر ۋە يۇرتى ئاتۇشتىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ داۋاملىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئىككى يىلدىن بۇيان قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

2014 – يىلى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان گۈزەلنۇر خانىم، ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋۇكاتلىرىدىن لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈئەن ئەپەندىلەر ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن – قىستاق ۋە بۇ ئائىلە ئۇچراۋاتقان بېسىملارنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى.

بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىللە ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە «ئۆز خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلرىنى تەلەپ قىلىش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان، ئۇيغۇر سەرخىلى» دەپ تەرىپلىنىپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار تەسىس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە ئېرىشتى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن يەنى 2014 – يىلى 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئۇنىڭ ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ «بار – بارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر مۇكاپات 1989 – يىلى تەسىس قىلىنغان ۋە ھەر قايسى ئەللىرىدىكى سۆز – پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان 42 يازغۇچىغا بېرىلگەن ئىدى.شۇ يىلى 5 – ماي كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

2014 – يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە زۇرنالىستلار مۇكاپاتى»، شۇ يىلى 31 – ئۆكتەبىر كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىپ قىلىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر تۈركىيىگە بېرىپ دادىسى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئەمما ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ۋە ئايالى گۈزەلنۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيىگە بېرىپ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، رادىئومىز ئارقىلىق 300 مىليون تۈرك دۇنياسىغا ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

2016 – يىلى 27 – ئاپرىل كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە 1991 – يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن ئەننالىست نامىغا تەسىس قىلىنغان «مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئاخىرقى تاللاش ئارقىلىق، بۇ يىل 7 – ئاي مەزگىلىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2016 – يىلى 11 – ئۆكتەبىر كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ساۋ ياشۈي خانىم ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسورى ئېللوت سپېرلىڭ ئەپەندىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، 2016 – يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قوللىشى بىلەن گېرمانىيىدە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، ياۋروپا بىرلىكىدىن ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا رەسمى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەلەپ قىلىندى. ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا ئىككى يىل تولغان مەزگىلدە يەنى 51 – سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار، ئۇكرائىنادىكى تاتار سىياسىيون مۇستافا جەمىلېۋ ۋە يەزىدى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نادىيە مۇراد قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭمۇ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللانغانلىقى جاكارلاندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09302016213640.html

Share
1354 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.