logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

141125213026_t_624x351_ap

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن سەيشەنبە كۈنى سوت ئېچىلغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق، سەيشەنبە ئاخشامغىچە سوتنىڭ ھۆكۈمى ئاشكارىلانمىغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلھام توختىنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى «ئىقرار قىلغان» لىقى ئۈچۈن كەڭچىلىككە ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ بەزىلىرىنى تېلىۋىزورغا چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «جىنايىتى» نى تونۇشقا سالغان. ئىلھام توختى ئەپەندى تۈرمىدە تۇرۇپ ئېلان قىلغان خېتىدە ئۆزىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن رەنجىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەھدىت قىلىدىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۈگۈن يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنى سوتلىشى ۋە شۇنداقلا يۇقىرى سوتنىڭ ئىلھام توختىنى يەنە ئوخشاش جىنايەت بىلەن جازالىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان بۇ سوتلار «قىزىۋاتقان ئوتقا ماي چاچقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-tohti-oquchiliri-sot-11252014211008.html

Share
1460 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.