logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقچى

d955c656-1fc2-444f-8202-045b70b2dd4f

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن لى فاڭپىڭ دۈشەنبە كۈنى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 25-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئالتە نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى يىزۇ مىللىتىدىن بولغان بۇ يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ياكى قولغا ئېلىنغان مەزگىلىدە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. ئۇلار پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات، مۇتەللىپ ئىمىن، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، ئاتىكەم روزى، ئەكبەر ئىمىن ۋە يىزۇ مىللىتىدىن بولغان لو يۈۋېي قاتارلىقلار

ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتىغا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا قوشۇلغان. ئەمما سوتقا سىرتتىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ قاتناشسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىملار ئىلگىرى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا، سوت دائىرىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېلوسىنى ئىلھام توختى دېلوسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، لى فاڭپىڭنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېلوسىدا ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرى ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلىرى يېزىلاردا ياشايدىغان مۇتەللىپ ئىمىن قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان-قىلمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، بالىلىرى ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان ئاتا-ئانىلار ئىلھام توختى ئەپەندىگە «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆز بالىلىرى ئۈستىدىن چىقىرىلىش ئالدىدىكى سوت ھۆكۈمىگە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان 3 كۈنلۈك سوت جەريانىدىمۇ، ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھام توختى سوتىدا گۇۋاھلىققا چاقىرىش تەلىپى سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئوخشاشلا رەت قىلىنغان. سوتتىن كېيىن ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەنلەر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنىڭ خەلقئارا سوت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن

سوتتىن كېيىن ئادۋوكات ليۇ شۇۋيۈەن تۋىتېر تورىغا يوللىغان نارازىلىق ئۇچۇرىدا دائىرىلەرنى ئەيىبلەپ، «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىدا 9-ئايدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق سوت بولسۇن، ياكى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوت ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرزىدىن كېيىنكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختى قامالغان تۈرمىدە ئاچقان 2-قېتىملىق سوتى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بىز قاتناشقان سوتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئادالەتسىز سوت بولدى» دېگەن ئىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق جازا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ يىل 22-سېنتەبىر مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلاردا مەخسۇس ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم تارقىتىپ، بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلھام توختى ئۇيۇشتۇرغان ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇرۇھى» نىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر بىز تورى» ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان ماقالىلەرنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئۇلارنىڭ جىنايەت ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتكەن. دائىرىلەر يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات ۋە لو يۈۋېي قاتارلىق ئۈچەيلەننى تېلېۋىزوردا مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن «ئىلھام توختىنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇر بىز تورىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى» ھەققىدە بايانلارنى بەرگۈزگەن. ئەمما سوتتا ئۆزىنى ئاقلىغان ئىلھام ئەپەندى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ۋە ئايالى گۈزەلنۇر خانىملار بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان شارائىتتا يالغان ئىسپات بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى

بۇ يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە باشقا ئۇچۇر بەرمىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن، ئۇنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان سۆيگەن قىزى ئاتىكەم روزى ۋە بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر ئىمىن قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرلارنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى 10 ئايدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11242014153435.html

Share
1849 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.